♥ئەزھەر♥ يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 12:03:39

apktoolنىڭ يانفۇن نۇسخىسىنى ئىشلىتىش دەرىسلىكى«مۇكاپاتلىق»

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ مۇنبىرىدىكى بۇ ئادەتتىكى كىچىككىنە دەرىسلىكىمنى كۆرۈۋاتقان بارلىق قېرىنداشلار ئالتۇن ۋاقتىڭلا خەيرلىك بولسۇن،قېرىندىشىڭلا(گۈللەن)دىن بارلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا ئاللاھنىڭ بۈيۈك سالامى بولسۇن.
مۇنبەرگەapktoolنىڭ يانفۇن نۇسخىسى يوللاندىيۇ لىكىن بۇنى خېلى ھەۋەسكارلىرىمىزنىڭ ئىشلىتەممىگەنلىكىنى كۆردۇم(شۇنىڭغا يېزىلغان ئىنكاسلاردىن)مەنمۇ باشتا بۇ نەرسىنى ئىشلىتەممەي ئىشلىتىشنى نەچچە قېتىم قايتا سىناپ ئاندىن ئىشلىتەلىگەنتىم ئەمدى سىلەر بىلەن شۇ ھەقتىكى كىچىككىنە بىلىمىمنى ئورتاقلاشماقچىمەن.
1-سىز ماۋۇ ئادرېستىكى apktoolنى چۈشۈرۈڭ http://awtnsv4d9t.l18.yunpan.cn/lk/QzdMBwaH7LwFz ئۆزىڭىزدە بولسا شۇنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
2-ئۇنى چۈشەسىڭىز ياكى ئۆزىڭىزدىكى zipھالەتتە بولىدۇ،سىز ئۇنى پىرىستىن يېشىڭ ئۆزىڭىزدىكى ھۆججەت باشقۇرغۇچنىڭ ئاشداق ئىقتىدارى بولىشى مۇمكىن ياكى پىرىس يەشكۈچ باردۇ بەلكىم بۇ توغرىسىدا خېلى كۆپ تېمىلار بار.
3-سىز apktoolنى پىرىستىن يېشىپ بولدىڭىزمۇ؟ھە ئەمسە apktoolدېگەن ھۆججەتنى(ئەسكەرتىش!!apktoolدېگەن ئەپنىلا يەشمەيسىز ھە!!apktoolدېگەن ھۆججەتنى يېشىسىز ۋە شۇ ھۆججەتنى تېلفۇنىڭىزنىڭ سىغىمى بولسا شۇ سىغىمىغا ياكى ساقلىغۇچ كارتىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە قويىسىز ماۋۇ رەسىمدىكىگە ئوخشاش..
ئاندىن كىيىن شۇ ھۆججەتنىڭ ئىچىگە كىرسەك ماۋۇ ھۆججەتلەر بار..2-رەسىمگە قاراڭ!!
شۇنىڭ ئىچىدىن ئاپىكتول دېگەن ئەپنى يېشىمىز ئۇنى يەشسەك ماۋۇنىڭدەك ئېچىلىدۇ..3-رەسىمگە قاراڭ!!
شۇ يەردىن سىغىم كارتىغا ياكى تېلفۇننىڭ سىغىمىغا كىرىمىز.
تولۇقلانما مەزمۇن:»بىز ئەمدى باشقا قايتىپ چىقىپ تەرجىمە ياكى تەھرىرلىمەكچى بولغان ئەپنى سىغىم كارتىنىڭ ياكى تېلفۇننىڭ سىغىمىنىڭ باش مۇندەرىجىگە قويىمىز ۋە ئىسمىنى 1234دەپ ئۆزگەرتىپ قويىمىز(بۇ ئالاھىدە بىر ئىشمۇ ئەمەس شۇ ئەپنىڭ نورمال يېشىلىشى ئۈچۈن)ئەپنى غول مۇندەرىجىگە قويىمىز ھە!!ھۆججەت ئىچىگە قويساڭلا ئەپ يېشىلمەيدۇ 4-رەسىمگە قاراڭ!!
ئەمدى بىز 3-مەزمۇندىكى يەرگە قايتايلى، بىز سىغىم كارتىغا ياكى.........كىرسەك بىز 1234دەپ ئىسىم قويۇپ قويغان شۇ ئەپ بار،شۇنى چېكىمىز بىرلا چېكىمىز ھە!!بېسىپ تۇرساق باشقا يەر چىقىپ قالىدۇ بوممىسا!!!
بىرلا چەكسەك «ھەممىنى يېشىش دېش ھۆججىتىنى يېشىش تىل ھۆججىتىنى يېشىش دەپ يەرلەر بار بىز شۇنىڭ خالىغان بىرىنى چېكىمىز»ئەگەر مەشغۇلاتىڭىز ھەممىسى نورمال بولغان بولسا ئەپ يېشىلىدۇ(يەنى:شۇ غول مۇندەرىجىگە بىر ھۆججەت پەيدا بولىدۇ«1234_src»دەپ بىز تەھرىرلەيدىغان تەرجىمە قىلىدىغان ئەپ دەل شۇ ھۆججەتتىن تەركىب تاپقان بىز شۇ ھۆججەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ توغرا كود خاتالىقى كەلتۈرۈپ چىقاماي خالىغاننى قىلىپ ئۆزگەرتسەك بولىدۇ«كود خاتالىقى كەلتۈرۈپ چىقارسىڭىز ئەپ بولاقلانمايدۇ!!»
ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچ::ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى قانداق قىلىشنى دەپ ئولتامىساممۇ مۇنبەردە خېلى يېتەرلىك دەرىسلىكلەر بار،شۇڭا ئەمدى بولاقلاشقا سەكرەپلا ئۆتۈپ كېتەيلى.
ئەمدى بىز شۇ«1234_src»دېگەن ھۆججەتنى بىرلا چېكىمىز چەكسەك بولاقلاش دەپ خەت چىقىدۇ نىمىشقا باشقا ھۆججەتلەرنى چەكسە بولاقلاش چىقمايدۇ دېگەن ئويغا كېلىپ قالغانسىلە ھەقىچان ئۇ «_src»مۇشۇ خەتنىڭ ئىشى بۇ خەتنى ھەرقانداق ھۆججەتنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە قوشۇپ شۇ ھۆججەتنى باسسا بولاقلاش چىقىۋېرىدۇ لىكىن بولاقلانمايدۇ،شۇ خەتنى چەكتىڭلامۇ؟ئەگەر مەشغۇلاتىڭىز نورمال بولغان بولسا كود خاتالىقى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولسىڭىز ئەپ بولاقلىنىدۇ ۋە شۇ غول مۇندەرىجىدىكى ئەپنىڭ ئاستىغا يەنە بىر ئەپ پەيدا بوپ قالىدۇ «1234_src.apk»دەپ ئەمدى بۇنىڭغا ئىمزا قويساقلا ئەپ نورمال ئىشلەيدۇ.
قالدى ئىشلارنى ھەممىنى دېمىسەممۇ بىلەلەيسىلەر.
بۇ مىنىڭ ئالىپ تورىغا تۇنجى قېتىم تېما يوللىشىم شۇڭا خاتا كەتكەن يەرلىرىم بولسا ئۇستازلارنىڭ تەنقىدى پىكىرلىرىنى بېرىشىنى سورايمەن.
رەسىملەرنى تېمىغا قىستۇراممىدىم شۇڭا رەسىملىرىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىۋېتەي

♥ئەزھەر♥ يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 12:09:05

چۈشەنمىگەن يېرىڭلار بولسا ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قوياسىلەر،دەرىسلىكنى بەكمۇ چۈشىنىشلىك قىلاممىدىم مىنىڭمۇ سەۋىيەم چەكلىك ئەمەسمۇ

1500142760 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 12:28:41

رەھمەت سىزگە

♥ئەزھەر♥ يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 12:32:18

ھە راس بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمە تېلفۇنىڭىز روتلانغان روت ھوقۇقى بولۇش كېرەك بوممىسا apktoolنى ئىشلىتەممەيسىز

anwar0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 12:40:04

رەھمەت :):):):)شۇنداقچۈشنشلىك بوپتۇ

جوردان يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 12:45:44

رەھمەت بولسىغۇ سىنلىق قىلىپ يوللىغان بولسىڭىز تېخىمۇ مۇكەممەل بولاركەن مەندەك ھىچنىمىنى ئۇقمايدىغانلارغا رەھمەت

Eliyas5541 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 12:45:50

رەھمەت قېرىندىشىم

حمداللە يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 12:48:02

گۈللەنياخشى يېزىپسېلە مەم ساقلىۋالايقالغىننى ئۈزەڭلا دەپ بىرەسېلە

♥ئەزھەر♥ يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 13:04:10

جوردان يوللىغان ۋاقتى2014-1-12 12:45
رەھمەت بولسىغۇ سىنلىق قىلىپ يوللىغان بولسىڭىز تېخىمۇ...

مىنىڭغمۇ سىنلىق دەرىسلىك قىلغۇم باتتى لىكىن سىنلىق قىلسام بۇنى ئىشلىتىدىغانلا ئاساسەن شۇ كومپىيوتېر يوقلار ئىكەن سىنلىق بولسا ئۇلار دەرىسلىكنى چۈشۈرۈپ كۆرۈش قىيىن كېلىدىكەن شۇڭا مۇنبەر يۈزىگىلا قىلدىم،مەنمۇ خېلى كۆپ سىنلىق لىكىن ماڭا لازىملىق دەرىسلىكلەرنى چۈشۈرەممەي،مىنىڭمۇ كومدا تور يوق،شۇڭا مۇنبەر يۈزىگىلا قىلدىم

sabir12 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 13:04:30

ئادرىسى يۇيۇلۇپتۇ   قايتا تەھرىرلەپ قويسىڭىز

♥ئەزھەر♥ يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 13:17:14

sabir12 يوللىغان ۋاقتى2014-1-12 13:04
ئادرىسى يۇيۇلۇپتۇ   قايتا تەھرىرلەپ قويسىڭىز

ئادرېس ساققۇ مانا ھازىرلا چىقتىم،ئادرېسنى تور كۆرگۈچكە چاپلاپ سىناپ بېقىڭ.ياكى سىز تېرمىنالدا چىقىۋاتامسىز

muSaFiR888 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 13:17:22

ئادىرستائەپيوقكەن…

♥ئەزھەر♥ يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 13:20:27

muSaFiR888 يوللىغان ۋاقتى2014-1-12 13:17
ئادىرستائەپيوقكەن…

zipشەكىللىك ھۆججەت شۇ،چۈشۈرۈپ پىرىستىن يەشسىڭىز ئىچىدە بار

sewriyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 14:18:13



مەن بۇنىڭ بىر نەچچە نەشىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بۇ مۇنبەردە تارقاتقان، ئەمما بۇ ئەپنى ئىشلىگەن يولداشنىڭ قىلدىغان باشقا ئىشى يوقتەك كىچىككەندە ئايدا بىر قېتىم تىز بولغاندا ھەپتىدە بىر قېتىم يېڭى نەشىرىنى ئىلان قىلىۋەردى… مىنىڭ يىتەرلىك ۋاقتىم بولمىغاچقا داۋاملىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بۇلالمىدىم. يېڭى نەشىرىنى ئىشلەتمەكچى بولغانلار تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشىرىۋالساڭلار بۇلىدۇ.

code.google.com/p/apktool




barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 15:07:01

sewriyar يوللىغان ۋاقتى2014-1-12 14:18
مەن بۇنىڭ بىر نەچچە نەشىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بۇ مۇن ...

قارىسام 4.4 نەشىرى چىقىپ بوپتۇ،سىز يېڭى نەشىرىنى ئىشلىتىپ باقتىڭىزمۇ،يېڭى ئىقتىدار قوشۇلۇپتىمۇ؟
بەت: [1] 2 3 4
: apktoolنىڭ يانفۇن نۇسخىسىنى ئىشلىتىش دەرىسلىكى«مۇكاپاتلىق»