شەرەر يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 11:31:42

شەرەر ئەپ تەرجىمە قىلىش قۇرالى 3.0

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەرەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-2 10:13

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار.
شەرەر ئەپ تەرجىمە قىلىش قۇرالى 2.0 تارقىتىلغاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىغا مۇيەسسەر بولدى. شۇ قاتاردا نۇرغۇنلىغان ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەرمۇ چۈشتى. بىز مۇشۇ تەكلىپ-پىكىرلەرگە ئاساسەن بۇ دېتالنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلاپ چىقتۇق.
يېڭى نەشىردىكى يېڭىلىقلار تۆۋەندىكىچە:
1.كۆرۈنمە يۈزى سىپتىلاشتۇرۇلدى.
2.تەرجىمە قىلىش جەريانىدىكى كۆچۈرۈش قۇلايسىزلىقى تۈزۈتىلدى.
3.ئامبار زاپاسلاش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
4.بەزى ئۇششاق خاتالىقلار تۈزۈتىلدى.
يەنە باشقا قوشۇلغان ئىقتىدارلارنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باققايسىلەر.

ئالاقىدار رەسىملەر:




چۈشۈرۈش ئادرېسى

دۇنيادا 100%لىك ئىش بولمىغىنىدەك بۇ دېتالدا يەنە بايقالمىغان خاتالىقلار بولىشى تەبىئىي شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلىرى بولسا بىزگە يەتتۈزۈپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاخىرىدا قېرىنداشلارنىڭ ئەپ تەرجىمە ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئالاقىدار يازمىلار:
شەرەر ئەپ تەرجىمە قىلىش قۇرالى(Android)
شەرەر ئەپ تەرجىمى قىلىش قۇرالى 2.0

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-25 17:12):
دېتال دەرىسلىكى ۋە سۆزلۈك ئامبىرى:
/thread-28722-1-1.html

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-6-6 15:24):
شەرەر ئەپ تەرجىمە قىلىش قۇرال دەرسلىكى ۋە سۆزلۈك ئامبىرى
/forum.php?mod=viewthread&tid=28722


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-7-17 11:31):
دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://share.weiyun.com/36055e675d6d35ec355f296901313407

تولۇقلىما مەزمۇن (2015-2-8 23:05):
دېتالنىڭ ئەڭ يېڭى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://xarar.u.qiniudn.com/Shere_Ep_Terjime.exe

رىۋايەت يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 12:37:18

ماۋۇ نۇسخىسى پەچەت چىقىپتۇ ،يارايسىز ،

شەرەر يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 12:18:52

ئىلگىركى نەشىرنى ئىشلىتىۋاتقان قېرىنداشلار، دېتالنىڭ نەشىر يېڭىلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ دېتالنى يېڭىلىۋالسا بولىدۇ.

♥ئەزھەر♥ يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 12:30:41

مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ يېڭىلىياممىدىم

♥ئەزھەر♥ يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 12:32:43

ماۋۇنىلا چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەك بولاۋېرىدىغاندۇ؟

(kaysar) يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 12:43:30

ئاندىرۇئىد نۇسخىسى بامىدۇ؟

sirim يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 12:56:22

ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلغاي قىرىنداشلىرىم
مىللىتىمىز تىلىمىز ئۇچۇن بىر كىشىلىك توھپە قوشۇپسىلەر ئىشلىرىڭلار ئاسانلىق بولغاي

{W@P@S!Z} يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 13:04:03

ئاللائىشىڭلارغا   بەركەت   بەرگەي

abudugupur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 13:05:11

روم تەرجىمە قىلۋاتقانلار ھەم ئەپ تەرجىمە قىلۋاتقان دوسلار سۆزلۇك ئامبىرنى زاپاسلاپ يوللاپ قويسا ئەپ تەرجىمە قىلىش تىخمۇ ئاسان بولاتتى .

ئىجادكار يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 13:05:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىجادكار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-2 14:35

مەن بىر ئەپنى تەرجىمە قىلدۇرسام 8% تەرجىمە قىلدى، ئامبارنى قانداق قوشۇشتىن تەلىم بەرسىڭىز، mdbشەكلىدىكى ئامبارنى قوللايدىكەن، بۇنداق سۆزلۈك ئامبىرىنى نەدىن تاپقۇلۇق،ئامبار دىكى سۆزلۈك سانى سەل ئازكەن.دىتال بولدىكەن، ئامبارغا كۈچىسە بولغۇدەك.
يەنە بىرگەپ، دىتال ساپ ئۇيغۇرچە ،سىپتا چىقىپتۇ، بەزىلەر مۇشۈنچىلىك دىتال ياسىيالىغان بولسا 200 ئاقچىغا سېتىشتىن يانمايتى، سىزنىڭ ھەقسىز قىلغانلىقىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم.

(kaysar) يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 13:08:00

دۇسلا ئاندىرۇئىد تىلفۇندىمۇ ئەپ تەرجىمە قىلغىلى بۇلا مۇ ؟

amanilla يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 13:09:50

تەرجىمە قىلماقچى بولغان ئەپنىبۇدېتالغا قانداق ئەكىرىمىز؟

@QaWaNDAZ@ يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 13:11:40

يانفۇندا ئەپ تەرجىمە قىلىپ يىغىلىپ قالغان لۇغەتلەرنى قوشقىلى بولامدۇ،كومپىيوتېر نۇسقىسىغا

AK@ يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 13:12:23

(kaysar) يوللىغان ۋاقتى2014-3-2 12:43 static/image/common/back.gif
ئاندىرۇئىد نۇسخىسى بامىدۇ؟

تىمىغا بەكرەك سەپ سىلىپ قاراڭ تۇرمامدۇ ئەنە

ئىسمايىل يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 13:26:01

ئاندىرۇئىد نۇسخىسى بامىدۇ؟
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8
: شەرەر ئەپ تەرجىمە قىلىش قۇرالى 3.0