ئابدۇللا يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 10:26:46

دىتاللارنى ئوغۇرلاشنىڭ ھۆكۈمى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
مەن بىلىك كۇلۇبىغا تىزىملىتىپ كەلگەندىلا، نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە يۇمشاق دېتاللارنى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئوغۇرلۇقچە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش، بۇزۇش، چۇۋۇش، ئەسلىگە ياندۇرۇش ... قاتارلىق ئىشلارنىڭ قەتئىلا ھارام بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «يۇمشاق دېتاللاردىكى ھارام» ئۇقۇمىنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈشكە تىرىشقان ئىدىم.
بۇنىڭدىكى ئۆزەمنىڭ دەلىلى بولسا، «مۇسۇلمان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ»، «مۇسۇلمان باشقىلارنىڭ مەنپەتىگە زىيان سالمايدۇ»، «اللە 2 خىل كىشىنىڭ گۇناھىنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ، ئۇنىڭ بىرى اللە غا شېرىك كەلتۈرگۈچى؛ يەنە بىرى، كىشىنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋالغۇچى» ... دىگەندەك مەزمۇنلاردىكى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىكى بايانلار ئىدى.
نەشىر ھوقۇقى قوغدىلىدىغان دېتاللارنى كومپيۇتېرغا قاچىلىغاندا (ئورناتقاندا) «بۇ دېتالنى كۆچۈرۈشكە، تارقىتىشقا، بۇزۇشقا بولمايدۇ... بۇ ئەھدىنامىگە قوشۇلسىڭىز [ھەئە، قوشۇلىمەن] دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، ئەھدىنامىگە قوشۇلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ، قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ...» دىگەندەك مەزمۇنلار بار. بىز مۇشۇ ۋاقىتتا [ھەئە، قوشۇلىمەن] دىگەن كۇنۇپكىنى باسقىنىمىزدا، گەرچە بىزنى باشقىلار كۆرسۈن-كۆرمىسۇن، اللە ۋە پەرىشتىلەر چوقۇم كۆرۈپ تۇرىدۇ. يۇمشاق دېتاللارنى ئوغۇرلاپ تۇرۇپ، «ئەھدىگە قوشۇلىمەن» دەپ باشقىلارنى، بەندىلەرنى ئالدىيالىغىنىمىز بىلەن، اللە نى، پەرىشتىلەرنى ئالدىيالمايمىز. ئاقىۋەتتە ۋە قىيامەتتە پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزنىلا ئالدىغان بولىمىز.
بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ، ئىزدىنىش تورىغا كۆچۈرۈپ چاپلانغان يۇمشاق دېتاللارنى ئوغۇرلاپ ئىشلىتىشنىڭ ھۆكۈمى ھەققىدىكى بۇ پەتىۋانى ئۇچرىتىپ قالدىم ۋە بىلىك كۇلۇبىغىمۇ بىر نۇسقا كۆچۈرۈپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئەسكەرتىپ قويىدىغان بىر نۇقتا: ساجىيە تورىدا، ئەزھەر ئۇنۋېرىستېتىنى پۈتتۈرگەن دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمىتۇللا قېرىندىشىمىز ساجىيە تورىنىڭ سۇئال-جاۋاپلار بۆلىكىدە «نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە يۇمشاق دېتاللارنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشلىتىشى ئۈچۈن كۆچۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ» دىگەن بىر باياننى بېرىپ قويغان. گەرچە دىنى بىلىمىم بۇ دوكتۇردىن بەك تۆۋەن بولسىمۇ، مەن بۇ جاۋاپقا مەڭگۈ قايىل بولمايمەن. بىزدىكى بىر كەمتۈكلۈك، پەننىي زىيالىلار دىنىي بىلىملاردىن خەۋەرسىز، دىنىي زىيالىلار پەننىي بىلىملەردىن خەۋەرسىز بولۇپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، بەزى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش زۆرۈردۇر.
تۆۋەندىكىسى ئىزىدىنىش تورىدىن كۆچۈرۈلگەن، پەتىۋانىڭ ئەينەن نۇسقىسى:
كومپىيۇتېرنىڭ ۋە باشقا دېتاللارنى ئوغرىلىقچە كۆپەيتىشنىڭ ھۆكۈمى
18453-نومۇرلۇق
سوئال: مەن كومپىيۇتېر دېتال ساھەسىدە ئىشلەيمەن. بۇ ئورۇندا ئىشقا چۈشكەندىن بېرى گەرچە، دېتالدا بەزى كىتابلاردىكى «نەشر ھوقۇقى ئىگىسىگە خاس. باشقىلارنىڭ كۆپەيتىپ بېسىشىغا بولمايدۇ» دېگەندەك ئەسكەرتىش مەزكۇر دېتالدىمۇ بار بولۇپ، «دېتالنى كۆپەيتىش ھوقۇقى ئىگىسىگە خاس، باشقىلارنىڭ كۆپەيتىشىگە رۇخسەت يوق» دەپ يېزىقلىق بولسىمۇ، دېتال ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا ئىشلىتىدىغانلارغا كۆپەيتىپ بېرىۋاتىمەن. بۇ دېتاللار مۇسۇلماننىڭمۇ، كاپىرنىڭمۇ بار. سوئالىم مۇشۇ. بۇ خىل شەكىلدە كۆپەيتىشىم توغرىمۇ-خاتا؟
جاۋاب: دېتال ئىگىسى رۇخسەت قىلمىغان ئەھۋالدا كۆپەيتىش توغرا ئەمەس. چۈنكى رەسۇلۇللاھ: «مۇسۇلمانلار شەرتلەرگە رىئايە قلىش كېرەك» دېگەن. (ئەبۇداۋۇد، ھاكىم توپلىغان، ئالبانى سەھىھ دەپ باھالىغان.)
يەنە رەسۇلۇللاھ: «كىمىكى ئەھدىلەشكەن تۇرۇپ زۇلۇم قىلسا، ياكى نەرسىسىنى كېمەيتىۋەتسە، ياكى ھەددىدىن ئارتۇق تەلەپ قويسا، ياكى رازى قىلماي ئورۇنسىز نەرسىسىنى ئېلىۋالسا، قىيامەت كۈنى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى تەرەپتە تۇرۇپ، ھەققىنى ئېلىشىغا ياردەم قىلىمەن» دېگەن (ئەبۇداۋۇد توپلىغان، ئالبانى سەھىھ ھەدىس توپلىمى 445-نومۇرلۇق ھەدىس
شۇڭا، دېتاللار ئىگىسى مەيلى مۇسۇلمان ياكى كاپىر بولسۇن ئوخشاشلا ھوقۇقى قوغدىلىدۇ، پەقەت ھەربى ھالەت بۇنىڭ سىرتىدا. كاپىرنىڭ ھەققىنى ئېلىۋېلىش مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى ئېلىۋالغان بىلەن ئوخشاش.
مۇۋەپپەقىيەت ئەللاھتىندۇر. ئەللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئائىلىسىگە، ساھابىلىرىغا رەھىم قىلغاي، ئۇلارنى سالامەت قىلغاي.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، پەتىۋا دائىمى ئورنى
رەئىس مۇفتى: بىن باز.
مۇئاۋىن رەئىس مۇفتى: ئابدۇلئەزىز ئالشەيخ
ئەزا مۇفتى: سالىھ فەۋزان.
ئەزا  مۇفتى: بەكرى ئەبۇزەيد

مەنبە: http://www.alifta.net
www.bilik.biz
www.izdinix.com
(ئەسكەرتىش: باشقا يەرگە كۆچۈرگۈچىلەر مەنبەسى بىلەن كۆچۈرگەي)
كۆچۈرۈلگەن مەنبە :ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى

ئابدۇللا يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 10:32:57

مىنىڭ شەخسى كۆزقارىشىم ئالپ مۇنبىرىدىكى روم تەرجىمانلىرى ، ئەپ تەرجىمانلىرى شۇنداقلا ئەپ ياسىغۇچى قىرىنداشلار ، ئۆزۈڭلار ياسىغان ئەپ ۋە تەرجىمە قىلغان روم ، ئەپ قاتارلىقلارنى سىڭدۈرگەن ئەجىرىڭلار ھەم ئىشلىتىش قىممىتىگە قاراپ ھەقلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ئاقچىسى بارلار ئاقچىغا سىتۋالسۇن ئاقچىسى يوقلار كوت - كوت ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئالاقىلىشىپ سىتۋالسۇن

iBiLGe99 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 10:45:28

مەن رەم ياساتماقچى ئىدىم؟كىمنى ئىزدەيمەن؟كىم ھالاللىق بىلەن رەم ياساپ تارقىتىدۇ؟كىم رەمنىڭ راسلىقىغا ۋە ناۋادا يانفۇنغا قاچىلاپ يانفۇن كېسەك بۇلۇپ قالسا يانفۇن قىممىتىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ...
ئوپپو ئېكىس909ت يانفۇنى ئىدى.يېڭى نەشىردىكى رەمنى نەچچە يۈەن تەرجىمە قىلىسىلەر.........

♥ئەزھەر♥ يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 11:00:43

توۋا ئەمدى ..........................بولدىلا.

esl يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 11:01:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esl تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-2 11:06

ئەلھەمدۇلىلاھ بەرھەق.
ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇپىدا بەزى بالىلار بۇدىتال ھەققىدە ھۆكۈم پەتۋا يوق ,بۇ دىتال كومپيۇتىر تىخى يىقىندا پەيدا بولغان تۇرسا دىگەندەك غاپىل ئنكاسلارنى يىزىپتۇ.ئاللاھ ھەممنى يوقتىن بار قىلغۇچى ,ھەممنى بىلگۈچى ھەممىگە قادردۇر.قۇرئان كەرىم ۋە سەھھ ھەدسلەرتوغرا يولنى كۆرسەتكۈچى جەۋھەردۇر .ھەممىزنىڭ بىلىپ -بىلمەي ئۈتكۈزگەن گۇناھلىرمزنى ئاللاھ كەچۈرگەي.(ئامىن)

يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 11:04:15

رەھمەت تىما ئىگىسى،
مىنى توغرا يولغا باشلىغان بۇ تىمىڭىزغا رەھمەت!
بۇ تىما مەن ئۈچۈن بەكمۇ قىممەتلىك تىما بوپتۇ،   بۇ دۇنيالىقىمىزنى دەپ ئۇ دۇنيالىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ!

tarim99 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 11:08:43

يىشىۋېتىلگەن دىتالنى ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەككەن ،كىنو خۇمارلارنىڭمۇ كوچىغدىكى ساختا پىلاستىنكىلارنى ئالغاندائويلىشىپراق ئېلىشىنى ئۈمىد قىلمەن …

ئابدۇللا يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 11:44:41

شەخسەن مەنمۇ كومپىيۇتىرىمغا win 8.1 نى سىتۋىلىپ قاچىلاپ ئىشلىتۋاتىمەن ، يەنە ئۆزۈمنىڭ SKY a880sتېلىفۇنۇمغا روم ياسىتىمەن ، روم ئۇستىلىرى ئالاقىلىشىڭلار باھاسىنى بەك تالىشىپمۇ كەتمەيمەن ،
شەرتى : چوقۇم ئورگان رومىنى تەرجىمە قىلىسىز ، تەرجىمىنىڭ ئىملاسى ۋە تەرجىمىسى چوقۇم 99% تىن يۇقىرى بۇلۇشى كىرەك ، روم پۈتكەندىن كىيىن سىناپ سىناقتىن ئۆتسە روم تەرجىمە قىلغۇچى ئۆزىنىڭ نامىدا ھەقلىق تارقاتسا بولىدۇ .
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى : كوت- كوت ۋە ئۈندىدار 583319384

paypak يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 12:04:40

مەنمۇ قۇللايمەن .يەنە مىنىڭ سەنشىڭi929نىڭ ئۇچ تور قوللايدىغان زاۋۇت رومنى تەرجىمە قىلدورىمەن .پۇلدا چاتاق يۇق روم تەرجىمانلىرى ئالاقىلەسشەڭلا.چچ2389050001

bahit8 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 12:07:11

بۇ تېمادا ئىيتىلغان بايانلارغا مەنمۇ قۇشۇلىمەن.
ئەگەز كۈزىتىدىغان بولساق تورخانا كىنو خانا ئىشخانا ۋاھاكازا ھەممە يەردە ئىشلىنىۋاتقان سېستىمىنىڭ ھەممىسى يېشىۋىتىلگەن.يەنە ئىچكىرلەيدىغان بولساق پىرس يۇمشاق دىتاللىرىمىزمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە.
تېخى بەزىلەرگە ئاداش ئوغرى سېستىما ئىشلىتىۋەرمەي سېتىۋالە دىسەم ئەغىنا ماۋۇنى ئۈچ كويغا ئالغانمەن ھەرگىز ھەقسىز ئەمەس دەپ تۇر ۋالىدۇ.
:L

tewbe يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 12:11:32

بۇ يەردەئوغۇرلىسىڭىز. ئوغۇرلاپ كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز.ئوغۇرلاپ پايدىلانسىڭىز بولمايدۇ دەپتۇ ....لىكىن پۇلغا سىتۋىلىپباشقىلارغا ساتسىڭىز .ياكى باشقىلارغا بىكارغا بەرسىڭىز بولمايدۇ دىمەپتۇ...........

DAWUT يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 12:12:34

ۋاججىنەم مەن بەك جىق يۈكلىۋالدىممۇخەقنىڭ ھەققىنىgoogle playۋەsamsung appsتىكى ھەقلىق ئەپلەرنىڭ يىشۋىتىلگەن نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن ئىدىم خەنلەرنىڭ بازىرىدىن:L

tewbe يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 12:15:34

tarim99 يوللىغان ۋاقتى2014-3-2 11:08
يىشىۋېتىلگەن دىتالنى ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەكك ...

ھاھاھاماۋۇ ئىنكاسنىڭ قىزىقارلىقىنى...سىز مەيلى ساختاپىلاستىنكىنى كۆرۈڭ . ياكى ھەقىقى پىلاستىنكىنى كۆرۈڭ ئوخشاشلا ھارام.قىممەترەك پىلاستىنكىنى سىتۋالغىنىڭىزكىنونىڭ ھارام لققغا بىر جازاغا تااتىلسىڭىز. پۇلنىڭ ئاز كۆپلىكىگە يەنە بىر جازاغا تارتىلىسىز.......

DAWUT يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 12:16:41

لىكىن يىشۋىتىلگەن ئەپ بىلەن ئەسلى ھەقلىق ئەپنى قويساھىچ ئىككىلەنمەي بىكارلىق يىشۋىتىلگىنىنى تاللايمەن بۇندىن كىيىنمۇ:) مېنىڭ تاللىشىمنىڭ ئەكسىچەپۇلغائىلىپ ئىشلىتىدىغان دوسلارمۇبەك جىق ھەقىچان :lol

uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 12:22:04

tewbe يوللىغان ۋاقتى2014-3-2 12:11 static/image/common/back.gif
بۇ يەردەئوغۇرلىسىڭىز. ئوغۇرلاپ كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز.ئ ...

كىيىم، يانفون، كومپىيۇتېر قاتارلىق ماددى نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ باشقىلارغا ساتسىڭىز شۇ نەرسىنىڭ ئۆزىنى بىرىسىز، سىزدە قالمايدۇ . ياكى سىزدىكى بىر سانى ئازلايدۇ. بۇنى سېتىۋېلىپ ساتتى دەيمىز.
يۇمشاق دېتالنى سېتىۋېلىپ يەنە باشقىلارغا كۆپەيتىپ ساتسىڭىز سىزدىمۇ بىر نۇسخا قالىدۇ، سىزدىكىسى ئازلىمايدۇ. ئۇنى يەنە باشقىلارغا ساتىسىز. يۇمشاق دېتالمۇ ماددى نەرسىگە ئوخشاش سېتىۋەتسىڭىز سىزدە قالمىسا دېگەن گېپىڭىز ئورۇنلۇق بولاتتى. ئەمما سىز بىرنى سېتىۋېلىپ چەكسىز كۆپەيتىپ سېتىۋېرىسىز، بۇنىڭ ئوغۇرلۇقتىن پەرقى يوق.
بەت: [1] 2 3
: دىتاللارنى ئوغۇرلاشنىڭ ھۆكۈمى