kerindax يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 00:01:48

مەۋھۇم NET مۇھىتى قۇرۇش دىتالى

C#,VB.NET دا تۈزۈلگەن دىتاللار ئەگەر ماس NETمۇھىتى بولمىسا نورمال ئىشلىمەيدۇ. نۆۋەتتىكى دىتال ئارقىلىق NET مۇھىتىدا تۈزۈلگەن دىتاللارنى، NETبولمىغان مۇھىتتا مەۋھۇم مۇھىت قۇرۇپ، نورمال ئىشلەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ بېرەلەيدۇ.
ئادەتتە Windows7,Windows8.1 دا netframework2.0 سىستېما بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن. لېكىنWindowsXp,Windows8دا ئايرىن قاچىلاش شەرت بولىدۇ.بۇ دىتال نۆۋەتتىكى netframework2.0 دا تۈزۈلگەن دىتاللارغىلا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن، دىتالىڭىزWindowsXp,Windows8 دا نورمال ئىشلەيدۇ.
ئىشلىتىش قوللانمىسى:
1- دىتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. قاچىلاش ئارلىقىدا ئىنگىلىسچە پىروگراممىدىن بىرى قوزغىلىدۇ. بۇنىڭ تاللانمىلىرىنى ئۆزگەرتمەي قاچىلسىڭىزلا بولىدۇ.
2- قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، مائوسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىغا "مەۋھۇم مۇھىت قۇرۇش" دېگەن تۈر قوشۇلىدۇ.
3- سىز تۈزۈپ بولغان پىروگراممىنى ئوڭنى چىكىپ، "مەۋھۇم مۇھىت قۇرۇش" دېگەن تۈرنى چەكسىڭىز ، نۆۋەتتىكى مۇندەرىجىگە «mdeployed» دېگەن مۇندەرىجىنى قۇرۇپ، شۇنىڭ ئىچىگە مەۋھۇم مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق بايلىق ھۆججەتلىرىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېلىدۇ. باشقا كومپىيوتېردا نورمال ئىجرا قىلدۇرۇش ئۈچۈن موشۇ ھۆججەتلەرنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش كېرەك. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئومومىي سىغىمى سەل چوڭ. ئەگەر بۇنداق بولىشىنى خالىمىسىڭىز ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
دىققەت:
1- بۇ دىتال ئىچىدە netframework2.0يوق بولۇپ، ئايرىم قاچىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى بۇ دىتالغا ھاجىتى چۈشكەن كىشىنىڭ كومپىيوتېرىدا چوقۇمكى netframework2.0قاچىلانغان بولىدۇ.
2- پىروگرامما ھۆججىتىنىڭ مۇندەرىجىسىدە ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە خەتلەر ئالاھىدە بەلگىلەر بولماسلىقى كېرەك ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.

elpida يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 00:39:23

Net Framework2.0 دىن يۇقىرى مۇھىت تەلەپ قىلىدىغانلىرىدا قانداق قىلىمىز؟زادى شۇ مۇھىتنى ھازىرلىغىلى سالامدۇ؟

musajan520 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 01:02:05

kerindax يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 01:20:52

elpida يوللىغان ۋاقتى2014-3-25 00:39
Net Framework2.0 دىن يۇقىرى مۇھىت تەلەپ قىلىدىغانلىرىدا قاندا ...

چوقۇم 2.0 بولىشى كېرەك. يوقىرى نەشىرلىرىنىڭ نەشىرنى چۈشۈرۈش كېرەك

يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 01:21:51

مەسىلەن net framework 3,net framework 3.5 ,net framework 4.0, net framework 4.5 لەرنىمۇ بولاقلاپ چىقارغىلى بولامدۇ؟
ياكى پەقەت net framework 2.0گىلا ئىشلەمدۇ؟
مەن بەكلا ئىھتىياجلىق ئىدىم،
تىز جاۋاپ قايتۇرسىڭىز!

يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 01:23:57

يۇقارقى 4.5 دىگەندەك نەشىرلەرگىمۇ ئىشلەيدۇ شۇنداقمۇ؟

kerindax يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 01:27:51

يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى2014-3-25 01:23
يۇقارقى 4.5 دىگەندەك نەشىرلەرگىمۇ ئىشلەيدۇ شۇنداقمۇ؟

ياق 2.0 دىن يوقىرى بولسا ئىشلىمەيدۇ

يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 01:29:55

kerindax يوللىغان ۋاقتى2014-3-25 01:27 static/image/common/back.gif
ياق 2.0 دىن يوقىرى بولسا ئىشلىمەيدۇ

ئاپلا،   ھەممىسىگە ئىشلىگەن بولسا ئاقچامنىڭ ھەممىسىنى بولسىمۇ بىرەتتىم...
ۋاي ئىسىت...

sewriyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 03:17:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sewriyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-25 03:18

يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى2014-3-25 01:29 static/image/common/back.gif
ئاپلا،   ھەممىسىگە ئىشلىگەن بولسا ئاقچامنىڭ ھەممىسىن ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنىم، سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟ مۇنبەردىكى ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىۋالسىڭىز سىزنى كىمكىن دەپتىمەن... مۇنداق ئىش مەن Android نىڭ ۋاقت رايونىغا ئۈرۈمچى ۋاقتىنى قوشۇش توغرىلىق ئىزدىنىۋاتقان ئىدىم ئەمما dat,idx, bin، soفورماتىدىكى تىكىست ھۆججەتلەرنى تەھرىرلەشكە توغرا كىلىپ بۇ ھۆججەتلەرنى تەھرىرلەشتە xp مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان ياخشىراق دېتال تاپالمىدىم. ۋاقتىڭىز يەتسە مۇشۇنداق ياخشىراق دىتال تەمىنلىسىڭىز بولاتتى.

abdullah83883 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 09:43:19

قممەت كەن:(:(:(

arman26 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 14:38:02

يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى2014-3-25 01:29 static/image/common/back.gif
ئاپلا،   ھەممىسىگە ئىشلىگەن بولسا ئاقچامنىڭ ھەممىسىن ...

بۇرادەر، c# نى بىللە ئۈگىنەي دەپ سىزگە ئۇچۇر يوللاۋاتقىلى بىر ئايدىن ئاشتى، ھېچ بىر جاۋاپ بەرمەيسىزغۇ؟ يا vb.net نى ياقتۇرمامتىڭىز؟

يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 17:18:51

arman26 يوللىغان ۋاقتى2014-3-25 14:38 static/image/common/back.gif
بۇرادەر، c# نى بىللە ئۈگىنەي دەپ سىزگە ئۇچۇر يوللاۋاتق ...

بەك خىجىلمەن،پروگرامما تىلى تۇرسا ئۇمۇ ، ئەلۋەتتە ياقتۇرىمەن،
مەن سىزنى قوشۇپ بولغانمۇ؟ ئادەتتە مەن مىنى قوشقانلارنى پەقەتلا رەت قىلمايمەن،
مىنىڭچە سىز مەندە بار،ئۇنداقتا تونۇشلۇق بەرسىڭىز...
بەك خىجىلمەن...

يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 17:24:19

sewriyar يوللىغان ۋاقتى2014-3-25 03:17 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنىم، سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟ مۇنبە ...

كەچۈرۈڭ،مەنمۇ پەقەت ئۇقمايدىكەنمەن،   ئەمەلىيەتتە ئۇلار لىنۇكىستا تۇرۇپ يىزىلغان سانلىق مەلۇماتلار بولغاچقا ۋىندوۋس ئۈستىدە تازا ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ،قىسقىسىso فورماتىدىكى ھۆججەت بولسا لىنۇكىسنىڭ كود ئامبىرى ھۆججىتى،ئۇ تىكىست ھۆججىتىدەكلا ئاددىي ھۆججەت ئەمەس، خۇددى ۋىندوۋسنىڭ dll ھۆججىتىگە ئوخشاش،شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ تەھرىرلەش ئۇسۇلىنى بىلمەيدىكەنمەن،
شۇڭا بۇ مۇنبەرنى قىزىپمۇ بۇنىڭ جاۋابىنى تاپالمايسىز،تىپىشقا مۇمكىن بولغان بولسا بىز ئاللىبۇرۇن 2.3 نەشىردىكى يانفۇنلارغا ئۇيغۇرچىنى قوللاتقان بولاتتۇق...مۇمكىن بولسا uyghurdev بۇنىڭ جاۋابىنى تىپىپ بىرەلەيدۇ!

يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 22:15:32

arman26 يوللىغان ۋاقتى2014-3-25 14:38 static/image/common/back.gif
بۇرادەر، c# نى بىللە ئۈگىنەي دەپ سىزگە ئۇچۇر يوللاۋاتق ...

مەن سىزگە قايىل جۇمۇ،
نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپسىز!
ئىشقىلىپ مىنىڭ سىز vb.netتا قىلغانلىرىڭىزنى c#تا قىلىشقا سەۋىيەم يەتمەيدۇ!
مەن مۇنداق ئويلىدىم،مۇشۇنداق بالىلار بىر يەرگە كىلىپ بىرەر ئىش قىلساق قانداق؟
پروگراممىنى سىز vb.netدە يىزىۋىرىسىز،مەنمۇ c#دا يىزىۋىرىمەن،ئاندىن پروگراممىمىزنى بىرلەشتۈرىمىز، يەنى ئۇلايمىز!
سىز shellبىلەن مىنىڭ پروگراممامنى پروگراممىڭىزغا ئۇلايسىز،
مەن processبىلەن سىزنىڭ پروگراممىڭىزنى پروگراممامغا ئۇلايمەن،
شۇنداق قىلىپ ئىش ئەپلىشىۋىرىدۇ!

ئەلىsayyid_ يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 11:38:25

قانداق سېستما :o
بەت: [1]
: مەۋھۇم NET مۇھىتى قۇرۇش دىتالى