ratna يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 19:44:35

ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش توغرىسىدا راي سىناش

كونا بىر يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى، بۇ جەرياندا ئالپ تورىغا ئولاشقان دوستلارمۇ ئاز ئەمەس، دوستلارنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا (بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەرقانداق كومپىيوتېر، يانفون يۇمشاق دېتاللىرى ۋە ئويۇنلىرىنى كۆزدە تۇتىدۇ) بولغان قىزىقىشى ۋە ئەمەلىي تەجرىبە-ساۋاقلىرى ئازدۇر-كۆپدۇر بولسىمۇ ئېشىپ باردى. بىراق ھەربىر ئادەمنىڭ خارەكتىرى، ئىقتىدارى، نەتىجىلىرى ۋە ئارزۇلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا سىتاتىستىكا قىلىپ باقاي دەپ بۇ راي سىناشنى يوللىدىم. كۆپچىلىك توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
بۇ راي سىناشنى تاللاشتا ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!
(ئەگەر سىز تاللىماقچى بولغان تۈر بۇ راي سىناشتا بولمىسا، ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.)

ALM_SOFT يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 21:23:52

بىر سى كام قاپتۇ !
دېتال تەرجىمە قىلىپ مۇۋاپىققىيەت قازانغان ، ئىلان قىلمىغان !

MM21 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-10 02:10:03

يەنە بىرسى كام قاپتۇ
`دېتال تەرجىمە قىلغۇم بار،ۋاقىت يوق

xaydayi يوللانغان ۋاقتى 2012-1-10 02:55:10

يانفون دىتاللىرىنى تەرجىمە قىلىۋاتىمەن ھەم ئېلان قىلىۋاتىمەن ھەم بىر قانچە قوللىنىشچان دىتاللار تەرجىمسىى پۈتۈپ تونۇردىن چىقىش ئالدىدا ...

buradar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 21:26:19

قىلاي دىسەم ئىش جىق لىكىن قانداق قىلىشنى بىلمەيمەن

MicroHD يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 21:41:47

بولدىغان گەپ .. قانچە كۆپ ئادەم بىلسە شۇنچە ياخشى .. بىزدىمۇ پۈتۈنلەي ئانا تىلىمىزدا بولسا مۇشۇ ئەپلەر دەيمەندە:L

15026135678 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 00:40:14

مىنىڭ بەكلا تەرجىمە قىلغۇم با ئەمما ھەقىقى تىلپۇندا لۇغەت ئارقىلىق تەرجىمە قىلىدىغان ئەپتەھرېرلىگۈچ تاپالمىدىم بازىسى پۇل دەيدۇ. ئىنكاس ئارقىلق ياردەم سۇرېسام ھېچكىم ەاردەم بەرمىدى
بەت: [1]
: ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش توغرىسىدا راي سىناش