alip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 17:57:23

Google Translator گۇگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچە قوشايلى

Google translator (تۆۋەندە گۇگېل تەرجىمانى دەپ ئېلىندى.) نۆۋەتتىكى ئىنتىرنېت ساھەسىدە ھەممە ئېتراپ قىلغان ئىشىلتىش ئەڭ قولايلىق، تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغان ھەقسىز تەرجىمە قىلىش قورالى. نۆۋەتتە بۇ قورال دۇنيادىكى 52 چوڭ تىللارنى بىر بىرىگە تەرجىمە قىلالايدۇ. گەرچە تەرجىمە قىلىش سەۋىيىسى ئادەمگە يەتمىسىمۇ بىراق كۆرۈپ چۈشىنىشكە ۋە تەرجىمە قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئىشىلتىش ئەھمىيتىگە ئىگە.بۇ قورالنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ ئازراق ئىش قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش تامامەن مۇمكىن.
ئەگەر سىزدە بۇ قورال قوللىغان ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، تۈركچە قاتارلىق 30 خىل تىلنىڭ خالىغان بىرىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تېكىست بولسا، گۇگېل ھېسابىدىن بىرنى ئېچىپ ئۇ تېكىستنى Translator Toolkit (تۆۋەندە تەرجىمە قىلىش قورالى دەپ ئېلىندى) غا قوشۇپ قويسىڭىز ئۇيغۇرچە ماشىنا تەرجىمە قىلىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە بىر كىشلىك ھەسسىڭىزنى قوشقان بولىسىز. ئەگەر سىزدە ئۇنداق تېكىست بولمىسا، يۇقارقى تىللاردىن مەلۇم بىرسىنى بىلسىڭىز بىرەر تور بەتنى ياكى ۋىكىپىدىيادىن بىرەر ماقالىنى مەلۇم تىلدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بۇ ھەقتە بىر قانچە يىل بۇرۇن تېما يېزىلغان بولۇپ، نۇرغۇن تورداشلار كونكىرىت قانداق مەشغۇلات قىلدىغانلىقىنى بىلەلمەي تاشلاپ قويغان ئىدى. مەن تۆۋەندەGoogle Translator غائۇيغۇرچە سۆزلۈك قوشۇش ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمەن. مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق تەرجىمە قىلىنغان سۆزلۈكنى كۆپلەپ قوشساق مەلۇم چەككە يەتكەندە گۇگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلۇشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا سىز دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللاردىكى ئۇزۇن جۈملە، تېكىستلەرنىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا تىز سۈرئەتتە تەرجىمە قىلىپ چۈشىنەلەيسىز. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى بېلەت تاشلاشتىن ياخشى.
ئالدى بىلەن google ھىسابات نومۇرىڭىز بولۇشى كېرەك. بولمىسا gmail.com غا كىرىپ بىر ئې-مايىل ئىلتىماس قىلىپ تەييار قىلىڭ.
ئاندىن http://translate.google.com/toolkit/list?hl=en#translations/active گە كىرىڭ. ئېنگىلىز تىلىنى چۈشەنمىسىڭىز ئوڭ تەرەپ ئۈستى تەرەپتىكى settings نى بېسىپ كۆرۈنمە تىلىنى ئۆزىڭىز چۈشىنىدىغان بىرەر تىلغا تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ، مەسلەن: تۈركچە، خەنزۇچە... دېگەندەك. مەن خەنزۇچىگە تەڭشەپ مەشغۇلات قىلدىم.

بۇ رەسىمدىكىدەك ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ چاغدا 上传(ئېنگىلىزچىسى upload) نى باسساق تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ.

بۇ يەردىكى 添加要翻译的内容 تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەزمۇن قوشۇش دېگەن خەتنى باسسىڭىز بىر نەچچە تاللاش بار. 上传文件 ھۈججەت چىقىرىش. بۇ تۈرنى تاللىسىڭىز ئالدىن تەييارلاپ قويغان تەرجىمە قىلماقچى بولغان ھۆججەتنى چىقىرىسىز. ئوڭ تەرەپتە قوللايدىغان ھۆججەت تىپلىرى بار. قوشماقچى بولغان سۆزلۈك كۆپ بولسا مۇشۇ تۈرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. بىر قۇرغا بىر جۈملە يېزىپ، تېكىست فورماتىدا بولسا بولىدۇ.
تور بەت ۋە ۋىكىپېدىيەنى كىرگۈزۈش تۈرلىرىمۇ بار، شۇلارنىمۇ ئېھتىياجغا قاراپ تاللىسىڭىز بولىدۇ.
您要翻成什么语言 دېگەن يەردىن ئۇيغۇر تىلىنى تاللايسىز. دەسلەپتە ئۇ يەردە ئۇيغۇر تىلى كۆرۈنمەيدۇ. ئاستىدىكى خەت يازدىغان كۆزنەككە ug دەپ يازسىڭىز ئۇيغۇر تىلى دەپ چىقىدۇ، شۇنى تاللايسىز.

سۆز ئاز بولسا 输入文本 نى تاللاپ تەرجىمە قىلماقچى بولغان سۆز ياكى تېكىستنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.
مەسلەن: تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:


ئاندىن كېيىنكى قەدەمنى باسىسىز، ئېچىلغان كۆزنەكتىن 不用了 كۇنۇپكىنى بېسىۋەتسىڭىز بىرىنجى رەسىمدىكى ھالەتكە قايتىپ كېلىپ، سىز كىرگۈزگەن ھۆججەت نامى ياكى تېكىست كۆرۈندۇ، شۇ يەرنى باسسىڭىز تەھرىرلەش رايونى ئېچىلدۇ.



ئوڭ تەرەپكە سول تەرەپتىكى خەتنىڭ تەرجىمىسىنى كىرگۈزۈپ، ساقلاش، تاماملاشنى بېسىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

كېيىنكى قىسمىدا TMX ھۆججىتى ياساش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن.

رىۋايەت3 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 18:14:29

مەن بۇ قۇرالنىڭ ئىنگىلىزچە بىلەن تۈركچىسىنى كۆپ ئىشلىتەتتىم ئەمدى ئۇيغۇرچە قۇشۇلغان بولسا بىزلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەرجىمان بولۇپ قالىدۇ .

paypak يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 19:12:40

قاچانمۇ ئۇيغۇر تىلى
دونيادىكى چوڭ تىللار قاتارىغاكىرەر تىرشڭلا ئەزمەتلە

marxal يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 19:21:11

باشقا مۇنبەر ۋە سالۇنلاردا كۈچەپ تەشۋىق قىلدىغان تېما بوپتۇ.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 19:22:53

مۇمكىن بولسا مىسرانىم، ئىزدىنىشتەك چوڭراق بەتلەرگىمۇ يوللاپ قويسىڭىز ئوبدان بولاتتى.
يەنە بىلىكمۇ باركەن راس. ماۋۇ خەتلىك فىلىم بەتلىرىمۇ يىغىپ ساقلىغان يېزىق ھۆججەتلىرىنى يوللاپ قويغان بولسا خېلى كۆپ مەزمۇنلار يىغىلغان بولاتتى.

پىشكەل يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 20:14:36

بولساتېزراققۇشۇلسا بۇلىتى ئۇيغۇر تىلىمىزمۇ

ئودغۇر يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 20:27:36

ئۇنداق بولسا مەندە ئىرپان لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى بار, بىز بۇ سۆزلۈك ئامبىرى ۋە colurdic لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى گوگىل لۇغىتى ۋە Contribute لۇغىتىگە تەمىنلەپ بەرسەك بولمامدۇ ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 20:35:34

ئودغۇر يوللىغان ۋاقتى2014-4-13 20:27 static/image/common/back.gif
ئۇنداق بولسا مەندە ئىرپان لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى با ...

سىزدىكى ئىرپان لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى قانداق شەكىلدە؟ ئېچىپ كۆرگىلى بولامدۇ؟ شۇنداق بولسا ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭ، گوگۇلغا يوللاپ بېرەي. ھازىر بىر تۈمەندەك سۆزلۈك يوللاپ بولدۇم.

ئودغۇر يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 20:39:34

تېكىست شەكلىدىغۇ دەيمەن!تور دىسكامغا چىقىرىپ ھەمبەھرلەپ, ئادرېسىنى مۇشۇ تېمىغا قالدۇرۇپ قوياي!

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 21:05:13

بۇ بەك ياخشى تەكلىپكەن، ئىمكانى بارلا چۇقۇم تەرجىمىگە قاتنىشىڭلا.....

感情只是场骗局 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 21:18:41

مەن تىرىشىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى

ئالدىنقى مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېمىڭىزنى كۆرگەندىن بېرى

makan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 21:29:52

گۇئۇگلى ھىساباتىنىئالالمىدىم جىق ھەپىلشىپ يا تىلپۇندا ئاغىلى بۇلدمدۇبىزدەك ئىنگىلىسخەنزۇ تىلنى بىلمەيدىغانلا غا تەس بۇپقالىسىكەن   گۇئۇگلىنىڭ ئىمەئىل ھىساباتنى ئىلىشنى بىلدىغانلا تەپسىلى دەرىسلىك قىلىپ ئايرىم تىما يۇللىغانبۇساڭلا      ھەمىمىز ئۈگۈنىۋالساق   مەن گۇئۇگلىنىڭتۇركۈرگۈچىنى چۈشۈرگەن تىم ئىشلىتەلمىدىم   گۇئۇگلى ھىساباتى بۇلمىغاچقا   ھەمىمىز پايدىلنىپقاساق گۇئۇگلىدىن

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 22:09:03

altun يوللىغان ۋاقتى2014-4-13 21:52 static/image/common/back.gif
dbفورماتلىق سۆزلۈك با شۇنى txtكە ئالماشتۇرالىسىڭىز ئاش ...

سىزنىڭ دېگىنىڭىز stardict نىڭ سۆزلۈك ئامبىرى شۇ. مەندە ئۇ ئامبار بار. خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە جەمئى 750 مىڭدىن كۆپ سۆزلۈك.

makan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 22:21:43

altun يوللىغان ۋاقتى2014-04-13 22:08:27 static/image/common/back.gif


ئالاممىغىدەك تەس ئىش ئەمەس ، google.comدەپ كىرسىز ئىكرانن
رەھمەت

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-13 22:26:51

گوگۇلدىن تەرجىمە قىلدۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز جۈملە، تېكىست تەرجىمە قىلدۇرۇش. سۆزلەرنى تەرجىمە قىلدىغان لۇغەتلىرىمىز بار. ھازىرقى مۇھىم ئىش جۈملە ۋە تېكىستنى تەرجىمە قىلدۇرۇش.
شۇڭا گوگۇل تەرجىمانىغا كۆپ مىقداردا جۈملە تەرجىمىسنى كىرگۈزشىمىز كېرەك.
بەت: [1] 2 3 4
: Google Translator گۇگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچە قوشايلى