e-chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 08:58:55

Arduino ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كاتتا سوۋغا-«مەن Arduinoغا ئاشىق»

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-5 14:57

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئېلېكتىرون،Arduino ھەۋەسكارلىرى! كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەندازدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ جۈمە كۈنىدە سىلەرگە خوش-خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ ئەتكەن ئىگەمگە كۆپ ھەمدۇسانالار بولسۇن!
ئاخىرى كىتابنى پۈتتۈردۈم،بۈگۈن مۇشۇ تېمام ئارقىلىق كىتابمنى كۆپچىلىكىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچىمەن.كۆپچىلىكنى تەققەززا قىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن كۆپچىلىكتىن يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈم سورايمەن.
ئالدى بىلەن كىتاب مەزمۇندىن بىر قانچە بەتنى كۆرۈپ بىقىڭلار.
كىتابنىڭ مۇقاۋىسى:

كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى:

كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى:

كىتاب ئىچىدىكى تەجرىبىدىن كۆرنۈش:



ئاقچا ھەققىدە
ئاقچا تولۇقلاشتا قېيىنچىلىققا ئۇچرىغانلار چ چ 1401560381 بىلەن ئالاقىلىشىپ باشقا ئۇسۇلدا كىتابقا ئېرىشسەڭلار بولىدۇ .
支付宝 alipay نومۇرۇم :eqawandaz@gmail.com
يانفۇن: 15199881220
كىتاب توغرىسىدا ئازىراق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتسەم: كىتابنى مەن 2013-يىلى 10-ئايدا تەرجىمە ۋە تۈزۈشكە باشلاپ،12-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇرۇلما جەھەتتىن تاماملاپ،بىلىك كۇلۇبىدىكى سەھران،ئالىپ ئۇستازلارنىڭ كۆرۈپ بىقىشىغا تاپشۇردۇم،سەھران ئۇستاز Android سىستىمىسنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن ئىنتايىن ئالدىراش بولسىمۇ قىممەتلىك ۋاقتىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كىتابنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىنى،ئىملاسىنى كۆرۈپ بىكتىپ بەردى.بىز ئۈگىنىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن بەزى سۆزلەرنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەردى،مەسىلەن: ۋېيكىچاتىل-ئۈزچات،بولكىسمان-كۆنەكسىمان،سېنزور-سەزگۈچ دىگەندەك.شۇڭا كىتابتىكى بەزى ئاتالغۇلاردا ئۇقۇم جەھەتتىن چۈشەنمەسلىك ئەھۋالى بولسا،تەكلىپ بەرسەڭلار بولىدۇ.كىتابنىڭ ئىملاسىنى قايتا تۈزىتىش،بەت لايىھىسى قىلىش دىگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم يالغۇز قىلغان بولغاچقا خاتالىقلاردىن مۇستەسنا ئەمەسمەن،شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەيىپكە بۇيرىماسلىقىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى تۈپەيلىدىن كىتابنى ياخشى تۈزەلمىگەن بولۇشۇم مۈمكىن،بىراق مەندە مىللەتنىڭ پەن-تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆيىۋاتقان يۈرەك بار،مەن تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمەن!
«Arduinoھەۋەسكارلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگۈم يوق» دىگەن تېمامدا ئىيتىپ ئۆتكىنىمدەك،كىتابنى ئەسلى نەشىر قىلدۇرۇش ئويۇم بار ئىدى،ھازىرچە مەندە بۇنداق ئىمكانىيەت يوق بولغاچقا تور يۈزىدە ھەۋەسكارلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردۈم،ئەسلى ھەقسىز تارقىتىشنىمۇ ئويلىغان،بىراق كېيىنكى تەتقىقاتىم،ئىزدىنىشىمنىڭ توختاپ قالماسلىقى،تارتقان جاپايىم،قىلغان ئەجىرىمنىڭ ھەققى سۈپتىدە 1-قىسىم كىتابىم «مەن Arduinoغا ئاشىق» نى 10 ئاقچا ( 10يۈەن) دىن سېتىشىنى توغرا تاپتىم،(2-قىسىم كىتابنىڭ روياپقا چىقىش،چىقماسلىقى قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللاش،قوللىماسلىقىڭلارغا باغلىق) شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى،قوللاپ بىرىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلمەن،بىز ھەمكارلىققا،ئۆز-ئارا قوللاشقا مۇھتاج!
مەزكۈر كىتابنىڭ مەزمۇنى Arduino توغرىسىدىكى ئەڭ ئاساس خاراكتىرلىك بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،سىز بۇ كىتاب ئارقىلىق Arduino توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچىگە ئىگە بولسىز،كىيىنكى قەدەمدە مەن مۇرەككەپ قۇرۇلمىلارنى قانداق ياساش توغرىسىدا تېمىلارنى ئىلان قىلىمەن،ئۇ ۋاقىتتا مىنىڭ يەنە ئاددىي ئۇقۇملارنى ئەزۋەيلەپ چۈشەندۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.مەزكۈر كىتابنى سېتىۋالغاندىن كىيىن ئۈسكۈنىلەردە كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىسا خەت باسقۇدا بېسىپ چىقىرىپ پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.
كۆپچىلىكتىن ئۈمىد قىلىدىغىنىم شۇكى: سىز مىللەتنى سۆيسىڭىز،ئۆزىڭىزنى ئىمان ئىتقادلىق،ئەخلاقلىق كىشىلەر قاتارى ھېسابلىسىڭىز مىنىڭ ئەجىرىم ھېساپلىندىغان مەزكۈر كىتابنى مىنىڭ رۇخسىتىمسىز قالايمىقان تارقاتماڭ،مەن ھەم سىزنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىز ئىشىنىمەن!
ئاخىرىدا ئالىپ تورىدىن مۇنبەر باشلىقى ئالىپ ئۇستازنىڭ مېنى يىقىندىن قوللاپ بەرگەنلىكىگە،ماڭا ۋە بىزدەك Arduino ھەۋەسكارلىرىغا ئالىپ تورىدىن مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىپ،سورون ھازىرلاپبەرگىنىگە ئۆزۈم ۋە بارلىق ھەۋەسكارلارغا ۋاكالىتەن يەنە بىر قىتىم چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن! مىنى قوللاپ،مەدەت بىرىپ كىلىۋاتقان ھەۋەسكار قېرىنداشلىرىمغىمۇ چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن!
كىتابتا بىرىلگەن تەجرىبىلەرنىڭ پروگرامما ئەسلى كودى،مۇناسېۋەتلىك دىتاللار پات ئارىدا ئالىپ تورىدا ئىلان قىلىنىدۇ.
كامالى ئىھتىرام بىلەن: ئېلېكتىر چەۋەنداز
2014-يىلى قەھرىتاننىڭ 24-كۈنى،ئۇلۇغ جۈمە

amat015 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 13:26:25

ئەجىرىڭىزگە ئاپىرىن . مىللى يىزىقىمىزدا مۇشۇنداق تىمىلار كۆپ ئەمەس. مۇشۇ ساھەدىكى بىر بوشلۇقىنى تولدۇرۇپسىز.

قايناق يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 09:15:03

رەھمەت قېرىندىشىم ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن جاپا چىكىپسىز.ئالما نۇسخىسى يوقمۇ قېرىندىشىم

intizar88 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 09:18:00

كۆپ رەھمەتبىرىنجى بۇلۇپ سېتىۋالدىم

faruq0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 09:21:58

مەنمۇ ۋاقتىدا ئاقچاتولۇقلاپ چۈشۈرۈۋالايھە ! :P

2523295287 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 09:34:45

مەندە ئاقچا يوق شۇنداقتىمۇ رەخمەت ھەقسىز بولغاندا چۈشىرەمەن

osmanjan132 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 09:58:47

intizar88 يوللىغان ۋاقتى2014-1-24 09:18 static/image/common/back.gif
كۆپ رەھمەتبىرىنجى بۇلۇپ سېتىۋالدىم

بۇنىڭدىن پايدىلنىپ نىملەرنى قىلغىلى بۇلدۇ مەن ھىچ چۇشەنمىدىم

kudrat0087 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 13:49:19

رەھمەت سىزگە مەن چۈشەنمىگەن بولساممۇ:(

yarkin9 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 13:53:04

بۇ ھەقىقەتەن بىركام بۇلغان بۇشلۇقنى تولدۇرغان ياخشى بىر ئىش بۇپتۇ ،لىكىنزە ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ قىسىملىق ئىتوتىدەك بۇ بىرىنجى قىسمى ئىككى ئىتوت با كىيىنكى قىسىمدىكى دەيدە ئۈچ ئىتۇت با دىگەندەك بۇپقاپتۇ خى خى خى....    چاق چاق ھە ئاداش راسلام ياخشى بىر ئىشنى ھۇجۇدقا كەلتۇرۇپسىزمىنىڭ قۇلامدا ئالما با ئاندىروئىد بۇلغان بۇلساچىچى گە قاچلاپ يانفۇنوڭلاغا 10قاچلىۋىتىپ بۇلسىمۇ ئالغان بۇلاتتىم ، بۇ بىلىملەنى يا تۇردا سۇرغانلانىڭ ھەممىسىلام دەپپەمەيدۇ ياخشىراق ئۇگنىش ئۈچۈن شاگىرىت لىققا كىرىپ ئۈگنىشكە تۇغرا كىلدۇ ،بۇ ئاۋار چىلىقلادىن قۇتلۇش ئۈچۈن بۇ ئەڭ ياخشى تاللاش بۇلالايدۇ ،،،،       ئاخرىدا بىشنى باشلىغان كەنسىز ئاخرىغا ئۇلاپ چىقرىۋىتىشىڭىزگەتىلەكداشمەن!نن!!...

ataman138 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 14:08:11

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن..مىللەت ئۈچۈن دەپ ئويلىغان ئاشۇ ئىشلىرىڭىز تىخمۇ روناق تاپسۇن..مەنمۇ سىز بىللەن ئالاقىلشىپ سېتۋاللاي..تەكلىپىم..چۈشەنمگەنلەر..باشقىللارنىڭ قىزغىنلىقغا سوغوق سۇ سەپمەڭلار..

yawaghaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 14:11:22

مەن ئويلىغىنىمدىن كۆپ ئەرزان بوپتۇ.

sultanbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 14:13:45

اللە جرىڭىزنىبەرسۇن قېرىندىشىم:handshake   مەن مۇ سېتىۋالدىم بولدى:)

yakan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 14:14:48

دوستۇمتىلفۇن نۇمرىڭىز غا پۇل ئۇرۇپ كتاپقا ئىرشسەكمۇ بولامدۇ

{يىگانە} يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 14:41:42

رەھمەت   ناھايىتى ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپسىز   بۇنداق كىتاپنى تەرجىمە قىلماققانچە تەستۇ ھە   بۇنى 50ئاقچقدىن ساتسىمۇ ئەرزىگۈدەك   ياخشى بوپتۇ:P:P:P:P

قاينام يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 14:48:04

رەھمەت دوستۇم، ھەقىقەت بوشلۇقتىن بىرى تولدۇرۇلىپتۇ، مىنى چ چ غا قوشىۋىلىڭە! :)
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8
: Arduino ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كاتتا سوۋغا-«مەن Arduinoغا ئاشىق»