Arduino-ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق سەزگۈچ ئارقىلىق تىزگىنلەش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-17 23:17ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئېلېكتىرون،Arduino ھەۋەسكارلىرى! ھەممىڭلارغا كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام!
بىرقانچە كۈندىن بىرى خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ۋاقتىدا تېما يوللىيالمىدىم،بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورايمەن.«يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس....» دىگەندەك،بەزىدە قىلاي دىگەن ئىشلىرىمغىمۇ ۋاقىت چىقىرالماي كىتىپ بارىمەن،شۇڭا ئەيىپكە بۇيرىمغايسىزلەر!
بۈگۈنكى تېمىدا ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق سەزگۈچ ئارقىلىق يىراقتىن تىزگىنلەش توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىمەن ۋە شۇنىڭغا مۇناسېۋەتلىك تەجىرىبىلەرنى ئىشلەپ ئۆتىمىز.
تەجرىبىگە كېرەكلىك دىتاللار:ئاردىينۇ تاختىسىدىن بىردانە (خالىغان تىپىدىن)،ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق سەزگۈچنىڭ قوبۇل قىلىش لامپىسىدىن بىردانە، تىزگىنەك(ئۆيدىكى تىلۋېزورنىڭ تىزگىنىكى بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ،ساق ئىشلەيدىغىنىدىن)،كۆنەكسىمان تەجرىبە تاختىسى،LED لامپىسىدىن بىر دانە،5 دانە ئۇلاش سىمى.
ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق سەزگۈچ بىزگە ئەڭ تونۇش،ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئېلېكتىرون دىتالى بولۇپ،بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى يىراقتىن تىزگىنلىندىغان ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە دىگۈدەك ئىشلىتىگەن بولۇپ،مەزكۈر سەزگۈچ ئىككى قىسىمدىن تۈزلىدۇ،بىرى سگنال قوبۇللاش بۆلىكى،يەنە بىرى سگنال چىقىرىش بۆلىكى(يەنى قولىمىزدىكى تىزگىنەك شۇ)،ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق سەزگۈچنى Arduinoغا ئۇلاپ ئىشلىتىش ئىنتايىن قولاي بولۇپ،بۇ سەزگۈچ ئارقىلىق كۆكچىش،wifi ۋە باشقا سىمىسىز سگنال يەتكۈزۈش مودىللىرىنىڭ ئورنىدا سىمسىز كونترول قىلىش قۇرۇلمىلىرىنى ياساشقا بولىدۇ،تەننەرىخنى زور دەرىجىدە تىجەپ قالغىلى بولسىمۇ،ئەمما سگنال ئۇزىتىش ئارلىقى قىسقا،مۇقۇملىقى ۋە ئىشەنچىلىكى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇشتەك كەمچىلىكى بار،قالغىنى قېرىنداشلىرىمىز بىرەر قۇرۇلما ياسىغان ۋاقىتتا تەجرىبە قىلىپ بىقىپ،ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىكىنى ئۆزى قارار قىلغاي،(ئەمما ئەتراپىمىزدىكى بەزى يانفۇن ئارقىلىق كونترول قىلىندىغان ئويۇنچۇق ئايرۇپىلان ۋە ماشىنىلارغا ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق سەزگۈچ ئارقىلىق يىراقتىن تىزگىنلەش تېخنىكىسى قوللىنىلغان).
1.قوبۇللاش سەزگۈچى ئارقىلىق تىزگىنەك كودىنى ئوقۇپ كېرىش
ئالدى بىلەن كۆپچىلىككە ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغىنىم: مەن بۇ تەجرىبىدە ئىشلەتكەن ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق قوبۇللاش سەزگۈچىنى بىر دانە تاشلىۋىتىلگەن بۇزۇق VCD نىڭ ئىچىدىن سۆكۈپ ئالغان،ئىمكانىيەت بولۇپ قالسا،پۇلغا سېتىۋىلىشنىلا ئويلىماي ئىزدىنىپ كۆرۈڭلار،بىراق يېڭىسىنى بۇزۇشقا بولمايدۇ.
توك يول سېخمىسى تۆۋەندىكىچە:
پروگرامما تۈزۈش توغرىسىدا ئەسكەرتىش: ئېسىڭىزدە بولسا مەن ئىلگىركى تېمىلىرىمدا ئامبار ھۆججىتى دىگەن گەپنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدىم،بۈگۈن بۇ تەجرىبىنىڭ پروگراممىسىدا تۇنجى قېتىم ئامبار ھۆججىتىنى قوللىنىمىز،پروگرامما كودىدىكى بىرىنچى قۇر كود#include
چۈشۈرۈش مەنزىلى: چۈشۈرگەندىن كىيىن پرىستىن يىشىشنى ئۇنۇتماڭ،شۇنداقلا كۆرستىلگەن جايغا كۆچۈرۈشنى ئۇنۇتماڭ.
توك يول سخېمىسىدا كۆرستىلگىنى بويىچە توك يولنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، Arduino نىڭ توپلاشما ئىجادىيەت مۇھىتىنى ئېچىپ تۆۋەندىكى پروگرامما كودىنى كىرگۈزۈڭ.#include
const int irReceiverPin = 11;// kobullax putini 11 put kilip balgulex
IRrecv irrecv(irReceiverPin);
decode_results results;
void setup()
{
Serial.begin(9600);
irrecv.enableIRIn();// infira kobullax ditalini kozgitix
}
void loop()
{
if (irrecv.decode(&results)) {
Serial.print("irCode: ");
Serial.print(results.value, HEX); // tizginak code numurini koristix
Serial.print(",bits: ");
Serial.println(results.bits); // hana sanini korsitix
irrecv.blink13(1);
irrecv.resume(); //kiyinki siginalni dawamlik kobul kilix
}
delay(600); // saklax
}پروگرامما كودىنى تەكشۈرتۈپ،خاتالىق بولمىغاندىن كىيىن،Arduino توك يول تاختىسىغا يوللاڭ.
ئاندىن Arduino توپلاشما ئىجادىيەت مۇھىتى كۆزنىكىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقارقى بۇرجىكىدىكى لوپا ئەينەك شەكىلىدىكى كونۇپكىنى بىسىپ،ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىش ئىغىزىنى نازارەت قىلىش كۆزنىكىنى ئېچىڭ.ئاندىن قوللىڭىزغا تىزگىنەكنى ئېلىپ،قوبۇللىغۇچقا قارىتىپ ھەرقايسى كونۇپكىلىرىنى بېسىڭ،كۆزنەكتە تىزگىنەك كونۇپكلىرىنىڭ كودى سۈرلۈپ كۆرنىدۇ.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
بۇ كودلارنى قايسى كونۇپكىنىڭ كود بولسا ئىسمى بىلەن بىرلىكتە ئوبدان خاتىرلىۋىلىڭ،كىيىن پروگرامما تۈزگەندە ئىشلىتىسىز.
تۆۋەندىكىسى مەن تەجرىبە قىلغان ئەھۋالنىڭ ئەمەلى كۆرنۈشى: (يانفۇندا سۈرئەتكە ئىلىنغان)
http://v.youku.com/v_show/id_XNjc0MzI1MTc2.html
2. تىزگىنەك ئارقىلىق LED نىڭ ئۆچۈپ،يېنىشىنى كونتىرول قىلىش
ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى توك يول سخېمىسى بويىچە توك يولنى قۇراشتۇرۇپ چىقىڭ،(ئىلگىركى توك يولنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ،بىر دانە LED لامپىسنىڭ مۇسبەت قۇتۇبىنى3-نۇمۇرلۇق رەقەملىك ئۇلىنىش پۇتىغا،مەنپى قۇتۇبىنى ئاردىينۇ توك يول تاختىسنىڭ GND ئۇلىنىش پۇتىغا ئۇلاڭ).
تۆۋەندىكى تەجرىبىنى ئىشلەشتىن ئاۋۋال،1-تەجرىبە بويىچە قولىڭىزدىكى تىزگىنەكنىڭ خالىغان ئىككى دانە كونۇپكىسنىڭ كودىنى تېپىپ خاتىرلەڭ،(بىرسىنى چىراغنى ياندۇرۇشقا،يەنە بىرسىنى ئۆچۈرۈشكە ئىشلىتىسىز)،ئادەتتە تىزگىنەك كونۇپكا كودى 16لىك سىستېما بويىچە كۆرۈندىغان بولۇپ،يەنى مېنىڭ قولۇمدىكى تىزگىنەكنىڭ «Power»،«LED» كونۇپكىلىرىنىڭ كودى40BF58A7 ،40BF9867 دەك بولۇپ،بۇنى بېۋاستە پروگرامما ئىچىگە يازساق،پروگرامما كودىدا خاتالىق كۆرۈلىدۇ،شۇڭا بۇ كودنىڭ ئالدىغا «0x» نى قاتساق،خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ.يەنى: «0x40BF9867» دەك،شۇڭا سىز تۆۋەندىكى پروگرامما ئىچىدىكى تىزگىنەك كودى بار جاينى تېپىپ ئۆزىڭىزنىڭ تىزگىنىكىزنىڭ كودىغا ئالماشتۇرۇشنى ئۇنتۇتماڭ.
Arduino نىڭ توپلاشما ئىجادىيەت مۇھىتىنى ئېچىپ تۆۋەندىكى پروگرامما كودىنى كىرگۈزۈڭ.#include
int RECV_PIN = 11;//infira kizil nurluk kobullighuch ulinix puti
int LED_PIN=3;//LED ning ulinix puti.
IRrecv irrecv(RECV_PIN);
decode_results results;
void setup()
{
Serial.begin(9600);
irrecv.enableIRIn(); // kobilliguqni kozgitix
pinMode(LED_PIN,OUTPUT);//
}
void loop() {
if (irrecv.decode(&results))
{
if (results.value==0x40BF9867)//tizginaktiki "led" konupkisning codi
{
Serial.println(results.value, HEX);//
Serial.println();//
digitalWrite(LED_PIN,HIGH);//LED yandurux
Serial.println("tun on LED: "); // arkimu arka kuzitix koznikiga uchur korsitix
}
else if (results.value==0x40BF58A7)// tizginektiki "power" konupkisning codi
{
digitalWrite(LED_PIN,LOW);//LED ni oqurux
Serial.println(results.value, HEX);
Serial.println();
Serial.println("tun off LED: "); //
}
irrecv.resume();
}
}پروگرامما كودىنى تەكشۈرتۈپ،خاتالىق بولمىغاندىن كىيىن،Arduino توك يول تاختىسىغا يوللاڭ.
ئاندىن Arduino توپلاشما ئىجادىيەت مۇھىتى كۆزنىكىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىش ئىغىزىنى نازارەت قىلىش كۆزنىكىنى ئېچىڭ.قولىڭىزدىكى تىزگىنەكنى قوبۇللاش لامپىسىغا قارىتىپ بېسىڭ.ئەگەر ھەممە ئىش نۇرمال بولسا،لامپا يانىدۇ،ھەمدە كۆزنەكتە «tun on LED:» دىگەن ئۇچۇر كۆرنىدۇ.
تۆۋەندىكىسى مەن تەجرىبە قىلغان ئەھۋالنىڭ ئەمەلى كۆرنۈشى: (يانفۇندا سۈرئەتكە ئىلىنغان)
http://v.youku.com/v_show/id_XNjc0MzMyNDA4.html
تېلىۋېزورنىڭ تىزگىنىكى ئارقىلىق LEDنىڭ ئۆچۈپ يېنىشىنى كونترول قىلىش
باشقا جەرىيانلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى تەجرىبىگە ئوخشايدۇ،ئوخشىمايدىغان يىرى تۆۋەندىكى پروگرامما كودى(قەدەم،باسقۇچلار قىسقارتىلدى):#include
int OUT_PIN = 11;
int LED_PIN=3;
IRrecv irrecv(OUT_PIN);
decode_results results;
void irdisplay(unsigned long value)
{
switch(value){
case 0x33B800FF:
digitalWrite(LED_PIN,LOW);
Serial.println("Power");
break;
case 0x33B88877:
digitalWrite(LED_PIN,HIGH);
Serial.println("LED");
break;
}
}
void setup()
{
Serial.begin(9600);
irrecv.enableIRIn();
pinMode(LED_PIN,OUTPUT);
}
void loop()
{
if (irrecv.decode(&results))
{
irdisplay(results.value);
irrecv.resume();
}
}پروگرامما كودىنى تەكشۈرتۈپ،خاتالىق بولمىغاندىن كىيىن،Arduino توك يول تاختىسىغا يوللاڭ.
ئاندىن Arduino توپلاشما ئىجادىيەت مۇھىتى كۆزنىكىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىش ئىغىزىنى نازارەت قىلىش كۆزنىكىنى ئېچىڭ.قوللىڭىزدىكى تىزگىنەكنى قوبۇللاش لامپىسىغا قارىتىپ بېسىڭ.ئەگەر ھەممە ئىش نۇرمال بولسا،لامپا يانىدۇ،ھەمدە كۆزنەكتە «Power»،«LED» دىگەن ئۇچۇرلار كۆرنىدۇ.
پروگرامما كودىغا دىققەت قىلغان بولسىڭىز،ئىككىلا پروگراممىنىڭ ئىقتىدارى ئوخشاش،ئەمما قوللىنىلغان ئۇسۇل ئوخشاش ئەمەس،ئالدىنقىسىدا «if…else» شەرتلىك كونترول قىلىش بۇيرۇقى(فۇنكىسيىسى) قوللىنىلىغان،كەيىندىكىسىدە بولسا «switch case» تاللىنىشچان كونترول قىلىش بۇيرۇقى قوللىنىلغان.(تەجرىبە قىلغان ۋاقىتتا تىزگىنەك كودىنى ئالماشتۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ).
تۆۋەندىكىسى مەن تەجرىبە قىلغان ئەھۋالنىڭ ئەمەلى كۆرنۈشى: (يانفۇندا سۈرئەتكە ئىلىنغان)
http://v.youku.com/v_show/id_XNjc0MzQyMTQ0.html
ۋاقىت مۇناسېۋىتى بىلەن تېمىنى مۇشۇ يەرگىچە يېزىپ تۇراي.چۈشنىكسىز نۇقتىلارنى «مەن Arduino غا ئاشىق» نامىلىق كىتابتىن كۆرۈڭ،يەنىلا ھەل قىلالمىسىڭىز ئىنكاس شەكىلىدە قالدۇرۇڭ.
Arduino توغرىسىدا ھىچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس قېرىنداشلىرىمنىڭ ئالىپ تورىدىكى «ئاپتۇماتىك كونترول قىلىش» دىگەن سەھىپىدىكى بارلىق يازمىلارنى كۆرۈپ چىقىشنى ياكى «مەن Arduinoغا ئاشىق» ناملىق كىتابىمنى كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بىز ئۆز-ئارا ئۈگىنىشكە،ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج! قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى،قىممەتلىك بىلىملىرىنى،تەجرىبىلىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن!
ھۆرمەت بىلەن:ئېلېكتىر چەۋەنداز
2014-يىلى ھۇتنىڭ 17-كۈنى يېزىلىدى
سەمىمي ئەسكەرتىش: بۇ تېما مەخسۇس Arduinoئۈچۈن يېزىلدى،شۇڭا باشقا جەھەتتىن ياردەم سورىماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالىپ تورىنىڭ ياردەم سەھىپىسگە ياكى مۇناسېپ ھالدىكى باشقا تېمىلارغا ئىنكاس يېزىشىنى،قالايمىقان ئىلان ۋە ياردەم خاراكتىرلىك ئىنكاسلارنى يازىماسلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆتىنىمەن. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
يارايسېز! مەن سەل قېزقىپ قىلۋاتمەن. بارغانچە ئېسىل تەجىربىلەرنى يوللاۋاتىسىز، رەخمەت سىزگە ، چاغاندا قەشقەرگە بېرىپ سىز بىلەن كۆرۈشەرمەن دەپ تۇرسام ، دەم ئېلىشنىمۇ يوق قىلدى بۇ لار ، مەن بۇ تەجىرىبىنى بۇرۇن ئىشلەپ باققان ،ledنى نۇرمال كونتىروللىغىلى بولدى ، لېكىن led نىڭ ئورنىغا 继电器(ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئاتاشنى بىلەلمىدىم )نى ئىشلىپ ئۈستەل چىرغىنى كونتىرول قىلاي دېسەم ، توك يول تاختىسىدىن چىققان يۇقىرى پوتىنسىئال 继电器نى قوزغىتالمىدى ، باشقا تەجىرىبىلەردە نورمال ئىشلىگەنتى بولمىسا ۋەئەلەيكۇم ئەسسالاممەن چۈشەنمىدىم بۇنى قىلىمەندىسەمبىشمدا چاچ قالمايدىغان ئوخشايدۇھىلىمۇ ئازتى :lol:lol:lol ۋەئەلەيكۇم ئەسسالاممەن چۈشەنمىدىم بۇنى قىلىمەندىسەمبىشمدا چاچ قالمايدىغان ئوخشايدۇھىلىمۇ ئازتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم! تېما ئوقۇشقا خوش ياقمىغان بولسا ئوقۇمايلا ئۆتۈپ كىتىڭ،تېما ئاخىرىدا بىرىلگەن ئىزاھاتقا ئانچە دىققەت قىلمىغان ئوخشايسىز،ھىلىمۇ قۇرۇق ئىنكاسلارنى يېزىۋىرىپ چىچىڭىزنىڭ چۈشۈپ كەتمىگىنىگە ھەيرانمەن.
بارغانچە ئېسىل تەجىربىلەرنى يوللاۋاتىسىز، رەخمەت سىزگە ، چاغاندا قەشقەرگە بېرىپ سىز بىلەن كۆرۈشەرمەن دەپ تۇرسام ، دەم ئېلىشنىمۇ يوق قىلدى بۇ لار ، مەن بۇ تەجىرىبىنى بۇرۇن ئىشلەپ باققان ،ledنى نۇرمال كونتىروللىغىلى بولدى ، لېكىن led نىڭ ئورنىغا 继电器(ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئاتاشنى بىلەلمىدىم )نى ئىشلىپ ئۈستەل چىرغىنى كونتىرول قىلاي دېسەم ، توك يول تاختىسىدىن چىققان يۇقىرى پوتىنسىئال 继电器نى قوزغىتالمىدى ، باشقا تەجىرىبىلەردە نورمال ئىشلىگەنتى بولمىسا
«继电器» نىڭ ئېنىق ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى يوق،ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى رېلېنى ئىشلىتىۋاتىمىز،رېلىنى مەن سىناپ باقسام مېنىڭكىدە نۇرمال ئىشلىدى،رېلىنى ئۇلىشىڭىز توغرا بولغان بولغىيدى،رېلىگە 3 دانە سىم ئۇلىنىدۇ،ئىككىسى توك مەنبەسى(+،-) سىمى،بىرسى سگنال سىمى(3-ئۇلىنىش پۇتىغا ئۇلىندىغان)،قايتا سىناپ بىقىڭ.مەدىتىڭىزگە،قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت! ئاردىنو دىگەن ئاندىروت ئەمەسمۇ سستملىرى ماس كەلمەمدۇ ئاردىنو دىگەن ئاندىروت ئەمەسمۇ سستملىرى ماس كەلمەمدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم! بۇ ئىككىسى ئىككى گەپ،بىرىسى يانفۇننىڭ سىستىمىسىنىڭ نامى،يەنە بىرسى ئاپتۇماتىك كونترول قىلىش توك يول تاختىسنىڭ ئىسىمى.
خۇددىي ئالىپ،ئاندرويد،ئاردىينۇ دىگەنلەر ئايرىم-ئايرىم نەرسىلەرنى كۆرسەتكەنگە ئوخشاش.
بىراق ھازىر ئالىپ تورى 3Aبولۇپ كەتكىلى ئازلا قالدى.( چاقچاق ھە) :lol e-chewendaz يوللىغان ۋاقتى2014-02-17 23:41:51 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم! بۇ ئىككىسى ئىككى گەپ،ب
چۈشەنچە بەگىنڭزگە رەھمەت كۈپ دوسلا ئۇقۋالدۇق ئاچان بۇ يازمىنى ئاخىرىدا riwayat526 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-18 01:12
رېلىگە 3 دانە سىم ئۇلىنىدۇ،ئىككىسى توك مەنبەسى(+،-) سىمى،بىرسى سگنال سىمى(3-ئۇلىنىش پۇتىغا ئۇلىندىغان)،قايتا سىناپ بىقىڭمەندىكى رېلىنى كونا توكيول تاختىللىرىدىنئاجىرتىپ ئېلىۋالغانىدىم ، ئۇنىڭدا سىىگنال پۇتى يوقكەن ، شۇڭارېلىنىڭ توك مەنبە پۇتىنىڭ «-»نى GNDگە ، «+»نى توك يول تاختىسىنىڭ سىگنال چىقىرىش پۇتىغا ئۇلىغانتىم ، توك يول تاختىسىنىڭ سىگنال چىقىرىش پۇتىدىن چىققان يۇقىرى پوتىنسىئاللىق سىگنال 5Vئەتراپىدا بولغاندىكىنرېلىنى قوزغىتالارمىكىن دەپ ئويلىغان ، ھەم سىز ئالدىنقى قېتىم يوللىغان «Arduino-ئۈستەل چىرىغنىڭ يېنىپ ئۆچۈشىنى ئاپتۇماتىك تىزگىنلەش» دېگەن تېمىدىكى تەجىرىبىنى مۇشۇ ئۇسۇلبويىنچەقىلساممۇئاپىقيەتلىك بولىۋاتىدۇ ،ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سەزگۈچنى ئۇلىغاندىن كېيىن arduinoتوك يولىدىكى توك ياكى توك بېسىمى يېتىشمەيۋاتامدىغاندۇ يە؟ ئېجادىيەت ئېشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇ بولسۇن مەن چۇقۇم ئالىپتىكى تىمىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ساقلاپ قۇيىمەن،ھازىر ۋاقتىم يەتمەيدۇ. ئاللاھ خالىسا كىيىن چۇقۇم بىر-بىرلەپ سىنىمىسام…بەك قىزىقىمەن مۇشۇ ئىشلارغا…. مەنمۇ ئىلىكتىر ئىشلىرىغا بەكمۇ قىزىقىشىم با،لىكىن بىلىمىم چەكلىك،ھازىرغىچە يوللىغان تىمىلىرىڭىزنى ،بەكمۇ ياقتۇرۇپ كىلىۋاتىمەن.
ھەمدە ئازراق بىلىملەرگىمۇ ئىگە بولدۇم.
رەھمەتسىزگە. مەندىكى رېلىنى كونا توكيول تاختىللىرىدىنئاجىرتىپ ئېلىۋالغانىدىم ، ئۇنىڭدا سىىگنال پۇتى يوقكەن ، شۇڭارېلىنىڭ توك مەنبە پۇتىنىڭ «-»نى GNDگە ، «+»نى توك يول تاختىسىنىڭ سىگنال چىقىرىش پۇتىغا ئۇلىغانتىم ،
كەچۈرۈڭ،مەندىكىسى رېلى مودىلى ئىدى(ئىزاھات بىرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،رىلى مودىلىدا رېلېدىن باشقا يەنە بسىم كۈچەيتىش توك يولى بار بولۇپ،ئاردىينو تاختىسىدىن كەلگەن ئاجىز سىگنالنى كۈچەيتىپ،رېلېنى قوزغىتىش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ)،سىزدىكىسى يەككە رېلى بولسا ئىشلىمگەنلىكى توغرا بولۇشى مۈمكىن.
ئېجادىيەت ئېشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇ بولسۇن
قوللاپ قۇۋەتلىگىنىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر!
سىزنىڭ كىتابىڭىزنى سېتىۋېلىپ ، مىنىڭمۇ تۇنۇشۇمخېلى بىر يەلەرگە باردى ،بىرلىكتە تىرىشايلى!ئالغا!!!
بەت:
[1]
2