Arduino دىن ئىككىنچى دەرس: كۆنەكسىمان تەجرىبە تاخـتىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-23 10:54Arduino دىن ئىككىنچى دەرس: كۆنەكسىمان تەجرىبە تاخـتىسى ۋە كۆپ LED چىرىغىنى ياندۇرۇش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى ئېلېكتىرون ۋە Arduino ھەۋەسكارلىرى ! ھەممىڭلارغا كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام!
ئالدىڭلاردا تولىمۇ خىجىلمەن، ئالدىنقى تېمامنى يوللىغاندىن ھازىرغا قەدەر12 كۈن ۋاقىت بوپتۇ،بىراق بۇ 12 كۈن ۋاقىت ماڭا بىر ئاي ۋاقىتتەك بىلىنىپ كەتتى،چۈنكى سىلەرنىڭ تەشنالىقىڭلار ئۈچۈن بىر كۈن بولسىمۇ تېمىنى بالدۇراق يېزىشىنى ئويلاپ تىتىت بولۇپ كەتتىم،ئاخىرى مەكتەپتىكى ئىمتىھان خىزمىتى (ئىمتىھان ئېلىش،قەغەز تەكشۈرۈش،خۇلاسە قىلىش) ۋە زېرىكىشلىك سىياسى ئۈگىنىشمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك تۈگەپ تۈنۈگۈندىن باشلاپ تەتىلگە كىرىپ كەتتۇق،مانا سەھەردىلا كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ تېما يېزىشنى باشلاپ كەتتىم،دەسلەپكى تېمامدا ئىيىتقىنىمدەك ئەمدى ئسسىق ئۆيدە ئولتۇرۇپ،Arduino توغرىسىدا ئىزدىندىنىشىمىزنى باشلىۋېتەيلى! قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كىلەيلى.
تۇنجى سائەتلىك دەرستەArduino توك يول تاختىسى ئۈستىدىكى LED چىرىغىنى ياندۇرۇشنى سۆزلىگەن ئىدىم،بۈگۈن كۆنەكسىمان( خەنزۇچىدىن بېۋاستە تەرجىمە قىلساق بولكىسمان توك يول تاختىسى دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ) تەجرىبە تاختىسى ۋە بىر قانچە دانە LED چىرىغىنى ياندۇرۇش توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىمەن:
بىر توك يولى نورمال يۈرۈشۈشتىن بۇرۇن،چوقۇم ئۇنىڭغا نىسبەتەن زور مىقداردا ئۆزگەرتىش ۋە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.بۇ خۇددىي ئېلېكتىرون توك يولىنىڭ دەسلەپكى چېرتىيوژىنى تېز سۈرئەتتە تەكرار ئۆزگەرتكەنگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان جەرياندۇر.ئوخشاش بولمىغان توك يوللىرىنى بىرىكتۈرۈشنى سىناپ باققان ۋاقىتىڭىزدا،قولىڭىزدىكى لايىھەدە ئىلگىرلەش بولۇشى مۈمكىن.بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى شۇكى،سىزنى بىر ھەم تېز،ھەم ئىشلىتىلىشچان،ھەم بۇزغۇنچىلىقى تۆۋەن بولغان توك يولنى ئۇلاش ۋە ئۆزگەرتىش تەجىرىبە سىستېمىسغا ئىگە قىلىش.يۇقارقى تەلەپلەردە ئىنتايىن روشەن ھالدا كەپشەرلەشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئۇلاش ئۇسۇلى چىقىرىپ تاشلانغان،چۈنكى ھەر قېتىملىق قېزىتىش سوۋۇتۇش جەريانىدا ئېلېكتىرون دېتاللىرى بىسىمغا ئۇچىراش ھالىتىدە بولىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كەپشەرلەشنىڭ ئۆزىمۇ ئىنتايىن ئىسراپچىلىق شەكلى ھېسابلىنىدۇ.
كەپشەر ئىشلىتىلمەيدىغان كۆنەكسىمان تەجىرىبە تاختىسى بىزگە ياردەم قىلىپ يۇقارقى مەسىلىمىزنى ھەل قىلىپ بېرەلەيدۇ.تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرىستىلگەندەك،كۆنەكسىمان تەجىرىبە تاختىسى بىر پارچە كىچىك سۇلياۋ تاختا بولۇپ،ئۈستىگە لىق سانجىش تۆشۈكى ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ھەربىر سانجىش تۆشۈكىنىڭ ھەممىسىدە بىردىن پۇرژىنىلىق ئۇلاش بىشى بار.سىز مەلۇم بىر ئېلېكتىرون دېتالىنىڭ ئۇلىنىش پۇتىنى سانجىش تۆشۈكىگە سانجىغان ۋاقىتىڭىزدا،ئۇ تىك قۇر بويىچە بىر رەتتىكى باشقا تۆشۈككە سانجىلغان دېتاللار ئارىسىدا توك ئۆتۈشۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.تۆشۈكلەر ئارىسىدىكى ئارلىق 2.54 مىللىمېتىر كېلىدۇ.
دېمەك كۆنەكسىمان تەجرىبە تاختىسى ئىشلىتىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى توك يولىنى تېز سۈرئەتتە قۇراشتۇرۇشقا ۋە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
تۇنجى سائەتلىك دەرستىكى تەجرىبىنى كۆنەكسىمان تەجرىبە تاختىسى ئارقىلىق ئىشلىگەندىكى توك يولنى قۇراشتۇرۇش رەسىمى ۋە سېخىمىسى:
مەزكۈر تەجرىبىنىڭ پروگىراممىسى ئالدىنقى تېمىدىكى پروگىرامما بىلەن ئوخشاش بولغاچقا بۇ يەردە قايتاتىلغا ئېلىنمىدى.
تۆۋەندە مەزكۈر تەجرىبىنى ئۆزۈم ئىشلىگەندىكى تەجرىبىنىڭ فىلىمىنى يوللىدىم،(كەچۈرۈڭلار مەندە مەخسۇس سىنغا ئېلىش قۇرالى بولمىغاچقا يانفۇندىلا ئالغانىدىم،سۈرئەت ئىنىقلىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس.شۇڭا ئەيىپكە بۇيرىماسلىقىڭلارنى سورايمەن)
http://v.youku.com/v_show/id_XNjY0OTc3MjE2.html
يالغۇز بىرلا LED چىرىغىنى ياندۇرۇش ئەمدى سىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن ئاددىي بىر ئىشقا ئايلاندى،بىراق ئىسىڭلاردا بولسۇنكى ھەربىر مۇرەككەپ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاددىي ئىشلاردىن باشلانغان،ئەمىلىيەتتە سىز مۇشۇ ئاددىي توك يولىنىڭ پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ،ئۇنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ياساپ چىقالىشىڭىز مۈمكىن.LED چىرىغىنى ياندۇرۇش توك يولىنىڭ پروگىراممىسى ماتورنى قوزغىتىش،رىلىنى قوزغىتىش قاتارلىق توك يوللىرىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كىتىدۇ،شۇڭا ئاساس خاراكتىرلىك بىلىملەرگە ھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز لازىم.
تۆۋەندە بىز بىر قانچە دانە LED چىرىغىنى ياندۇرۇش تەجرىبىسىنى ئىشلەيمىز.ئالدى بىلەن ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقايلى!
http://v.youku.com/v_show/id_XNjY0OTc4MTEy.html
تەجرىبىگە كىتەرلىك بويۇملار:بىردانە Arduino توك يول تاختىسى،بىر دانە كۆنەكسىمان تەجرىبە تاختىسى،تۆت دانەLED چىرىغى،كىتەرلىك ئۇلاش سېمى.
توك يولى قۇراشتۇرۇش سخېمىسى تۆۋەندىكىچە:
قولۇڭلاردا ئوتتۇراھال تىپىدىكى كۆنەكسىمان تەجرىبە تاختىسى بولسا توك يول قۇراشتۇرۇشىڭلا قىيىنغا توختىماسلىقى مۈمكىن،كىچىك تىپلىقىدا بىر ئاز ئاۋارچىلىق بار،لىكىن يېڭىپ كىتەلىشىڭلارغا ئىشەنچىم كامىل.توك يولنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى پروگىراممىنى كىرگۈزۈڭ.void setup()
{
for (int i=2; i<=5; i++)
{
pinMode(i,OUTPUT);
}
}
void loop()
{
for (int x=2; x<=5; x++)
{
digitalWrite(x,HIGH);
delay(200);
digitalWrite(x,LOW);
delay(200);
}
}مەزكۈر پروگىراممىدا LED چىرىغىنىڭ پۇتلىرى ئۇلىنىدىغان رەقەملىك ئۇلىنىش پۇتلىرىi دىن ئىبارەت ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئارقىلىق ئىپادىلەندى.
ۋاقىت مۇناسېۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازاي.بىلەلمىگەن نۇقتىلارنى ئىنكاس شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇڭلار.بىراق تېمىغا مۇناسېۋەتسىز ئىلان خاراكتىرلىك ئىنكاسلارنى يازماڭلار.
10كۈندەك يوقاپ كىتىشىمنىڭ يەنە بىر سەۋەبى «مەن Arduino غا ئاشىق» نامىلىق كىتابمنىڭ ئىملا تۈزىتىش،ئاخىرقى تەھرىرلەش ئىشلىرىنى ئىلىپ باردىم( ۋاقتىدا ئىلان قىلالماسلىقىمدىكى سەۋەبمۇ شۇ)،ئاللاھ خالىسا ئەتە ئۇلۇغ جۈمە كۈنىدە ئىلان قىلىمەن،كىتابىم مۇۋاپىقىيەتلىك تاقىتىلغاندىن كىيىن،ئەمدى بۇنداق ئاساس خاراكتىرلىك دەرسلىكلەرنى سۆزلەپ يۈرمەيمەن،بىۋاستە مەلۇم بىر قۇرۇلمىنى ياساش توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىپ ئۆتىمەن.شۇ ھەۋەسكارلارنىڭ نەزىرى داۋاملىق تېمىلىرىمدا بولغاي!
كامالى ئىھتىرام بىلەن: ئېلېكتىر چەۋەنداز
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى كىتابىڭىزنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن، ئىشلىرىڭىزغا ئاللادىن موۋەپپەقىيەت تىلەيمەن، ئاللا ئىلمىڭىزنىزىيادە قىلسۇن. كىتابىڭىزنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن، ئىشلىرىڭىزغا ئاللادىن موۋەپپەقىيەت تىلەيمەن، ئاللا ئىلمىڭىزنىزىيادە قىلسۇن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئىنشا ئاللاھ،كىتاب ئاخىرقى ھېساپتا پۈتۈپ قالدى،ئەتىكى ئۇلۇغ كۈندە ئىلان قىلىشنى قارار قىلدىم،سىزنىڭمۇ قوللاپ قۇۋەتلەپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر! تىمىڭىزنى كۈتكىكى خىلى بولغانرەھمەت تىمىڭىزنى كۈتكىكى خىلى بولغانرەھمەت
ئالدىڭلاردا تولىمۇ خىجىلمەن،ھازىرلا ئىچىمدىكىنىڭ ھەممىسنى تۆكۈپ بەرگۈم بار،بىراق بەش قولنى بىراقلا ئاغزىمىزغا تىققىلى بولمىغاندەك بۇنىڭغىمۇ ۋاقىت ۋە جەرىيان كىتىدىكەن.سىزنىڭمۇ قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت! بىز بىرلىكتە تىرشايلى! راستىنلاجاپا چىكىپسىز رەخمەت سىزگە . راستىنلاجاپا چىكىپسىز رەخمەت سىزگە .
سىزگىمۇ رەھمەت! مىللەت ئۈچۈن چەككەن جاپا ئوڭدا يېتىپ ئۇخلىغاندىن مىڭ ھەسسە شېرىن بىلىنىدۇ،بىرلىكتە تىرىشايلى! ماڭا سېپ بەرگەن ئېيىقچاقنىڭ ئىچىدە ئايرىمLED چىرىقى يوقكەن. بۇ تەجرىبىنى قاندا ئىشلەيمەن؟ ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.مېھرىبان ئاللاھ ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەتكە مۇشەررەپ قىلغاي..... ۋاي ئاداش مەنمۇ مۇشۇنداق نەرسىلەرگە بەكلا قىززىقىمەن مەن سىلەرنىڭ تىماڭلارنى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كۆرمەپتىمەن ،
مۇنداق ياخشى ئىشلارمۇ باركەن دە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن مۇشۇنداقبىر دەرىسلىككىتاپنىڭ بولماسلىقىبىزدەك قىزىققۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ يېتشىپ چىقشىمىزغاچوڭ بىرتوسالغۇ ئىدى،گەرچەباشقاتىلدىكى ماتىرياللار خېلى كوپ دىگۈدەك بولسىمۇ بىزدەكبىريېرىم تىللىقلار ئۈچۈنبۇنداق ماتىرياللارنى تولۇق چۈشۈنۈپ كېتىش تەسكە توختايدىكەن ، ئاخرى كۈتكەن كۇن يېتىپ كەلدىتىزراق جۈمەنىڭ كېلشىنى ئۈمۈد قىلمەنبارلىق ھەۋەسكارلارنامىدىن سىزگە كوپتىن كوپ رەھمەت ئېيتىمەن رەھمەت سىزگەكىتاۋىڭىزغا تەشنابىزبىلگەنلىرىڭىزنى ئايمىغايسىز ماڭا سېپ بەرگەن ئېيىقچاقنىڭ ئىچىدە ئايرىمLED چىرىقى يوقكەن. بۇ تەجرىبىنى قاندا ئىشلەيمەن؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم! ئۆيىڭىزدە كونىرىغان ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسۈنلىرى،بۇزۇلغان ئويۇنچۇقلار يوقمۇ؟ Arduino نىڭ ئىدىيىسىدە ئامال قىلىپ كونا نەرسىلەردىن،كونا دىتاللاردىن پايدىلىنىش تەۋسىيە قىلىندىغان بولغاچقا،LED چىرىغىغا ئوخشاش ھەممە يەردىن تاپقىلى بولىدىغان دىتالنى ئىزدەپ تاپالايدىغۇ دەپ سالمىغانىدىم،مېنىڭ ئىشلەتكىنىممۇ بالام ئويناپ بۇزىۋەتكەن چىراقلىق چاقپىلەكنىڭ ئىچىدىكى LED چىرىغى ئىدى،ئامال قىلىپ ئىزدىنىپ بىقىڭ،سىزگىمۇ تېپىلىپ قالار.
قېرىنداشلىرىمغا ئالاھىدە ئەسكەرتىمە:
ئىلگىرى مەن تارقاتقان «كىچىك ئېيىقچاق» توك يول تاختىسنىڭ سېتىلىشى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا ئىگىسىگە 40 دانىسىنى قايتۇرۋەتكەن ئىدىم،ھازىر مەندە پەقەت 4 دانىلا قالدى،شۇڭا سېتىۋېلىش نىيىتى بارلارنىڭ تىزدىن مەن بىلەن ئالاقە قىلىشىنى سورايمەن،قەشقەر ئىچىدىكىلەر بىۋاستە مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىلىۋالسا بولىدۇ،مەن ئەمدى قاتتىق دىتال ساتمايمەن.كىيىنكى تېمىلىرىمدا توردىن مۇناسېۋەتلىك دىتاللارنى قانداق سېتىۋىلىش توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىمەن.لازىملىق قېرىنداشلىرىم توردىن ئۆزى كېرەكلىك دەپ قارىغان دىتاللارنى سېتىۋالسا بولىدۇ. مۇئەللىم كىچىك ئېيىقچاق توك يول تاختىسىدىن مەن بىرنى سىتىۋالاي، ماڭا بىرنى ئەپ قويامسىز؟ مەن قەشقەر يېڭىشەھەردىن، يەنە ئون بەش ك:ندىن كىيىن سىز بىلەن ئالاقىلىشالايمەن، سەۋەبى ھازىر مەن يۇرىتتا ئەمەس ،
مەن باشتىن ئاخىر سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزغا دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن، ماڭا بىر تال ئەپ قويسىڭىز؟ مۇئەللىم كىچىك ئېيىقچاق توك يول تاختىسىدىن مەن بىرنى سىتىۋالاي، ماڭا بىرنى ئەپ قويامسىز؟ مەن قەشقەر يېڭىشەھەردىن، يەنە ئون بەش ك:ندىن كىيىن سىز بىلەن ئالاقىلىشالايمەن، سەۋەبى ھازىر مەن يۇرىتتا ئەمەس ،
مەن باشتىن ئاخىر سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزغا دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن، ماڭا بىر تال ئەپ قويسىڭىز؟
بولىدۇ،سىز ئۈچۈن بىرنى ساقلاپ قوياي. e-chewendaz يوللىغان ۋاقتى2014-01-23 14:35:03 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم! ئۆيىڭىزدە كونىرىغان ئ
دېمەك ئاران 6ئادەم سېتىۋاپتۇ دە ، مەن تېخى 50تال نەرسە بىر دەمدىلا سېتىلىپ تۈگەمىكىندەپتىمەن . مەن ئەسلى سىزدىن بىرتال سېتىۋالاي دېگەن لېكىن كۆپرەك زاپچاس بىلەن قوشۇپ سېتىۋالايدەپ توردىن سېتىۋاپتىكەنمەن ، ھازىر ئويلىسام سىز دېگەندەك كۆپىنچە زاپچاسلارنى ئۆيدىكى كېرەكسىز نەرسىلەردىن تاپقىلى بولىدىكەن . مەن بىر نەچچە خىل تەجرىبىنى ئىشلەپ باقتىم ، ھەمدە پىروگىرامما كودلىرىنى بەيدۇدىن ئىزدەپيۈرۈپ ئۆزۈم خالىغانچە بىر نەرسىلەرنى قۇراشتۇرۇپمۇ باقتىم ، مەن ھازىر بۇ نەرسىگە راستىنلا قىززىقىپ قالدىم. ئەگەر سىزدە قېپقالغان 4نى بىر ھەپتىگىچە باشقىلار ئېلىپ بولمىسامەن سىزدىن يەنە بىرتال سېتىۋالاي، چاغاندا بەلكىم بىرەر ئىككى كۈن ئارام ئالساق قەشقەرگە بېرىپ قېلىشىم مومكىن، شۇ چاغدا سىزگە تېلفۇن قىلسام بولىدۇ.
بەت:
[1]
2