cj038 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 01:02:42

(چاقماق) روم لوغىتىنىڭ ئىملاسى تۈزىتىلدى ....

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئۇستاز ۋە قېرىنداشلار .....! ياخشىمۇسىلەر !

ئۇزۇن بوپتۇ بەزى ئىشلار سەۋەپلىك ئالىپ تورىغا چىقىپ تېما يوللىمىغىلى.

مەن خېلىدىن بۇيان (چاقماق ) گورۇپپىسى تارقاتقان روم لوغىتى بىلەن ئېيتىشىۋاتقان ئىدىم . نىمشقا دىگەندە ،سىلەرگە ئوخشاش سۈيۈملۈك ئاناتىلىمنى سۆيگەنلىكىمدىن ، خاتا ئىملا- ماس كەلمىگەن سۆزلەرنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرغۇم كەلمىدى . شۇڭا ئىملا خاتالىقى ياكى ماس كەلمىگەن سۆزلۈكلەرنى بايقىغان ھامان تۈزىتىپ تۇردۇم .

بۇ يەردە يەنە شۇنى دەپ ئۆتسەم ؛ ئۇستازلارنىڭ نەچچە يۈز _نەچچە مىڭ سۆزلۈك ۋە ئىبارىلەرنى بىردىن -بىردىن يېزىپ تەرجىمە قىلىپ ، ئەمگىكى ئۈچۈن _ ئەمگىكىنىڭ قەدرىنى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئازراق ھەق تەلەپ قىلسا، ئاچچىق سۆزلەپ .... يازغان ئىكاسلېرىمىزدىن خىجىل بولدۇم . ...

ئەمدى نەق گەپكەكەلسەم ، روم لوغىتىدىكى تۈزىتىلگەن سۆزلۈكلەرنى ئەسلەپ ئۆتەي :
ئىتىش _يەنى 关闭نىتاقاش ياكى تاقاق ، دەپ
تېلېفون _ ياكى تىلفۇن ، يانفون قاتارلىقلارنى تېلىفۇن ياكى يانفۇن دەپ ،
توكدان _ نى باتارىيە دەپ ، توكلاۋاتىدۇ _ نىزەرەتلەۋاتىدۇ ..........
卸载 _ بۇ نىڭ تەرجىمىسى ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن . چىقىرىۋېتىش ، يۇيۇش ،ئۆچۈرۈش ...... قاتارلىق ، بۇنى مەن ئۆچۈرۈش دەپلا ئالدىم (يەنە سېغىم كارتىنىلا چىقىرىۋېتىش دەپ ئالدىم )،
كەزمە مۇلازىمەت _ سەييارە مۇلازىمەت ، .......
بۇنىڭدىن باشقىمۇ ئۆزگەرتىلگەنلېرى خېلى كۆپ .

ئەمما يەنە بىر گەپنى دىمىسەم بولمايدۇ . لوغەتتە ماس كەلمىگەن ياكى ئىملاسى خاتا سۆزلۈك يەنىلا كۆپ، بۇ بىر-ئىككى ئادەم قىپ بولالايدىغان ئىش ئەمەس ئىكەن . ھەممەيلەن تەڭ كۈچ چىقارغاندىلا ئاندىن بولىدىغان ئىشكەن .
كۆپچىلىكتىن ئۆتۈنىدىغىنىم ، ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ خاتا كەتكەن جايلارنى تەڭ تۈزەتسەك . ھەمدە روم تەرجىمە قىلىدىغان دوسلېرىمىز_ قېرىنداشلېرىمىز ،خاتالىقنى بىرلىكتە ئوڭشاپ ، تېخىمۇ گۈزەل تېخىمۇ چۈشىنىشلىك سۆز _ ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ مۇكەممەللەشتۈرسەك دىگەن ئۈمىدتە مەن ....

كەسمىلەر :









ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ ئىشلېرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ، تېنىڭلارنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئاللاھدىن تىلەيمەن .......

kapsiz333 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 10:59:00

رەھمەت.روم تەرجىمە قىلالمىساممۇساقلقپ قۇياي.:)

uygurman1234 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 11:00:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uygurman1234 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-7 11:03

ئاللاھرەھمەت قىلسۇن تېخىمۇ تىرىشىڭ مەن پەقەت بىلەلمىدىم لۇغەت ئىشلىتىشنىئۇ كومنىڭمۇ؟   مەن تىلفۇننىڭكىنىمۇ چۈشەنمىدىمساندان قۇرۇق دەيدۇ نەدىن قانداق چۈشۈرىمىز ياردەم قىلساڭلا

doktor8 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 11:05:42

كۆپ رەھمەت سىزگە ! قانداق ئىلىتىدىغىنىمىزنى تەپسىلىرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز!

HANJAR45 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 11:07:54

رەخمەت سىزگە

سۇمرۇغ يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 11:17:17

رەھمەت سىزگە :):):)

«سەۋىر» يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 11:17:40

بەك رەھمەت قىرىندىشىم ،   قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن،    ئاناتىلغا يەنە بىر تۆھپە قوشۇپ سىز .ئاللاھ ئىشلىرڭىزنى ئوڭ قىلسۇن

sahralik0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 11:18:47

مىنىڭ تىلفۇنۇمنىڭ رومى بامۇ lonovoP700iنەشرى 4.0.4بوسا يوللاپ بەسىڭز مىننەتتار بۇلاتتىم

شادىمان يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 11:36:11

ئاچۇ ئاۋال ئوقۇيدىغان لاتىن ھەرىپلىرىنى ئوڭ تەرەپكە چىقىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ ؟
قېرىنداشلار مۇشۇ توغۇرسىدا مۇنازىرلىشىپ باقساق!!!

kowruk يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 11:39:20

قانداق ئىشلىتىدۇ ؟

adimin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 11:46:46

بەك ياخشى ئويلاپسىز جۇمۇ

ansar123 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 11:57:00

rahmat sizga.

nurali55 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 11:59:10

مەنمۇ چۇشۇرۋالدىم

♥ئەزھەر♥ يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 12:06:52

راسلا بۇ لۇغەتتە ئىملا خاتالىق بەك كۆپكەن مەنمۇ سامسۇڭD710نىڭ ئورگان رومىنى تەرجىمە قىلاي دەپ كۆك چىش نى تەرجىمە قىلىپ باقسام كۆكچىش دەپ يەنە خېلى ئىملا خاتالىق باكەن شۇڭا بۇ لۇغەتنى ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىشچە تۈزەتسەك بولغۇدەك

subat786 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 12:21:08

كارتىنى فورماتلاش SD

بۇ مەسىلىنىمۇ ھەل قىلساڭلار بۇلاتتى.
مەنغۇ تەرجىمە قىلغان نەرسىلەردەـ بۇنى قۇيۇۋەتسەم خەت ئالمىشىپ كەتمەيتتى.
ـ
بەت: [1] 2 3
: (چاقماق) روم لوغىتىنىڭ ئىملاسى تۈزىتىلدى ....