uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 12:25:59

USB ئېغىزنى قۇلۇپلاش دېتالى

ئىشخانامدىكى كومپىيۇتېرنى مەن يوق ۋاقىتتا باشقىلار بارماق دېسكا چېتىپ ۋىرۇس يۇقتۇرۇپ ياكى ئىچىدىكى مۇھىم ھۆججەتلەرنى خالىغانچە كۆچۈرۋېلىپ بەك ئىچىمنى پۇشۇردى. USB ئېغىزنى قۇلۇپلاپ قويىدىغان دېتال بارمىدۇ دەپ توردىن ئىزدەپ بىر نەچچە قۇرالنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم. بۇنىڭغا ئىچىدە لىيەنشىياڭ USB ئېغىزى قۇلۇپلىغۇچ دېگەن دېتال ماڭا بەك ياقتى. شۇڭا كۆپچىلىكنىمۇ پايدىلانسۇن دەپ بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن.
دېتال ئىسمى: Lenovo Port Locker
چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن كومپىيۇتېرنى قايتا قاچىلاشنى سورايدۇ، قايتا قوزغاتسىڭىز دەسلەپلەشتۈرۈش يېتەكچىسى چىقىدۇ، كېينكى قەدەمنى باسسىڭىز windows نىڭ Administrator ئىشلەتكۈچىنىڭ پارولىنى كىرگۈزۈشنى سورايدۇ، پارولنى كىرگۈزسىڭىزلا تامام.
ھەر قېتىم بارماق دېسكا ياكى باشقا ئۈسكۈنىنى usb ئېغىزىغا چاتسىڭىز بايا كىرگۈزگەن Administrator نى كىرگۈزۈڭ دەپ چىقىدۇ، توغرا كىرگۈزمىسىڭىز usb غا چېتىلغان ئۈسكۈنىلەرگە ئوقۇش-يېزىش مەشغۇلاتى قىلغىلى بولمايدۇ.
بۇ دېتالنىڭ بىر ياخشى يېرىusb ئېغىزىغا چېتىلغان پىرىنتىر، سىكانېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى قۇلۇپلىمايدىكەن، يەنى ئۇلار بىمالال ئىشلەۋېردىكەن.

چۈشۈرۈش

چۈشمەي قالسا Lenovo Port Locker دېگەن گەپنى گوگۇللاپ چۈشۈرۋالساڭلارمۇ بولىدۇ.

2523295287 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 12:38:08

رەھمەت بۇنى كومپىيوتىرسى بارلار چۇشۇرسە بولغىدەك مەندە كومپىيۇتۇر يوق

anjanbai يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 12:38:50

رەخمەت ماڭا بەكلا لازىم ئىدىئەمدىسىناپباقاي

alyar85 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 12:39:16

ajap yahxi ditlakan bu

qinzat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 12:39:19

ئاللاھرەھمەت قىلسۇن،ھەقىقەتەن ياخشىدىتالكەن چوشۇرۇپ ئىشلىتىپباقاي

发个发个 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 12:39:55

رەخمەت سىزگە مەنمۇ ئىھتىياژلىق ئىدىم چۈشۈرۋالاي ..

sultanbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 12:46:41

ياخشى يۇمشاق دېتال كەن رەھمەت:handshake

uqkur-1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 12:52:28

رەخمەت چۇشۇرۋالدىم:lol

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 12:55:35

رەخمەت ساقلاپ قويايكۆمپىيۇتېر ئالغاندا ئىشلىتەرمەن

merdan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 13:02:10

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كومپىيۇتېرىمنىڭ usb ئېغىزىغا پىلاستىر چاپلاپ يۈرۈپتىمەن ، مۇنداق ئاماللارمۇ باركەندە .

karkaxboy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 13:45:42

ياخشى تىماكەن رەھمەت

بىلىمخۇمار يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 14:21:12

مەنمۇ ساقلاپ قوياي كومپىيوتىر ئالغاندا سىناپ باقاي

alptekin يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 14:21:37

rahmat    siz    ga                  

{W@P@S!Z} يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 14:22:44

رەھمەت.لىكىنچۈشۈرۋالايدەپ   ئىسمىغاقارسام.تىلفوننىڭكىدەك   قىلامدۇنىمە

karkax0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 14:25:31

گۇگۇلدىن باشقا ئەپ بازىردا بولمامدۇ
بەت: [1] 2 3
: USB ئېغىزنى قۇلۇپلاش دېتالى