lonely يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 16:20:15

كۇپەي 8056 نىڭ ئېكران قۇلۇپىنى يېشىشكە ياردەم قىلساڭلار!

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى قېرىنداشلار!
بىر دانە كۇپەي 8056 نىڭ ئېكران سان-سىفىرلىق قۇلۇپىنى يېشىشتە قىينىلىپ قېلىپ، بىلىدىغانلار بارمىكى دەپ بۇ تېمىنى يېزىشىم! تېلىفۇن usb ھالەت ئېچىلمىغان، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاچالمىدىم. مەنبە كۇنۇپكىسى بىلەن ئاۋاز يۇقۇرىلىتىشنى قوشۇپ بېسىپ تەڭشەش ھالىتىگە كىرسەم، ھەممىسى ئېنگىلىزچە ئىكەن. قايتا سېستىما يېزىۋەتسەممۇ مەيلى ئىدى. لېكىن سېستىما نەشىرىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. (بىر تونۇشۇمنىڭ ئىدى، ھېچنىمە بىلمەيدۇ، ئۇقمايلا قۇلۇپ سېلىپ قويۇپ ئاچالماپتۇ).
مۇشۇنداق چىقتى:

ئاندىن view phone test result دېگەننى باستىم. باسقاندىن كېيىن بۇ ئۇچۇرلار چىقتى، لېكىن ھېچقايسىنى تاللىغىلى بولمايدىكەن. مەنبە ياكى ئاۋاز كۇنۇپكىسىنى باسساملا چېكىنىپ 1- رەسىمدىكى ھالەتكە ئۆتىدۇ!

قۇلۇپ بۇزۇش ياكى قايتا سېستىما يېزىشقا ياردەم قىلساڭلار. ئاندىروئىدنى ئانچە ئۇقۇپ كەتمەيمەن.
مۇنبەرنى ئاختۇرۇپ ماس كېلىدىغان تېمىنى تاپالمىدىم. ھەممىسى دېگۈدەك usb ئوچۇق بولسا ئاندىن ئوڭشىغىلى بولىدىغان ئۇسۇل ئىكەن!

kapsiz30 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 17:45:06

بىلدىغانلار دەپ بەرسەڭلا بىزمۇ بىلۋالساق

ئەفسۇس يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 17:49:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەفسۇس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-21 17:53

كومپىيۇتېرغا چاتسىڭىز ئىنكاس بارمۇ يۇقمۇ؟
QQ:493252294
ياردەملىشەي.كۇپەينىڭ تىلفۇنلىرىدىن بىر قانچىنى ئوڭشاپ باققانتىم...ياردىمىم تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس

merdan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 18:07:57

تېلېفۇننىڭ ئاستى كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ تېلېفۇننى قوزغاتسىڭىز بىخەتەر ھالەتتە قوزغىلىدۇ، بىخەتەر ھالەت دېگەندە ئېكراندا 安全模式دېگەن خەت چىقىدۇ، بۇ ھالەتتە ئاچقاندىن كېيىن ئېكران سۇلاق ھالەتتە ھالەت ئىستونى پەسكە سېيرىلىدۇ ، پەسكە سېيرىپ تەڭشەشنى ئېچىپ ئاندىن usb ھالەتنى قوزغىتىڭ، قالغىنىنى كومپىيوتىردا قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ئاستى كونۇپكىنى بېسىپ 安全模式 غا كىرەلمىسىڭىز ئۈستىنى بېسىپ تورۇپ قوزغىتىپ سىناپ كۆرۈڭ.

cj038 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 18:16:45

/thread-26237-1-1.htmlبۇ تېمىدىكى ئۇسۇلنى قوللىنىپ بېقىڭ ........

rixtam يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 18:23:41

مەنمۇ جاۋاپ بېرىپ باقايمۇ؟ ئەڭ ئاۋال مەنبە كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ ئىچىلىپئېكرانغا رەسىم چىققىچە دەرھال ئاۋاز ئاستى كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ .
مەنبە كۇنۇپكىسىنى بېرەر سىكىنۇت بېسىپلا ئاندىن ئاۋاز ئاسىتى كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ .قالغىنىنى بىلەرسىز ھەقاچان:lol:lol:lol

margan65 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 18:51:58

ماۋۇ دوستىمىزدىگەندەك قىلىپ زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇڭ

lonely يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 19:12:18

رەھمەت قېرىنداشلىرىم! بايام تېمام تەستىقلانماي، خەنچە تورلارنى ئاختۇرسام چىققان ئىدى:
مەنبە كۇنۇپكىسى بىلەن ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كۇنۇپكىسىنى 15 سىكۇنت ئەتراپىدا بېسىپ تۇرسام، ئېكراندا تېلىفۇن بىلەن ئۈندەش بەلگىسىنىڭ رەسىمى چىقتى، دەل شۇ چاغدا دەرھاللا ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كۇنۇپكىسىنى قويىۋېتىپ ئاۋاز يۇقۇرلىتىش كۇنۇپكىسىنى باسسام ئاندىن 恢复 ھالەتكە كىردى، شۇ ئارقىلىق ئەسلىگە قايتۇرۇپ ئوڭشىۋالدىم! ئاندىروئىدنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، خالىساڭلار دوستلارغا ئالما توغرىسىداا پايدىلىق نەرسىلەرنى يوللايمەن!

lonely يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 19:56:52

ئۇيغۇرچە قوللايدىغان قىلىشتا سەل قىينىلىۋاتىمەن:dizzy:

18099871828 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 21:15:38

مەن ياردەم قىلاي   
چ چ:2474849906

18099871828 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 21:17:46

merdan يوللىغان ۋاقتى2014-02-21 18:07:57 static/image/common/back.gif
تېلېفۇننىڭ ئاستى كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ تېلېفۇننى قو
ئاستى كۇنۇپكا دىگەن قايسى؟

merdan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 21:56:06

18099871828 يوللىغان ۋاقتى2014-2-21 21:17
ئاستى كۇنۇپكا دىگەن قايسى؟

ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كونۇپكىسى

kapsiz333 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 09:45:42

تىلفۇننىڭ ئىكىراندىكى شۇ قۇلۇپنىمۇ رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتمەپسىز.كۇپەي دەئالاھىدە بىر خىل قۇلۇپ با.ئۇنىڭغا سىستىما يېزىش زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇش دىگەنلە كار قىلمايدۇ.
شۇ سان كىرگۈزدىغان قۇلۇپنى كۈرۈپ دىئاگىنوز قويساقئېچىش ئۇسۇلىنى تاپقىلى بۇلاتتى

kapsiz333 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 10:02:02

酷派防盗安全密码 دىگەندەك خەت چىقامدىكەن يا باشقىمۇ.

anayurt907 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 15:32:18

مەنبە كۇنۇپكىسى بىلەن ئاۋاز تۇۋەنلىتىش كۇنۇپكىسىنى بىرلا ۋاقىتتا 20سېكونت ئەتراپىدا باسسىڭىز،قۇرۇلۇش ھالىتىگە كىرىدۇ ،شۇنىڭدىن ئۇستىدىن ئۇچىنچىسىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ
بەت: [1] 2
: كۇپەي 8056 نىڭ ئېكران قۇلۇپىنى يېشىشكە ياردەم قىلساڭلار!