يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 02:15:43

ئىككىلىك سىستېما ۋە ئونلۇق سىستېما ھەققىدە چۈشەنچە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-29 02:21

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەنمۇ بىر يىڭى ئۈگەنگۈچى، شۇڭا خاتا كەتكەن جايلار بولسا تۈزۈتىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن!
مەيلى سىز قايسى پروگرامما لاھىيەلەش تىلىنى ئۈگۈنۈڭ ، مەيلى سىز قانداق پروگرامما تىلىدا يۇمشاق دېتال يىزىڭ ئىشقىلىپ قىلىۋاتقان ئىشىڭىز يانفۇن، كومپىيۇتىر قاتارلىقلار ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاتتىق دېتال بىلەن يۇمشاق دېتال بىر گەۋدە قىلغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىكلا بولسا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار سىزنىڭ چوقۇم ئۈگۈنىۋىلىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ!

بۇ تىمىدا بولسا ئاساسلىق قىلىپ ئىككىلىك سان سىستىمىسى ۋە ئونلۇق سان سىستىمىسى، ۋە ئۇنى چۈشۈنۈش، قىممەتلىرىنى بىر بىرىگە ئۆز ئارا ئايلاندۇرۇش قانۇنىيىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز،   
سىزنىڭ بۇ تىمامنى مۇشۇ قۇرلارغىچە ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت،   ئاخىرىنى يەنىمۇ تەپسىلى ئوقۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن!
ئۇنداقتا؛

ئونلۇق سان سىستېمىسى دىگەن نىمە؟
سان دىگەن ئۇقۇم ھەممىمىزگە ئىنتايىن ئايدىڭ،
مەكتەپتە ئۇقۇپ باققان ئادەملا بولسا ياق ھەتتا ئوقۇمىغان ئادەممۇ، ساننىڭ نىمىلىكىنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ!
ئۇنداقتا دەل بىز ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئاشۇ ھەر قانداق بىر ساننى 0، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9 قاتارلىق سانلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقىشقا بولىدىغىنىنىمۇ ھەممىمىز بىلىمىز،   دىمىسىمۇ ھەر قانداق بىر ساننى يۇقارقى سانلار بىلەن ئىپادىلەپ چىقىشقا بولىدۇ!
مەسىلەن؛ ھازىر مەن Office 365يۇمشاق دېتالىدا مۇشۇ يەرگىچە يازغان خىتىمنىڭ سانى 159 دانە،بۇنىڭدىكى 159 نى 1، 5، 9 لار ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىققىلى بولىدۇ!
يەنە مەسىلەن؛ بىز بىر ئۆينى 150300 گە سىتىۋالدۇق دەيلى،   بۇنىڭدىكى 150300 نى 1، 5 ، 3، 0 قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلەپ چىققىلى بولىدۇ!

مەيلى بىز ھەر قانداق بىر رەقەمنى يازايلى ئۇ بىز ئىنسانلار دائىملىق ئىشلىتىدىغان رەقەملا بولسا ئۇ رەقەمنى يەنى ساننى 0، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9 لاردىن ئىبارەت سانلار 10 دانە يەككە سانلار بىلەن ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ،مانا بۇ ئونلۇق سان سىستېمىسى،
يەنى يازغان ھەر قانداق بىر سان يۇقارقى 10 دانە يەككە ساننىڭ ئوخشىمىغان تەرتىپتە يىزىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ،مۇشۇ 10 دانە يەككە سان بىلەن ھەر قانداق بىر رەقەمنى ھاسىل قىلالايسىز! مانا بۇ ئونلۇق سان سىستېمىسى!
يەنى بىز ئىنسانلار ئونلۇق سان سىستىمىسىنى ئىشلىتىمىز!

ئۇنداقتا ئىككىلىك سان سىستېمىسى دىگەن نىمە؟
كومپىيۇتىر ۋە ھەر قانداق يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتال بىر گەۋدىلەشكەن ئۈسكۈنىلەر ئىككىلىك سان سىستىمىسىنى ئىشلىتىدۇ!
خۇددى بىز ئىنسانلار ئونلۇق سان سىستېمىسىنى ئىشلەتكەنگە ئوخشاش ئۇلار ئىككىلىك سان سىستېمىسىنى ئىشلىتىدۇ!
بۇ خۇددى ئامرىكىدا پۇلنى دوللار بىرلىكىدە ئىشلەتسە ياپونىيەدە ياپونىيە يىنى بىلەن، ياۋروپا ئىتپاقىدا ياۋرو بىلەن، دۆلىتىمىزدە يۈئەن بىلەن، ھىندىستاندا رۇپىيە بىلەن پۇلنىڭ بىرلىكىنى يەنى مىقدارىنى ئىپادىلىگەنگە ئوخشاش بىز رەقەمنى ئونلۇق سان سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ ئىپادىلىسەك قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال بىر گەۋدىلەشكەن ئۈسكۈنىلەر ئاساسلىق ھەممىسى رەقەمنى ئىككىلىك سان سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ ئىپادىلەيدۇ!

بىر دوللار مانچە يۈئەن دىگەنگە ئوخشاش ئونلۇق سان سىستېمىسىدىكى مانچە ئىككىلىك سان سىستېمىسىدا مۇنداق ئىپادىلىنىدۇ ... بۇلار ئىككىسىنىڭ ماھىيىتى ئوخشاش،
ئونلۇق سان سىستېمىسىدىكى يەنى بىز ئىشلىتىدىغان ھەر قانداق بىر سان 0، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9 قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلەنگەنگە ئوخشاشئىككىلىك سان سىستېمىسىدىكى ھەر قانداق رەقەم پەقەت 0 ۋە 1 دىن ئىبارەت ئىككىلا رەقەم بىلەن ئىپادىلىنىدۇ!
بىز ئونلۇق سان سىستېمىسىنى ئىشلىتىمىز، كومپىيۇتىر ئىككىلىك سان سىستىمىسىنى ئىشلىتىدۇ!   بىز ئۇيغۇرتىلىنى ئىشلىتىمىز، ئىنگىلىزلار ئىنگىلىزتىلىنى ئىشلىتىدۇ! بۇ خۇددى مۇشۇنداق گەپ،

ئونلۇق سان سىستېمىسى ۋە ئىككىلىك سان سىستېمىسىنىڭ پەرقى ئوخشاشلىقى
ئونلۇق سان سىستېمىسى يۇقارقىدا دىيىلگەندەك 0، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9 لاردىن تەركىپ تاپىدۇ،
ئىككىلىك سان سىستېمىسى 0 ۋە 1 دىن تەركىپ تاپىدۇ!
ئوخشاشلىقى بولسا؛
مەيلى ئونلۇق سان سىستېمىسى بولسۇن ۋە مەيلى ئىككىلىك سان سىستېمىسى بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا ھەر قانداق بىر ساننى ئىپادىلىيەلەيدۇ!
خۇددى ئىنگىلىز تىلىدىكى Computerدىگەن گەپ ئۇيغۇر تىلىدا كومپىيۇتېر دەپ ئاتىلىدۇ، مەيلى ئۇيغۇرتىلى بولسۇن مەيلى ئىنگىلىز تىلى بولسۇن ئىككىلى تىلدا ئوخشاشلا بىز ئىشلىتىۋاتقان كومپىيۇتىرنى كۆرسىتىدۇ،
شۇنىڭغا ئوخشاش ئىككىلىك سان سىستېمىسىدىكى ھەر قانداق بىر ساننى ئونلۇق سان سىستىمىسىدا ئىپادىلەشكە بولىدۇ!
ئونلۇق سان سىستېمىسىدىكى ھەر قانداق بىر ساننى ئىككىلىك سان سىستېمىسىدا ئىپادىلەشكە بولىدۇ!

ئۇنداقتا بۇ ئىككى سان سىستېمىسىدىكى قىممەتلەرنى بىر بىرىنىڭكىگە قانداق ئايلاندۇرىمىز؟

ئونلۇق سان سىستېمىسىدىكى 0 نى ئىككىلىك سان سىستېمىسىدا 0 بىلەن ئىپادىلەيدۇ!
ئونلۇق سان سىستېمىسىدىكى 1 نى ئىككىلىك سان سىستېمىسىدا 1 بىلەن ئىپادىلەيدۇ!
ئونلۇق سان سىستېمىسىدىكى 2 نى ئىككىلىك سان سىستىمىسىدىكى 0 ۋە 1 بىلەن ئايرىم ئىپادىلىگىلى بولمىغاچقا ئىككىلىك سان سىستېمىسىدا 0 ۋە 1 نى تەڭ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ،شۇنداق بولغاندا ئىككىلىك سان سىستېمىسىدا ئونلۇق سان سىستېمىسىدىكى 2 نى 10 بىلەن ئىپادىلەيدۇ!

تۆۋەندە ئونلۇق سان سىستېمىسى ۋە ئىككىلىك سان سىستېمىسىدىكى تەڭ بولغان قىممەتلەر بىرىلىدۇ! قىزىل رەڭلىك رەقەم ئونلۇق سان سىستېمىسىنى كۆك رەڭلىك رەقەم ئىككىلىك سان سىستىمىسىنى ئىپادىلەيدۇ!
0 = 0
1 = 1
2 = 10
3 = 11
4 = 100
5 = 101
6 = 110
7 = 111
8 = 1000
9 = 1001
10 = 1010
11 = 1011
12 = 1100
13 = 1101
14 = 1110
15 = 1111
16 = 10000
17 = 10001
……………
……………
……………
……………
ئەلۋەتتە يۇقارقى قىممەتلەرنى بىر بىرىگە ئۆز ئارا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ!
ئايلاندۇرۇشنىڭ مەلۇم بىر قانۇنىيىتى بار!

ئونلۇق سان سىستېمىسىنى ئىككىلىك سان سىستېمىسىغا ئايلاندۇرۇش!

(ساننىڭ خانىسىنى ئوڭ تەرەپتىن سول تەرەپكە قاراپ سانايمىز، يەنى ئوڭ تەرەپتىكى بىر خانە بىرىنچى خانە، ئوڭ تەرەپتىن سول تەرەپكە ساناشقا 2 خانە بولسا ئىككىنچى خانە، ئوڭ تەرەپتىن سول تەرەپكە ساناشقا 3 خانە بولسا ئۈچىنچى خانە ... ... بولىدۇ!)

سىز ئايلاندۇرماقچى بولغان ئونلۇق سان سىستېمىسىدىكى ساننى تەييارلايسىز،ئاندىن تۇنجى قەدەمدە 2 گە بۆلىسىز!
ئەگەر پۈتۈن بۆلۈنسە ئىككىلىك سان سىستېمىسىغا بىرىنچى خانىگە 0 نى يازىسىز، ئەگەر پۈتۈن بۆلۈنمىسە 1 نى يازىسىز دە كىلىپ چىققان بۆلۈنمىنىڭ پارچە سان قىممىتىنى چىقىرۋىتىپ يەنى 0.5 نى چىقىرۋىتىپ قىلىپ قالغان بۆلۈنمىنى يەنە 2 گە بۆلىسىز، ئەگەر پۈتۈن بۆلۈنسە ئىككىلىك سان سىستېمىسىغا ئىككىنچى خانىگە يەنى بىرىنچى خانىنىڭ سول تەرىپىگە 0 نى يازىسىز، ئەگەر پۈتۈن بۆلۈنمىسە 1 نى يازىسىز دە كىلىپ چىققان بۆلۈنمىنىڭ پارچە سان قىممىتىنى چىقىرۋىتىپ يەنى 0.5 نى چىقىرۋىتىپ قىلىپ قالغان بۆلۈنمىنى يەنە 2 گە بۆلىسىز،ئەگەر پۈتۈن بۆلۈنسە ئىككىلىك سان سىستېمىسىغا ئۈچىنچى خانىگە يەنى ئىككىنچى خانىنىڭ سول تەرىپىگە 0 نى يازىسىز، ئەگەر پۈتۈن بۆلۈنمىسە 1 نى يازىسىز دە كىلىپ چىققان بۆلۈنمىنىڭ پارچە سان قىممىتىنى چىقىرۋىتىپ يەنى 0.5 نى چىقىرۋىتىپ قىلىپ قالغان بۆلۈنمىنى يەنە 2 گە بۆلىسىز،... ... مۇشۇنداق دەۋرىيلەيسىز،تاكى چىققان بۆلۈنمىنىڭ پارچە قىممىتىنى چىقىرۋەتكەندىكى قىممىتى يەنى 0.5 نى ئىلىۋەتكەندىكى قىممىتى 0 گە تەڭ بولغانغا قەدەر!
ئاخىرىدا كىلىپ چىققان بۆلۈنمىنىڭ پارچە قىممىتىنى چىقىرۋەتكەندىكى قىممىتى يەنى 0.5 نى ئىلىۋەتكەندىكى قىممىتى 0 گە تەڭ بولغاندا سىز ئىككىلىك سىستېمىغا يازغان 0 ۋە 1 تۈزۈلگەن رەقەملەر بولسا سىز بايا ھىساپلىغان ئونلۇق سىستىمىدىكى ساننىڭ ئىككىلىك سىستىمىدىكى قىممىتى بولىدۇ!
مەسىلەن بىز بىر چاڭ ھىساپلاش ئىلىپ بارايلى،

(ئىككى سىستېمىدىكى 0 ۋە 1 نىڭ قىممىتى ئوخشايدۇ! سىزنىڭ چۈشىنىۋىلىشىڭىزگە قۇلايلىق بولىشى ئۈچۈن بۇنى ئايرىم مۇلاھىزە قىلىپ يۈرمەيمىز، سىز بۇ ئايلاندۇرۇش قانۇنىيىتىنى چۈشىنىپ بولغاندا ئۆزىڭىز مۇلاھىزە قىلسىڭىز نىمىشقا بۇ قىممەتلەرنىڭ ئىككى سىستېمىدىكى قىممىتىنىڭ ۋە ئىپادىلىنىشىنىڭ ئوخشاشلىقىنى چۈشىنىۋالىسىز!)

مەسىلەن مەن ئونلۇق سىستېمىدىكى 3 نى ئىككىلىك سىستىمىدىكى قىممەتكە ئايلاندۇرۇپ كۆرەي!
ئاۋال مەن ئىككىلىك سىستىمىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان ساننى يەنى 3 نى ئىككىگە بۆلدۈم، چىققان قىممىتى 1.5 يەنى پارچە سان چىقىپ قالدى! ئۇنداقتا ئىككىلىك سىستېمىنىڭ بىرىنچى خانىسىگە 1 نى يازدىم ئاندىن قىلىپ قالغان بۆلۈنمىدىن يەنى 1.5 دىن پارچە سان قىممىتىنى ئىلىۋىتىپ يەنى 0.5 نى ئىلىۋەتتىم، ئىلىۋەتكەندىكى چىققان پۈتۈن سان 0 گە تەڭ بولمىغاچقا داۋاملىق ھالدا كىلىپ چىققان پۈتۈن ساننى يەنى 1 نى ئىككىگە بۆلدۈم، كىلىپ چىققان بۆلۈنمە 0.5 يەنە پۈتۈن سان بولماي قالدى شۇڭا ئىككىلىك سىستىمىنىڭ 2 خانىسىگە يەنە 1 نى يازدىن، يىزىپ بولۇپ قىلىپ قالغان بۆلۈنمىدىن يەنى 0.5 دىن پارچە سان قىممىتىنى يەنى 0.5 نى ئىلىۋەتتتىم، قىلىپ قالغان سان 0 گە تەڭ بولۇپ قاپتۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھىساپلاش مۇشۇ يەردە توختىدى،قارىسام ئىككىلىك سىستېمىدىكى ئورۇنغا 11 نى يىزىپتىمەن،
مۇشۇ 11 بولسا ئونلۇق سىستېمىدىكى 3 نىڭ ئىككىلىك سىستېىدىكى قىممىتى شۇ،

ھىساپتىن يەنە بىرنى ئىشلەيلى؛
بىز ئونلۇق سىستېمىدىكى 7 نىڭ ئىككىلىك سىستېمىدىكى قىممىتىنى تىپىپ باقايلى!
ئۇنداقتا 7 نى ئىككىگە بۆلدۈم، چىققان سان پارچە سان، شۇڭا ئىككىلىك سىستېمىدىكى 1 خانىگە 1 نى يازدىم، 7 نى ئىككىگە بۆلگەندىكى قىممەتنىڭ پارچە سان قىممىتىنى چىقىرۋەتسەم 3 كىلىپ چىقتى، 3 نى ئىككىگە بۆلدۈم، 1.5 يەنە پارچە سان، شۇڭا ئىككىلىك سىستېمىدىكى 2 خانىگە يەنە 1 نى يازدىم، كىلىپ چىققان بۆلۈنمىنىڭ پارچە سان قىممىتىنى ئىلىۋىتىپ يەنە 2 گە بۆلدۈم، 0.5 كىلىپ چىقىپتۇ، شۇڭا ئىككىلىك سان سىستېمىسىدىكى 3. خانىگىمۇ 1 نى يازدىم، ئاندىن قىلىپ قالغان بۆلۈنمىنىڭ پارچە سان قىممىتىنى ئىلىۋەتسەم قىلىپ قالغىنى 0 بولۇپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن قارىسام ئىككىلىك سىستىمىغا 111 يىزىلىپ بوپتۇ ئەلۋەتتە مۇشۇ 111 بولسا ئونلۇق سىستىمىدىكى 7 نىڭ ئۆزى شۇ!

ئاخىرقى يەنە بىر مىسالنى ئىشلىۋىتەيلى ماقۇل؛
ئونلۇق سىستېمىدىكى 13 نىڭ ئىككىلىك سىستىمىدىكى قىممىتىنى تاپايلى!
13 نى 2 گە بۆلدۈم، ئىككىلىك سىستىمىنىڭ بىرىنچى خانىسىگە 1 نى يازدىم، 6 نى ئىككىگە بۆلدۈم، ئىككىلىك سىستىمىنىڭ بىرىنچى خانىسىگە 0 نى يازدىم 3 نى ئىككىگە بۆلدۈم ئىككىلىك سىستىمىنىڭ بىرىنچى خانىسىگە 1 نى يازدىم ، 1 نى ئىككىگە بۆلدۈم، ئىككىلىك سىستىمىنىڭ بىرىنچى خانىسىگە 1 نى يازدىم يەنە 2 گە بۆلەي دىسەم 0 بوپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالدىم!
ئىككىلىك سىستىمىدىكى قىممەتكە 1101 نى يىزىپتىمەن!
بولدى ، قالغىنىنى ئۆزىڭىز مەشىق قىلىپ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈڭ!

شۇنداق قىلىپ ئونلۇق سىستېمىدىكى سانلارنى ئىككىلىك سىستېمىغا ئايلاندۇرۇشنى ئۈگۈنۈپ ئۆتتۇق،ئەمدى ئىككىلىك سىستېمىدىكى سانلارنى ئونلۇق سىستېمىغا ئايلاندۇرۇپ باقايلى!

ئىككىلىك سىستېمىدىكى سانلارنى ئونلۇق سىستېمىغا ئايلاندۇرۇش

بۇ ئاسان،
ئىككىلىك سىستېمىدىكى ساننىڭ بىرىنچى خانىسىنى 1 گە كۆپەيتىپ نەتىجىسىنى ساقلىۋالىمىز،ئىككىنچى خانىسىدىكى ساننى 2 گە كۆپەيتىپ ساقلىۋالىمىز، ئۈچىنچى خانىسىدىكى ساننى 4 كە كۆپەيتىپ نەتىجىسىنى ساقلىۋالىمىز، تۆتىنچى خانىسىدىكى ساننى 8 كە كۆپەيتىپ نەتىجىسىنى ساقلىۋالىمىز، بەشىنچى خانىسىدىكى ساننى 16 كە كۆپەيتىپ نەتىجىسىنى ساقلىۋالىمىز، بەشىنچى خانىسىدىكى ساننى 32 كە كۆپەيتىپ نەتىجىسىنى ساقلىۋالىمىز، ئالتىنچى خانىسىدىكى ساننى 64 كە كۆپەيتىپ نەتىجىسىنى ساقلىۋالىمىز، ... ... تاكى ئىككىلىك سىستېمىدىكى سانلارنىڭ خانىسى تۈگىگۈچە! ئاندىن ھەممە خانىسىنى يۇقارقى سانلارغا كۆپەيتىپ چىقىپ ساقلىۋالغان نەتىجىلىرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئارا قوشىمىز! بۇ يەردە چىققان سان ھىلىققى ئىككىلىك سىستېمىدىكى ھىساپلىغان ساننىڭ ئونلۇق سىستېمىدىكى قىممىتى بولىدۇ!


مەسىلەن بىر مىسال ئىشلەپ باقايلى!
ئىككىلىك سىستېمىدىكى 11010 نىڭ ئونلۇق سىستىمىدىكى قىممىتى قانچە؟
ھىساپلىدۇق ئەمسە!
يۇقارقى ئىككىلىك سىستېمىدىكى بىرىنچى خانىدىكى ساننى 1 گە كۆپەيتسەم 0 چىقتى، بۇنى يىزىۋالدىم، يۇقارقى ئىككىلىك سىستېمىدىكى ئىككىنچى خانىدىكى ساننى 2 گە كۆپەيتسەم 2 چىقتى، بۇنى يىزىۋالدىم،
يۇقارقى ئىككىلىك سىستېمىدىكى ئۈچىنچى خانىدىكى ساننى 4 گە كۆپەيتسەم 0 چىقتى، بۇنى يىزىۋالدىم،
يۇقارقى ئىككىلىك سىستېمىدىكى تۆتىنچى خانىدىكى ساننى 8 گە كۆپەيتسەم 8 چىقتى، بۇنى يىزىۋالدىم،
يۇقارقى ئىككىلىك سىستېمىدىكى بەشىنچى خانىدىكى ساننى 16 گە كۆپەيتسەم 16 چىقتى، بۇنى يىزىۋالدىم،ئاندىن يىزىۋالغان ھەممە قىممەتلەرنى قوشتۇم يەنى 0 + 2 + 0 + 8 + 16 دەپ ھىساپلىدىم، نەتىجىسى 26 چىقتى، دىمەك ئىككىلىك سىستېمىدىكى 11010 نىڭ قىممىتى ئونلۇق سىستېمىدا 26 چىقتى

شۇنداق قىلىپ بۇلارنىمۇ ئۈگۈنۈپ بولدۇققۇ ھە؟

سىز كومپىيۇتىرغا ئونلۇق سان سىستېمىسىدىكى سانلارنى كىرگۈزگىنىڭىزدە كومپىيۇتىرىڭىز ئۇنىئاۋال ئىككىلىك سىستېمىغا ئايلاندۇرىۋىلىپ ئاندىن ئىچكى ساقلىغۇچىسىغا ساقلايدۇ!
سانلارنى سىزگە كۆرسەتكەندە بولسا ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ئىككىلىك سانلار سىستېمىسىنى ئاۋال ئونلۇق سانلار سىستېمىسىگە ئايلاندۇرۇپ ئاندىن بىزگە كۆرسىتىدۇ!

سان سىستېمىلىرىدىن يەنە كۆپ ئىشلىتىدىغان 16 خانىلىك سان سىستېمىسى بار،
ئۇ 0, 1, 2, 3, 4, 5, 6, 7, 8, 9, A, B, C, D, E, F قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدىغان بولۇپ چوڭ كىچىك يىزىلىشىنى ئايرىمايدۇ، تور بەتنىڭ رەڭ كودى، يەنە بەزى جايلاردا بۇ 16 خانىلىك سان سىستېمىسى ئىشلىتىلىدۇ،
بۇ سىستېمىنى چۈشىنىدىغانلار بولسا ئايرىم قىلىپ بىر تىما يوللاپ قويساڭلار خۇشال بولىمىز!
كىيىن ئاللاھ خالىسا يەنە بۇ سان سىستېمىسى توغرىسىدا توختىلىپ قىلىشىمىزمۇ مۇمكىن،
شۇنداق قىلىپ بۈگۈن ئۈگۈنۈش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ئاللاھ خالىسا تىنىچ-ئامان بولساق يەنە ھەممىمىز يەنە مۇنبەردە كۆرۈشەرمىز!

ئەگەر مۇشۇ توغۇرلۇق ياردەم ۋە مۇنازىرە ۋە باشقا ئىشلار بولسا بىلگىنىمچە، قۇربىمنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلىمەن!
تېمىنىڭ PDFنۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى

تىمىنىڭ Office 365 نىڭ Docx نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى

مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم    1100000101100001000001000001011    ( ئىككىلىك سان سىستېمىسى)
بىۋاستە ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نۇمۇرۇم 1110100000000001001000111100100100   ( ئىككىلىك سان سىستېمىسى)

ئاللاھقا ئامانەت

ataman138 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 10:47:41

بۇ دىگەنلىرىڭىز ئىلىكتىرون تېخنىكىسىنىڭ لوگىكا توك يۇلىنىڭكىگە ئوخشايدىكەن..

يۇلۇچى... يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 11:25:52

رەھمەت،    لىكىن سەل مۇرەككەپكەن دىققەت قىلمىسا ئاسانلا خاتالىشىدىكەن،

چ چنۇمۇرىڭىزنىمۇ ئالاھىدە قالدۇرۇپسىز بىر ھىساپلاپ چىقىرىپ باقاي ئاللاھ خالىسا توغرا تاپالىشىمغا ئىشىنىمەن:):):):):loveliness:

يۇلۇچى... يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 12:05:59

مەن خاتالاشتىممۇ ياكى سىناۋاتامسىلە؟؟؟؟؟؟؟؟؟

نەتىجە 5 خانىگىمىۇ يەتمەيدىكەن قانداقمۇ چ چنۇمۇرى ھاسىل بۇلىدۇ بۇنىڭدا؟؟؟؟؟؟ئ:o:o:o:o:o

ئابدۇللا يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 12:31:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇللا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-29 12:32

مەنمۇ ھىساپلاپ چىقاسام بىر تەتەيچاقنىڭ چ چ نۇمۇرىكەن

غازى يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 12:38:36

ۋەئەلەيكۇمئەسسالاممىنىڭ كاللام قوچۇلۇپ كەتتىچۈشنەلمىدىم

osmanturpan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 12:48:03

چ چ نومۇرى: 1622180363
يانفۇن نومۇرى: 15569555236

يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 13:08:02

ئاللاھقا شۈكىرى،
بىر قىرىندىشىمىزمۇ بولسا توغرا چىقىرىپتۇ!

mamad يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 14:12:52

2نىڭ دەرىجىسى بويىچە چۈشەندۈرگەن بولسىڭىز تىخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك چىقاتتى

يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 15:00:16

mamad يوللىغان ۋاقتى2014-3-29 14:12
2نىڭ دەرىجىسى بويىچە چۈشەندۈرگەن بولسىڭىز تىخىمۇ چۈشۈ ...

رەھمەت سىزگە،
مەن تولۇقسىزدا ماتېماتېكا دەرىس ۋاقتىدا ئويۇن ئويناپ ئولتۇراتتىم، مۇشۇنداق قىينىلىشنى بىلگەن بولسام ھەرگىزمۇ... ...
راس گەپ قىلسام مەن دەرجىگە كۆتۈرۈش دىگەننىڭ زادى نىمىنى كۆزدە تۇتقىنىنى بىلمەيمەن،   

ALper يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 15:48:28

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، بۇ بىلىمنىمۇ ئۆگىنىۋالدۇق. ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن. ئاۋۇ چ چ نومۇرىنى ھىساپلاپ 9 - خانىسىنىڭ كەينىنى ھىساپلاشقا كۆزۈم يەتمىدى. ھىساپلىغۇچ ئىشلەتمەي چىقىرىپ باقاي دىگەن.
ماتىماتىكا دەرسىدە سىركول بىلەن چەمبەر سىزىپ ئولتۇرغاننىڭ ئىشىدە بۇ :dizzy::dizzy::dizzy:

ilterish يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 23:38:19

رەھمەت سىزگە    چ چياكى ئۈندىدار نۇمرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز…ئاللاھ خالىسا مۇشۇ يۇمشاق دىتال كەسپىنى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇماقچىئىدىم ياردەم قىلسىڭىز ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن

qayghurma يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 01:26:27

راسلا پەيزىكەن ـ

تۈرگۈن يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 11:09:14

راستىنلا بىر ئۆگىنىپ قۇيۇشقا ئەرزىگۈدەك بىلىمكەن. جاپا تارتىپسىز.

yulgun9939 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 03:34:59

رەھمەت قېرىندىشىم... مانا سائەتنىڭ 1:30 بولۇپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن... شۇنداق ياخشى بىلىمكەن بۇ، مەنمۇ سىزدەك تېلېفۇن نۇمۇرۇم بىلەن QQ نۇمۇرۇمنى ھىساپلىغاچ ۋاقىتنىڭ بۇنداق تىز ئۆتۈپ كەتكېنىنىمۇ بىلمەپتىمەن، بۇنداق ئىشلارغا قانچىلىك ۋاقىت كەتسە ئەرزىيدۇ....
بەت: [1] 2
: ئىككىلىك سىستېما ۋە ئونلۇق سىستېما ھەققىدە چۈشەنچە