QapQan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 00:15:09

بۇ تېمىنى كۆرمەڭ !



قوللاش قۇۋۋەت بېرىش دىمەكتۇر! قۇۋۋەتتەرەققىيات دىمەكتۇر! يەككە شەخىسنىڭ تەرەققىياتى ئۆزنۆۋىتىدە ئۇ تەۋە بولغانكوللىكتىپنىڭ مۇۋەپپىقيىتى ۋە يۈكسىلىشىدۇر.

ئەسلىدە مۇنداق بىرماقالە يىزىشنىمۇ ، مۇنداق قاملاشمىغان ماۋزۇ قويۇشنىمۇ ، مۇنداق ھاياجانلىق ، (ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈردىغان) ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشنىمۇ ياقتۇرمايتتىم . ھالبۇكى مەن ياقتۇرمىغان نەرسە دەل مەن قىلمىسام بولمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.

نەق گەپكە كەلسەم ،مۇنبەردىكىبارلىق ئەزىزلەر! ھەممىڭلارغا مەلۇممۇنبەرلىرىمىزنۆۋەتتە مەزمۇن ، ۋە باشقا جەھەتلەردىن ناھايىتى قىممەتلىك مەزمۇنلار ، ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر ، ئىسىل دەرىسلىك ماتىرياللىرى ....بىلەنكۆپچىلىكنى تەمىنلەپ كىلىۋاتىدۇ. تور ئابونىتلرنىڭ ئېشىشى مۇنبەرلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق ، ئەمدى بۇيەردە يەنىلا بىر مەسىلە كۆرۈلىۋاتىدۇ ، (شەخسي قاراش) شۇنچە ئىسىل تېمىلارغا يىزىلغان ئىنكاسلار بىر بەتمۇ توشمايدىغان ، قىممەتلىك پايدىلىنىش ماتىرياللىرى بىلەن تەمىنلىگەن قېرىنداشلارغا بىر ئېغىز رەھمەتمۇ يوق .....

خوش ! مەن بۇيەردە نىمىشقا بۇنچە ئەزۋەيلەپ كەتتىم ؟ ئىنكاس يىزىش ئەجبا شۇنچە مۇھىممۇ ؟   ئۇزۇن يېللىق مۇنبەر ، ئىجتىمائىي ئالاقە تور مۇلازىمىتى تەجىربىللىرى تەتقىقاتلىرى(مىنىڭ ئەمەس خەلىقئارا سىتاتىسكىلار) ، شۇنى ئىسپاتلايدۇكى ئىجتدىمائىي ئالاقە مۇنبىرى ، ياكى بىلوگلار (نۆۋەتتىكى يۈزلىنىش شۇغۇ_؟بەكتۇردەك) ،   غايەت-زور جامائەت پىكرى ئارقىلىق تېخىمۇ يۈكسىلەلەيدۇ.مەسلەن بىركۈندىلا چولپان بولغان گاڭنام ئۇسۇلچىسى ئېسىڭلاردىمۇ؟ ئەمەليەتتە يوتۇبىئۇنىڭغا نۇرغۇن ھەق بەردى ، نىمىشقا ؟ چۈنكى ئۇنىڭ ۋىدئسىنىڭ چىكىلىشى يوتۇبىدانەچچە ئون مىليوىدىن ئىشىپ كەتتى، مانا بۇ سانلىق مەلۇمات يوتۇبىنىىڭ ئىنىرگىيىسى ، يەنە بىرسى ئىنكاسلار تېما ئېگىللىرىنى تېخىمۇ روھلاندۇرالايدۇ ، ھىچ بولمىسا تېما يازغۇچىلارنىڭ كىيىنكى قېتىم تېخىمۇ نادىر تېمىللىرىنى بىز بىلەن بەھىرلىنىشى ئۈچۈن !!!

توغرا ! ھەربىرىمىز ناھايىتى ئالدىراش ، شۇتاپتا مەنمۇ بىكار قېلىپ بۇنى يىزىۋاتقىنىم يوق ، ئەمما يىزىلغان ئاشۇ ئىنكاسىڭىز قانچىلىك ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋىتەر؟ پىكىر قاتناشتۇرۇش ۋاقىت ئىسراپچىلىقىمۇ ؟ھىچ بولمىغاندا(رەھمەت!)(قالتىس!)(ئىسىل!) ، .... دىگەندەك رىغبەت ئىبارىللىرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ قېرىندىشىم ! بىر - بىرمىزنى قوللايلى ! ھالبۇكى سىز قالدۇرغان ئىنكاس ئۆز نۆۋىتىدەسىزنىڭشۇ مۇنبەرگە قوشقان تۆھپىڭىز ھىسابلىنىدۇ.

                تېمىنى كۆرمەڭ دىسەم بۈيەرگىچە كۆرۈپسىز، ئەمدى مەندىگەن مەزمۇنلارنى ئازغىنە ۋاقتىڭىزنى (ئىسراپ قىلىپ) ئويلىنىپ كۆرۈڭ بولامدۇ!

    پېقىر پادىچى قىلغان زۇۋاندارلىقىم ، ھۆرمەتسىزلىكىم ئۈچۈن بارلىق ئەزىزلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن!


             مەنبە : بەكتۇر مۇنبىرى    http://bektur.com/bbs/thread-1814-1-1.html

   مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەسقاتىدىغان تېمىكەن ، گۈزەل پىكىر !

tograk520 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 10:26:19

مەنمۇ قايسى بىر كۈنى مۇشۇنداقراقئىنكاستىن بىرنى يازغان، ئۆزى قىلالمايدىغان خەق قىلغاننى كۆرەلمەيدىغان، بىر تېمىنى يېزىپ تاغدىن سورىسا باغدىن جاۋاپ بىرىدىغان، تېما بىلەن قىلچەمۇناسىۋىتى يوق گەپ-سۆزلەرنى قىلىشىدىغانلارغا، بىر قانچە تەكلىپ -پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قويغان، يەنە شۇگەپ بىرەر دوستىمىز تېما يوللىسا، مەن بۇ تېمىنى پالانى تور بەتتە كۆرۈپ بولغان دەيدىكەنمىز، بىر تېما يوللىنىپ نەچچە ئايدىن كىيىن قايتا يوللانغان بولسا تەكرار تېما دەيدىكەنمىز، شۇ تېمىدىكى ماتىرىيالنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باققاندىن كىيىن تەكرار يوللانغىنىنى بىلىسىزغۇ دەيمەن. سىز بىلگەن بىلەن مەن ۋە باشقىلار بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن. باشقىلارمۇ بىكارچىلىقتا ئىچى پۇشۇپ قېلىپ، قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي تېما يوللاپ ئولتۇرمايدۇ، شۇ قېرىنداشلىرىم مەن سەۋەپلىك ئاز-تولا بىلىمگە ئىگە بۇلۇپ قالسا دەپ، ئەپ ياكى باشقا پايدىلىنىشچان ماتىرىياللارنى يوللايدۇ، شۇڭا قېرىنداشلىرىمىز ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ قىزغانلىقىغا سوغوق سۇ سېپىدىغان، باشقىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان پۇچەك ئىنكاسلارنى يازمىساق.
   ئۇيغۇر تىلىمىزدا ناھايتى پاساھەتلىك، گۈزەل سۆز-ئىبارىلەر بار تاللاپ ئىشلىتىشىمىزگە يېتىدۇ.
بولدى مۇشۇنچىلىك سۆزلەي، مىنىمۇ تولا گەپ قىلدى دەپ تىللاپ يۈرمەڭلار يەنە.
كۆپ سۆزلەپ قويدۇم كەچۈرۈڭلار قېرىنداشلار.

فارايات يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 00:39:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فارايات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-6 00:41

ئاپلاخاتابېسىپ قوللىمايىمەن دەپ قۇياپتىمەن ئەمەسما

xjislam يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 00:33:24

قۇرۇپ گەپمۇ نىمە بۇ ، باشقا مۇنبەردە بۇنداق ياسالما تەكەللۇپ سوزى ئاققان بىلەن ئالىپتا ئاقمايدىغۇ دەيمەن !

1785200596 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 00:34:29

رەھمەت ،،،،

فارايات يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 00:41:23

قوللايمەن

axikowqi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 00:44:53

كۆز قارشىڭلارغا قۇشىلمەن

nazar007 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 00:45:32

قۇرۇپ گەپمۇ نىمە بۇ ، باشقا مۇنبەردە بۇنداق ياسالما تەكەللۇپ سوزى ئاققان بىلەن ئالىپتا ئاقمايدىغۇ دەيمەن !

قېيۇم يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 00:47:40

مەردان520 يوللىغان ۋاقتى2014-01-06 00:43:22 static/image/common/back.gif
مەن دوسلارغا ئۆزەم ئىشلىتىپ كەلگەن ئەپلەدىن ئەپكەلدىم
كۆپ رەھمەت !

348246 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 00:49:58

ياخشى پىكىر بوپتۇ

فونتان يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 00:50:13

ما تېمىغا تازا ناچار ئىنكاسلار چۈشۈپتۇغۇ...:L . باشقا نەرسە ئەمەس شۇ باشقىلارنى قوللاشقا رىغبەتلەندۈرۈپتىغۇ بىزنى...

مەردان520 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 00:51:24

دوسلار ماڭا360云盘 دىكى نەرسىلەرنى باشقا دوسلارغا يوللاپ بىرەي دىسەم پەقەت ئادرىسنى بىۋاستە يوللاممىدىم   بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلاتەڭ بەھرىلەنسەك

بەخىتيا يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 00:57:09

بۇ ئالىپننىڭ بۇرۇنقى ئادەملىرى ئاساسەن قالمىغىلى تۇردى ھازىر تاغدىن سورسا باغدىن جاۋاپ بىردىغان يىڭى كەلداخۇنلار كۆپيۈپ قاپتۇق

xamxar836 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 01:00:56

رەخمەت

كۆك ئاسمان يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 01:14:07

توغرا دەيسىز

amat015 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 01:28:11

ھازىر بەزى تىمىلارغا يىزىلغان ئىنكاسلار ھەقىيقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ئاز بىر قىسىملار باشقىلار بىر ئوبدان پايدىلىنىش تىمىسى يازسا بىر بولسا ( كىرىسلو ماڭا قاپتۇ) بىر بولسا ساتارمەننىڭ ئىلانى......:shutup:;Pكۆڭۈلدىكىدەك مۇنازىرىگە قاتنىشىپ تىمىنىڭ مەزمۇنىنى بىيتىدىغانلار ساناقلىق. مەنمۇ تورداشلارنىڭ ئويلىنىپ بىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9
: بۇ تېمىنى كۆرمەڭ !