ئودغۇر يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 23:52:35

sony يانفۇنلىرىنىڭ ئورگان رومىنى ئايرىۋېلىش ۋە يېشىش ئۇسۇلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئودغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-21 00:00

sony يانفۇنلىرىنىڭ ئورگان رومىنى ئايرىۋېلىش ۋە يېشىش ئۇسۇلى
1-        رومنى ئايرىۋېلىش:
ئاۋال flashtool دىتالىنىڭ 0.8.0.0 دىن يۇقىرى نەشرىنى قاچىلىشىڭىز شەرت.
FlashTool دىتالىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ،drivers ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى drivers.exe ھۆججەتنى ئىجرا قىلىپ قوزغاتقۇچ پروگراممىلارنى قاچىلايمىز. قاچىلاش جەريانى تۆۋەندىكىچە :





مانا مۇشۇ باسقۇچلار ئارقىلىق قوزغاتقۇچ پروگراممىلار قاچىلىنىدۇ.
1.        ئورگان رومىنى ئايرىۋېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى- سىز كومپيۇتېر ئارقىلىق يانفۇننىڭ سېستىمىسىنى يېڭىلىغان ياكى تۈزەتكەن بولسىڭىزلا،مۇناسىپ مۇندەرىجە ئىچىدەروم ھۆججەتلىرى ساقلانغان بولىدۇ.
ۋىندوۋس يەتتە سېستىمىسىنى مىسال قىلساق ،كومپيۇتېر ئارقىلىق روم چۈشۈرۈش مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ :
C:\ProgramData\Sony Ericsson\Update Engine\db\13740270\blob_fs6 UG2 a* m

سۈرەتتىكى رامكىغا ئېلىنغان سىغىمى ئەڭ چوڭ ھۆججەتنى كۆچۈرۋېلىپ ،يېڭى بىر قىسقۇچ قۇرۇپ شۇ يەرگە ساقلايمىز. مەسىلەن : ئۈستەل يۈزىگە بىر قىسقۇچ قۇرۇپ ئىسمىنى u بولسۇن دەيلى :
C:\Users\Administrator\Desktop\U
يۇقىرقى ئىككى ھۆججەەتنى مۇشۇ يەرگە كۆچۈرىمىز.
Flashtool دېتالىنى ئېچىپ ، ئالىي تىزىملىكىدىن رومنى تاللاپ يېشىمىز:

چىققان كۆزنەكتىن يېشىش باشلامچىسىنى تاللاپ ،باياتىنقى قىسقۇچنى كۆرسىتىپ بېرىمىز ۋە جەزملەشتۈرىمىز : مەسىلەن :
(C:\Users\Administrator\Desktop\U)




سول تەرەپتىكى ئىككى ھۆججەتنى ئوڭ تەرەپكە يۆتكەپ ،جەزملەشتۈرىمىز :


بىر ئازدىن كېيىن u قىسقۇچى ئىچىدە يېشىلگەندىن كېيىنكى ھۆججەتلەر پەيدا بولىدۇ:

روم يېشىلىپ بولدى .
2.        ئەمدى بىز ftf. * ھالەتتىكىرومنى بولاقلايمىز :
u قىسقۇچىنى ئېچىپ كېرەكسىز ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋېتىمىز (رەسىمدىكىدەك):

كېرەكسىز ھۆججەتلەرنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ،بىزگە loader.sin ناملىق بىر ھۆججەت لازىم بولىدۇ ، بۇ ھۆججەت بولغاندىلا ئاندىنftf. *ھالەتتىكى رومنى بولاقلىيالايمىز .
بۇ ھۆججەتنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
چۈشۈرگەندىن كېيىن u قىسقۇچى ئىچىگە كۆچۈرىمىز. u قىسقۇچى ئىچىگە كىرىپ ھۆججەتلەرنى ئىسمى بويىچە رەتكە تىزىمىز.
تىزىشتىن بۇرۇن:

تىزغاندىن كېيىن:

Flashtool نى ئېچىپ ئالىي تىزىملىكتىن روم بولاقلاش تۈرىنى چېكىمىز. چىققان كۆزنەكتىن رومنى بولاقلاپ چىقىرىش ئورنىنى كۆرسىتىپبېرىمىز(يايامقىغا ئوخشاش ).
ئوڭ تەرەپتىكى ئۇچۇر كۆزنىكىنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، سول تەرەپتىكى ھەممە ھۆججەتنى ئوڭ تەرەپكە يۆتكەپ جەزملەشتۈرىمىز.


بىر ئازدىن كېيىن روم بولاقلىنىدۇ:

بولاقلانغان ftf. * ھالەتتىكى روم flashtool دېتالىنىڭ firmwares قىسقۇچى ئىچىدە پەيدا بولىدۇ.



مانا ئەمدى ئورگان رومىغىمۇ ئېرىشتۇق ، بۇ رومنى flashtool دېتالى ئارقىلىق يانفۇنغا يېزىشقا بولىدۇ.
2-        sin ھۆججىتىنى يېشىشى
1. flashtoolدېتالىنى ئېچىپ ئالىي تىزىملىكتىنSIN Editorنى تاللايمىز. چىققان كۆزنەكتىن SINھۆججىتىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز:





يېشىلگەن ھۆججەتنىڭ نامى system.ext4 بولىدۇ .
2. بۇ system.ext4 ھۆججىتىنى ext2explore دېتالى ئارقىلىق ئاچقىلى بولىدۇ:


ھۆججەتنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن ext2explore كۆزنىكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ساقلاش ( save ) نى بېسىپ ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن جەزىملەشتۈرىمىز :


ئەڭ ئاخىرىدا system.sin ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنىڭsystem قىسقۇچى ئىچىگە يېشىلگەنلىكىنى كۆرىمىز:

مانا ئاخىرى sin ھۆججىتىنىمۇ يېشىۋالدۇق .
3. مانا ئەمدى بۇ ھۆججەتلەردىن zip ھالەتتىكى روم بولىقى ياسامسىز ياكى رومنى تەرجىمە قىلامسىز ئىختىيار ئۆزىڭىزدە !

رەسىملەر دەل جايىغا چىقماي قالدى ، تەرتىپ بويىچە تۈزىتىپ كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

wirus007 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 00:56:00

ھەجەپ مۇرەككەپكىنا

nasridin يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 00:59:52

!!!rahmat , alla   siz   ga   ajer   bar   sun

imran2580 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 10:06:26

قېرىنداشلا مىنىڭ tcl j320c تېلفۇنۇم ئۇيغۇر فوند ئالماشتۇرۇش جەريانىدا قوزغالماس بۇلۇپ قالدىتىيەن يۈ سۇرفىڭ دەپلا تۇرتۇبۇنى ئوڭشاش ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلا بولسا ياردەم قىلاسىلە100 يۈەنسوۋغائۈندىدار 1783993519

simsimtamqa يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 11:45:56

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ، ياخشى تىمىللىرىڭىز ئزلۇپ قالمىسۇن:D

ئىمام786 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 17:22:03

imran2580 يوللىغان ۋاقتى2014-3-21 10:06 static/image/common/back.gif
قېرىنداشلا مىنىڭ tcl j320c تېلفۇنۇم ئۇيغۇر فوند ئالماشتۇر ...

مەن بىلەنئالاقىلىشىڭ ! ئۈندىدار نۇمۇرى: 1692139100
قوشقان ۋاقىتتا تېلېفۇنىڭىزنىڭ تىپىنى كىرگۈزۈپ قويۇڭ.

Ahmetjan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 23:54:50

ياخشى رەھمەت

ئودغۇر يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 01:37:47

بۇ دەرسلىكنىڭ PDFنۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭلار@

shayim يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 23:07:10

بۇ سونىي تىلفونلارنى روتلىسا ياكى سېستىمىسىنى يەڭگۈشلىۋەتسە فوتو ئاپاراتىنىڭ شىياڭسۇ سى تۆۋەنلەپ كېتەمدۇ قانداق؟ مەندە st25iدىن بىرسى باتتى.سۈرەتكە تاتسا بۇرۇنقىدەك سۈزۈك تاتماس بولىۋالدى.

imran2580 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 14:09:58

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالپتىكى قېرىنداشلىرىم مىنىڭ خوڭمى1sc يانغۇنۇمنى شۇۋاجى ياكى روت داشى نىڭ ھېچ قايسىسى تۇنۇمىدى شۇڭا ئالىپ ئەھلى ياردەم قىلساڭلا

imran2580 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 13:00:13


ئەسسەلامۇئەلەيكۇمئالپ ئەھلى
بەت: [1]
: sony يانفۇنلىرىنىڭ ئورگان رومىنى ئايرىۋېلىش ۋە يېشىش ئۇسۇلى