Arduino-كۆكچېش ئارقىلىق تىزگىنلەش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-1 17:05ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئېلېكتىرون،Arduino ھەۋەسكارلىرى! ھەممىڭلارغا كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام!
بۈگۈن بىز ئالدىنقى تېمىنىڭ داۋامى ئۈستەل چىرىغىنى كۆكچېش ئارقىلىق تىزگىنلەش تەجرىبىسىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز،بۇ تەجرىبە ئارقىلىق Arduino توك يول تاختىسىنى كۆكچىش ئارقىلىق يىراقتىن تىزگىنلەشكە ئائىت ئاساسى بىلىملەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
ئالدى بىلەن كۆكچىش مودىلىغا ئائىت بىلىملەر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى!
كۆكچىش مودېلى بولسا كۆكچىش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان كىچىك تىپتىكى توك يول تاختىسى بولۇپ،قىسقا ئارىلىقتا سىمسىز ئالاقە ئېلىپ بېرىشقا ئىشلىتىلىدۇ،ئادەتتە كۆكچىش مودېلى ئارقىلىق كۆكچىش ئىقتىدارى بار ئاندرويد،ئالما يانفۇنلىرى،تاختا كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېرلار بىلەن Arduino ئارسىدا سىمسىز ئالاقە قىلغىلى،سانلىق مەلۇمات يوللىغىلى،ئاردىينونى سىمسىز كونترول قىلغىلى بولىدۇ.بىز بۇ مودېلدىن پايدىلىنىپ ئېلېكتىر ماتورلارنى،چىراغلارنى،ئۈزچاتلارنى سىمسىز كونترول قىلالايمىز.كۆكچىش مودېلى ئارقىلىق سىمسىز كونترول قىلىشقا بولىدىغان نۇرغۇنلىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق،ئاپتۇماتىك قۇرۇلمىلارنى ياساپ چىقىشقا بولىدۇ.مەسىلەن:كۆكچىش ئارقىلىق كونترول قىلىندىغان ئويۇنچۇق ماشىنا،كۆكچىش ئارقىلىق ئۆيدىكى چىراغلارنى كونترول قىلىش قۇرۇلمىسى دېگەندەك.
كۆكچىش مودېلى ئىقتىدارىغا ئاساسەن كۆكچىش سانلىق مەلۇمات يوللاش مودېلى (مەسىلەن: BLK-MD-BC04-B،BLK-MD-SPP، BLK-MD-BC05-Bتۈرىدىكى) ۋە كۆكچىش ئاۋاز مودېلى (مەسىلەن:BLK-MD-SPK تۈرىدىكى) دەپ ئايرىلىدۇ.ئۆلچىمىگە ئاساسەن: 2.1،2.0،1.2 قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ،ئۆلچەم نومىرى قانچە چوڭ بولسا،سانلىق مەلۇمات يوللاش تېزلىكىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن سانلىق مەلۇمات كۆكچىش مودېلى،ئارقىمۇ- ئارقا ئالاقە كۆكچىش مودېلى ۋە ئاۋاز كۆكچىش مودېلى،ماشىنىغا يۈكلىمە كۆكچىش مودېلى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
بىز Arduino بىلەن ئۆز-ئارا ئالاقە ئېلىپ بېرىشىتا ئىشلىتىدىغان كۆكچىش مودېلى دەل ئارقىمۇ ئارقا ئالاقە كۆكچېىش مودېلى (تېپى: BLK-MD-BC04-B، BLK-MD-BC05-B، BLK-MD-BC06-B بولغان) بولۇپ،جەمئى تۆت دانە ئۇلىنىش پۇتى بار:VCC (مۇسبەت توك مەنبەسى ئۇلىنىش پۇتى)، GND(مەنپى توك مەنبەسى ئۇلىنىش پۇتى)، TXD (سانلىق مەلۇمات يوللاش پۇتى)، RXD (سانلىق مەلۇمات قوبۇل قىلىش پۇتى) قاتارلىقلار.كۆكچىش مودېلى ئۈستىدە بىر دانە LED كۆرسېتىش چىرىغى بولۇپ،ئۇلىنىش ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ،باشقا كۆكچىش ئۈسكۈنلىرى بىلەن نورمال ئۇلانغان ۋاقىتتا چىراغ تېنىچ يانىدۇ،ئۇلىنالمىسا توختىماستىن يېنىپ،ئۆچۈپ تۇرىدۇ.
Arduino بىلەن كۆكچىش مودېلىنى ئۇلاش ئۇسۇلى:
VCC: ئاردىينونىڭ v5 لۇق ئۇلىنىش پۇتىغا ئۇلىنىدۇ.
GND: ئاردىينونىڭ GNDئۇلىنىش پۇتىغا ئۇلىنىدۇ.
TXD: ئاردىينونىڭ سانلىق مەلۇمات قوبۇل قىلىش ئېغىزى RX كە ئۇلىنىدۇ.
RXD: ئاردىينونىڭ سانلىق مەلۇمات يوللاش ئېغىزى TXكە ئۇلىنىدۇ.
دىققەت:كۆكچىش مودېلىدىكى سانلىق مەلۇمات يوللاش ئېغىزلىرىنى ئاردىينوغا ئۇلاشتا يوللاشنى قوبۇل قىلىشقا ئۇلاش ئېسىڭىزدە بولسۇن!
كۆكچىش مودېلىنىڭ توردىكى باھاسى 20~30 يۈەنگىچە بولۇپ،تاۋباۋغا ئوخشاش سودا تورىنىڭ ئىزدەش رامكىسىغا «كۆكچىش مودېلى(蓝牙模块)» دەپ كىرگۈزسەك،نۇرغۇنلىغان كۆكچىش مودىللىرى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ،ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن تاللاپ سېتىۋالساق بولىدۇ.
(ئەسكەرتىش يۇقارقى تەپسىلاتلار تېما ئىگىسنىڭ «مەن Arduino غا ئاشىق» نامىلىق كىتابىدىن ئېلىندى)
2. كۆكچىش ئارقىلىق ئۈستەل چىرىغنى سىمىسز تىزگىنلەش.
تەجرىبىگە كىتەرلىك دېتاللار ئالدىنقىغا ئوخشاش بولۇپ،پەقەت USB ئۇلاش سىمىنىڭ ئورنىغا كۆكچىش مودىلىدىن بىرنى ئىشلىتىمىز.چىراغنى كومپىيۇتېر ئارقىلىق تىزگىنلىمەستىن بەلكى يانفۇن ياكى كۆكچىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقا ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق تىزگىنلەيمىز.توك يول ئۇلىنىشى 1-تەجرىبىگە ئوخشاش بولۇپ،ئالدىنقى تەجرىبىدىكى توك يولنى ھىچقانداق ئۆزگەرتمەي،پەقەت تۆۋەندىكى توك يول سخېمىسى بويىچە بىر دانە كۆكچىش مودىلىنى ئۇلىساقلا بولىدۇ:
توك يولىنى يۇقارقى تەرتىپلەر بويىچە قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،Arduino نىڭ توپلاشما ئىجادىيەت مۇھىتىنى ئېچىپ تۆۋەندىكى پروگرامما كودىنى كىرگۈزۈڭ./*Réli arqiliq chiraghni kontrol qilish */
char val;
int relay=7; // Rélining sgnal putni 7-put qilip belgilesh
void setup()
{
Serial.begin(9600);
pinMode(relay,OUTPUT);
}
void loop()
{
val=Serial.read();
if(val=='y')//Y bésilsa réligha yuqiri tok bsimi birilidu
{
digitalWrite(relay,HIGH);
Serial.println("LED ON!");//Ikrangha uchur chiqiridu
}else if(val=='o'){ // O bésilsa réligha töwen tok bsimi birilidu
digitalWrite(relay,LOW);
Serial.println("LED OFF!"); //Ikrangha uchur chiqiridu
}
}پروگىرامما كودى ئالدىنقى تەجرىبىنىڭكى بىلەن ئوپمۇئوخشاش بولۇپ،زاغرا نان تىلى بىلەن چۈشەندۈرگەندە كۆكچىش مودىلىمۇ USBسانلىق مەلۇمات سىمىغا ئوخشاش Arduinoغا ئۇچۇرنى ئارقىمۇ ئارقا ئۇلىنىش ئىغىزى ئارقىلىق يەتكۈزىدۇ،شۇڭا ئالدىنقى تەجرىبىدىكىگە ئوخشاشلا ()Serial.begin فۇنكسىيەسى كۆكچىش ئىۋەرتكەن سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرنى ئوقۇپ كېرىپ،Arduino نىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ.
پروگىراممىنى Arduino توك يول تاختىسىغا چۈشۈرۈپ،Arduino توك مەنبەسىگە ئۇلانغاندىن كېيىن،كۆكچىش مودېلىدىكى LED كۆرسېتىش چىرىغى توختىماستىن ئۆچۈپ يانىدۇ،بۇ كۆكچىش مودېلىنىڭ باشقا كۆكچىش ئىقتىدارى بار ئۈسكۈنىلەر بىلەن باغلىنالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.بۇ ۋاقىتتا قولىمىزغا يانفونىمىزنى ئېلىپ،كۆكچىش ئىقتىدارىنى ئېچىپ،ئۈسكۈنە ئىزدەيمىز.
ئەسكەرتىش: ئاندرويد ياكى باشقا سىستىمىلىق يانفونلار بىلەن كۆكچىش مودېلى ئارسىدا ئالاقە ئېلىپ بېرىشتا،يانفونىمىزغا مەخسۇس كۆكچىش مودېلىغا بۇيرۇق بېرىشكە كېرەكلىك بولىدىغان ئەپنى قاچىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ(ئىقتىدارىڭىز بولسا بۇنداق ئەپنى ئۆزىڭىز تۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ)،بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ئەپلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى،ئەڭ قولاي بولغىنى «كۆكچىش تېرمىنالى (ئاندرويد نەشىرى)» بولۇپ،بۇ ئەپنى توردىن ناھايىتى ئاسانلا ئىزدەپ تاپالايسىز.ھەرقانداق بىر يانفۇن ئەپ بازىرىنى ئېچىپ «BlueTerm» دەپ كىرگۈزسىڭىز،مەزكۈرنى ئەپنى ئىزدەپ تاپالايدۇ،ئاندىن يانفونىڭىزغا قاچىلىسىڭىزلا كۇپايە.ئەپنىڭ ئارايۈزى تۆۋەندىكىدەك:
ئەپنى توردىن چۈشۈرۈپ يانفۇنغا قاچىلىغاندىن كېيىن،قوزغىتىپ كۆكچىش مودېلى بىلەن باغلاش ئېلىپ بارىمىز،باغلاش جەريانىدا سىزدىن مەخپى نومۇر تەلەپ قىلىشى مۈمكىن،ئادەتتە كۆكچىش مودېللىرىغا كۆپ قوللىندىغان مەخپى نۇمۇرلار «1234» ياكى «0000» بولۇپ،مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ باغلىغاندىن كېيىن،نۇرمال باغلانسىلا كۆكچىش مودېلىدىكى LED كۆرسېتىش چىرىغى تىنچ يانىدۇ.
ئەمدى سىز «كۆكچىش تېرمىنالى» نىڭ يوللاش كۆزنىكىگە،يېنىشنىڭ باش ھەرىپى «Y» نى كىرگۈزۈپ يوللاڭ،ئەگەر ھەممە ئىش نۇرمال بولسا ئۈستەل چىرىغى يانىدۇ،ھەمدە « LED ON!» دىگەن ئۇچۇرنى قايتۇرىدۇ.«O» ھەرىپىنى كىرگۈزسىڭىز چىراغ ئۆچىدۇ.ھەمدە « LED OFF!» دىگەن ئۇچۇرنى قايتۇرىدۇ.
ۋاقىت مۇناسېۋىتى بىلەن تېمىنى مۇشۇ يەرگىچە يېزىپ تۇراي.كىيىنكى قېتىملىق تەجرىبىدە «ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ئارلىق ئۆلچەش(ئاپتۇماتىك مېتىر)» تەجرىبىسىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.
بۇ تەجرىبىنى ئوڭۇشلۇق ئىشلىيەلمىسىڭىز«مەن Arduino غا ئاشىق» نامىلىق كىتابتىكى «كۆكچىش مودېلى ئالاقىسى ئېلىپ بىرىش» نامىلىق تەجرىبىنى ئىشلەپ بىقىڭ،يەنىلا ھەل قىلالمىسىڭىز ئىنكاس شەكىلىدە قالدۇرۇڭ.
بىز ئۆز-ئارا ئۈگىنىشكە،ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج! قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى،قىممەتلىك بىلىملىرىنى،تەجرىبىلىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن!
ھۆرمەت بىلەن:ئېلېكتىر چەۋەنداز
2014-يىلى ھۇتنىڭ 1-كۈنى يېزىلىدى
سەمىمي ئەسكەرتىش: بۇ تېما مەخسۇس Arduinoئۈچۈن يېزىلدى،شۇڭا باشقا جەھەتتىن ياردەم سورىماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالىپ تورىنىڭ ياردەم سەھىپىسگە ياكى مۇناسېپ ھالدىكى باشقا تېمىلارغا ئىنكاس يېزىشىنى،قالايمىقان ئىلان ۋە ياردەم خاراكتىرلىك ئىنكاسلارنى يازىماسلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆتىنىمەن. رەھمەتقىرىندىشىم مۇشۇنچىۋالا كۆپ خەتنى قانداقمۇ يىزىپ بولغانسىز مەن
ئوقۇپ بولالمايمۇ كۆزلىرىم ئاغرىپ كەتتى جاپالىق ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر...... 蓝牙模块 نىسىتىۋالساقئاندىن كۆ چىش ئارقىلىق چبراغنى كونتىرول قىلغىلىبولامدۇ؟ رەھمەتقىرىندىشىم مۇشۇنچىۋالا كۆپ خەتنى قانداقمۇ يىزىپ بولغانسىز مەن
ئوقۇپ بولالمايمۇ كۆزلىرىم ئاغرىپ كەتتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،تېمامنى ئوقۇيمەن دەپ جاپا تارتىپسىز،سىزگىمۇ رەخمەت،مەن بۇ تېمىنى ئېلېكتىروننى سۆيىدىغان قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن يازدىم،خەلقى ئۈچۈن،مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى،ساپاسى ئۈچۈن كېچە-كىچىلەپ تىرشىچانلىق كۆرستىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئالدىدا مىنىڭ قىلغانلىرىم ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ،بۇ قۇرۇق گەپ ساتىدىغان تېما ئەمەس،بەزى نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە مۇشۇنداق كۆپ جەرىيان كېتىدىكەن،ئوقۇشقا خوش ياقىمىغان بولسا ئوقۇمايلا قويۇڭ،قىينىلىپ ئىنكاس يازىمەن دەپ ئاۋارىمۇ بولۇپ يۈرمەڭ. گىپىم قاتتىقراق كەتكەن بولسا رەنجىمىگەيسىز.
蓝牙模块 نىسىتىۋالساقئاندىن كۆ چىش ئارقىلىق چبراغنى كونتىرول قىلغىلىبولامدۇ؟
توغرا،بۇنىڭغا كۆكچىش مودىلى سېتىۋىلىشىڭىز كېرەك. بارىكاللا ياخشى يىزىپ سىز ؟ سوراپ باقسام تېلفۇن بىلەن كومپيۇتېرنى كۆك چىش ئارقىلىق قانداق ئۇلايمىز ،قايسى دىتال ئارقىلىق مەن تېلغۇندىن كومپيۇتېرغا ماتېريال يوللىماقچىتىمسىم يوق ئەھۋال ئاستىدا arduino دىگەن «شەيئى تورى»(物质网)دىگەننى كۆرسىتەمدۇ؟ تېما ئىگىسى ئۆزىنىڭ تېمىسىغا يېزىلغان ئىنكاسلارنى ئۆچۈرەلەيدىغانقىلغىلى بولماسمۇ؟ بىر ئۇبدان تېمىغا بىكار بىر ئىنكاسلارنىيېزىۋاتقان،ئۇنى ساتىمەن، بۇنى ساتىمەن دەۋاتقان. شۇنداق ئىنكاسلارنى كۆرگەندە ئۆچۈرۋاتقىم بەكلا كىلىدۇ،، لىكىن ئامال يوق. بۇ تېمىدىمۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈشكە باشلىدى مانا. ئاندىروئىد تىلفونغا ئىلىتىدىغان ئەپنىڭ باشقىسى بولسا تونۇشتۇرمامسىز ؟ مەسىلەن تىزگىنەك شەكلىدە بولسا كىچىك ماشىنىنى كونتىرول قىلساق دىمەكچى ... رەڭمەت قېرىندىشىم ئەجرىڭىزنى اللە بەرسۇن :handshake رەھمەت . تىمىلىرىڭىزنىڭ داۋامىنى ساقلايمەن. پروگراممىنىڭ يېزىش قايىىنى بىر تەپسىلى سۆزلىۋەتسىڭىزكاللامدىكى تۈگۈنچەك يىشلىپ كىتەتىتى. رەھمەت ئاردۇينوغا مەنمۇ ئاشىق ، بىرلىكتە تىرىشايلى! رەھمەت
بەت:
[1]
2