Arduino ئارقىلىق نېمىلەرنى ياساشقا بولىدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ئىلگىرى يوللىغان تېمىلىرىمغا چۈشكەن ئىنكاسلاردا بەزى ئېلېكتىرون ھەۋەسكارلىرى مەندىن Arduinoنىڭ نىمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى سورىغانىدى،ئەسلى بۇ توغرىسىدا دەرسلىكلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ھەربىر قۇرۇلمىنى ياساش جەرىيانىنى تونۇشتۇرۇش جەرىيانىدا Arduinoنىڭ نىمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمەكچى ئىدىم،قېرىنداشلارنىڭ قىزىقىشنىڭ سۇسلاپ قالماسلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ،بۇ تېمامدا بەزى مىساللار ئارقىلىق Arduinoنىڭ نىمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىمەن.
ھەممەيلەنگە ئىلگىرى ئېيتىپ ئۆتكەندەك،Arduino بولسا بىر ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش توك يولى بولۇپ،ئۇ سەزگۈچ ۋە باشقا ئېلېكتىرون دىتاللىرى ئارقىلىق سىرىتقى مۇھىتىنى سىزىپ،ئاپتۇماتىك ئىنكاس قايتۇرىدۇ.بۇنىڭ تىپىك مىسالى سۈپتىدە ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش بىلەن ئاپتۇماتسىز كونتىرول قىلىشنىڭ پەرىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئاپتۇماتىسىز كونتىرول قىلىش
قاراڭغۇ چۈشكەندە،ئۆيگە كىرسەك،ئۆينىڭ قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنى بايقايمىز،شۇنىڭ بىلەن قولىمىز ئارقىلىق ئۆي ئىچىدىكى چىراغنىڭ ۋېكىچاتىلىنى باسىمىز،چىراغ يېنىپ،ئۆي ئېچى يورۇيدۇ.
ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش
قاراڭغۇ چۈشكەندە، Arduinoيورۇقلۇققا سەزگۈر قارشىلىق ئارقىلىق ئۆينىڭ قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ،شۇنىڭ بىلەن Arduino ئۆي ئىچىدىكى چىراغنىڭ ۋېكېلچاتىلىنى قوزغىتىدۇ،چىراغ يېنىپ ئۆي ئىچى يورۇيدۇ.
Arduinoغا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان نۇرغۇنلىغان سەزگۈچلەر بار(سېنزورلار)، يەنى يورۇقلۇق سەزگۈچى،تېمپۇراتۇرا سەزگۈچى،ئاۋاز سەزگۈچى،ئېلېىكتىرون ماگىنىت سەزگۈچى،رەڭ سەزگۈچى،گاز سەزگۈچى،ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى سەزگۈچى،تەۋرىنىشنى سەزگۈچى دىگەندەك،بۇنىڭ بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان يەنە نۇرغۇنلىغان توك يول مودىللىرى بار(بۆلەكلىرى)،يەنى ئىكران،رېلى،ئېلېكتىر ماتورنى قوزغاتقۇچ،كۆكچىش مودىلى،سىمسىز ئالاقىلىشىش مودىلى،wifiمودىلى،GPSئورۇن بەلگىشلەش مودىلى دىگەندەك،سىز بۇ سەزگۈچلەر ۋە توك يول مودىللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق،تەپەككۈرىڭىزنى قانات يايدۇرۇپ،ئىزدەنسىڭىز نۇرغۇنلىغان ئاپتۇماتىك،تۇرمۇشقا قولايلىق قۇرۇلمىلارنى ياساپ چىقالىشىڭىز مۈمكىن. مەسىلەن:ئاپتۇماتىك مېتىر،ئۆي ئېچىدە گاز چېقىپ كېتىشنى مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسى،ۋېلىسپىت،توكسىكلىت(ماشىنىڭىز)نىڭ يول يۈرۈش ئەھۋالىنى خاتىرلەش،ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىسى،ئۆيدىكى بارلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ توك مەنبەسىنى ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش(سىمىسىز ياكى تور ئارقىلىق)،چاينىڭ تېمپۇراتۇرىسىنى مەلۇم قىلىدىغان ئىستىكان....دىگەندەك،بەلكىم سىز مىنى ھاياجانلىنىپ قېلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولشىڭىز مۈمكىن،بىراق مەن ھاياجانلانمىدىم،بۇ ئەمىلىيەت(نۇرغۇن قۇرۇلمىلار سىزنىڭ ئىجاد قىلىشىڭىزنى،ياسىشىڭىزنى كۈتمەكتە،Arduinoنى ئىشلەتسىڭىز تېخىمۇ ئاسان ياساپ چىقالايسىز دىمەكچىمەن)،ئەمىلىيەتتە Arduinoئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئېلېكتىرون دىتاللىرىنى قوزغاتقىلى،كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ.
تۆۋەندە مەن بىر قسىم ياسالمىلارنى كۆپچىلىكىنىڭ ھوزورىغا سۇنىمەن،بەلكىم كۆپچىلىك مۇشۇ جەرىيانىدا Arduinoنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئازدور-كۆپتۇر چۈشنىۋالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئۆزۈم ياساپ باققان قۇرۇلمىلاردىن:كۆكچېش ئارقىلىق ئويۇنچۇق ماشىنىنى كونتىرول قىلىش.(كەچۈرۈڭلار سۈزۈكرەك سىنئالغۇغا ئالىدىغان ئۈسكۈنە بولمىغاچقا يانفۇندا تارتقان رەسمىنى يوللاپ تۇردۇم،كېيىن بۇ خىل قۇرۇلمىنى قانداق ياساش توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بىرىمەن)
بۇ ئويۇنچۇق ماشىنىنى يانفۇندا كونتىرول قىلىشقا مەخسۇس ئاندرويد كونتىرول قىلىش دىتالىنىمۇ تۈزۈپ چىققانىدىم:
NOKIA5510ئىكراننى قوزغىتىپ،خەت كۆرىستىش.
LCD 1602ئىكراننى قوزغىتىپ،خەت كۆرىستىش.
ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى سەزگۈچ ئارقىلىق ئارلىق ئۆلچەش قۇرۇلمىسى(ئاپتۇماتىك مېتىر ياساپ چىقىش)
Arduino ئارقىلىق ئۆيدىكى ئېلكتىرون ئۈسكۈنلىرىنىڭ توك مەنبەسىنى سىمسىز ۋە ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش
دىمەكچى بولغانلىرىم تولىمۇ كۆپ ئىدى،ۋاقىت مۇناسېۋىتى بىلەن بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي،بۇ تېمامنىڭ ئېلېكتىرون ھەۋەسكارلىرىنىڭ Arduinoنى ئازىراق بولسىمۇ چۈشنىۋىلىشىغا ياردىمى تەگسە ئەجەپ ئەمەس.سورايدىغان سۇئاللار بولسا ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ.
كەچۈرۈڭلار مۇشۇ ۋاقىتقىچە « Arduinoغا قانداق پروگىرامما تۈزىدۇ» دىگەن مەزمۇن توغرىسىدا تېخى توختالمىدىم،سەۋەبى كۆپچىلكىڭلارنىڭ قولىدا Arduinoتوك يول تاختىسى يوق.ھازىرغىچە سىلەرگە Arduinoتوغرسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىلەرنى بىرىشىنىلا ئاساس قىلدىم،پروگىرامما توغرىسىدا سۆزلەشكىمۇ ئاز قالدى.
توك يول تاختىسىنى بۇيرۇتقان ئىدىم،يېڭى يىلدا كىلىدىغان ئوخشايدۇ(يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى ئالىپ تورىدا ئىلان قىلىنىدۇ)،شۇڭغىچە تەخىر قىلىپ تۇرۇشۇڭلارنى سورايمەن.ئالدىرساڭلار تاۋباۋ تورىدىن سېتىۋالساڭلارمۇ بولىدۇ.كىرگۈزگەندە «Arduino板子 » دەپ كىرگۈزسەڭلار بولىدۇ.قايسى تىپتىكىنى سېتىۋېلىشقا كەلسەك توغرىسىدا «Arduinoنىڭ قۇرۇلمىسى» دىگەن تېمىدا ھەرقايىسى تىپىنىڭ سېلىشتۇرمىسى بىرىلگەن. باھاسى 15يۈەندىن تارتىپ 100يۈەنگىچە ئەتراپتا بولۇپ،arduino pro mini تېپلىقىنى ئالماڭلار ئەرازان بولغىنى بىلەن پروگىرامما چۈشۈرۈشتە قىينىلىپ قالىسىلەر.
كامالى ئىھتىرام بىلەن:ئېلېكتېر چەۋەنداز
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-12-28 09:08
ئاردىينو ئارقىلىق ياسالغان ئېلېكتىرونلۇق سائەت.(مەن ياسىمىغان جۇمۇ)
رەھمەت سزگە رەھمەت،قايسى تىپلىقى ياخشى،شۇنى بىر دەپ بەرسىڭىز بىزمۇ سىناپ باقايلى…مەن بۇ قىشتا قىلغىلى ئىش تاپالماي قالغانتىم…
مىنىڭ فىزىكا ئاساسىم ياخشى،ئېلىكتىر فىزىكىسىغىمۇ پىششىق،بولسا ئۆگەنگەن ئىشلىتىپ باقاي بىر…
مەن بىر نەرسىگە ئاسان قىزىقمايمەن،ئەمما بىر قىزىقىپ كەتسەم ئاسانلىقچە تاشلىۋەتمەيمەن.ھازىر بۇ تاختىغا خېلى قىزىقىپ قالدىم،يازغان تېمىلىرىڭىزنى بىرمۇ بىر ساقلاپ مېڭىۋاتىمەن…مىنىڭچە مەن بۇ توك يولى تاختىسى بىلەن خېلى ھەپىلىشىپ باقىدىغان ئوخشايمەن.قېنى،تېمىڭىزنى كۈتىمەن ئەمىسە،بىزنى مۇشۇنداق يىتەكلەپ قويسىڭىز،بىزمۇ ئاز تولا بىر نەرسە بىلىۋالساق،كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ساپاسىنى يۇقرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. رەخمەت.غەيرەت قىلىڭ.قۇللايمەن بەك دەششەت يېڭى كەشپىياتبوپتۇغۇ بوپتۇغۇ قېرىندىشىمسىزگە ھەسەتقىلۋاتىمەنتېخىمۇ تىرشىڭ جۇمۇ تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئاالاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن يەنەمۇشۇنداق ياگشى تىمىللىرىڭىزنى كۆپچىلىكتىن ئايمىغايسىز. بىزدەك باللارغا ياخشى قىزقىش بولغدەك، مەن توكچى ئىدىم ،电工基础,电子电路基础,照明线路,电力拖动,دىگەندەك دەرىسلەرنى ئۈگنىۋاتقان ئىدۇق. بۇنىڭغا پىروگراممىنى قايسى تىلدا يازىدۇ؟
cتىلىدا يازسا بەك ياخشى بولاتتى،
مەن قىززىقىپ قىلىۋاتىمەن...
بولۇپمۇ كۆكچىش ماشىنا ھەقىقەتەن ئويلاپمۇ باقمىغان بىر يېڭىلىقكەن. ھەر خىليىڭى يىڭى شەكىلدىكى شۇنداق ماشىنىلارنى ياساپ ئۇتۇق قازىنىشىڭىـغا تىلەكداشمەن… ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تېمىڭىزغا تەشەككۈر سىزنى مۇنبەردە ئۇچراتمىغىنى بەك ئۇزۇن ۋاقىت بولغاندەك
ھىسقىلىۋاتىمەن! بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئېكراندا خەت كۆرسېتىش ئىقتىدارى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللامدۇ؟مەسلەن ئاۋۇ سائەت ئېكرانىدا كۆرۈنگەن ئىنگىلىزچە خەتلەرنى ئۇيغۇرچە شەنبە،يەكشەنبە دەپ كۆرۈنىدىغان قىلغىلى بولامدۇ؟ رەھمەت،قايسى تىپلىقى ياخشى،شۇنى بىر دەپ بەرسىڭىز بىزمۇ سىناپ باقايلى…مەن بۇ قىشتا قىلغىلى ئىش تاپالماي قالغانتىم…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم! ھەممىڭلارنىڭ بەرگەن باھالىرىڭىلارغا،ئىلھاملىرىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر!
مەنمۇ بۇ جەھەتتە ئىزدىنىۋاتقىلى خىلى بولدى،ئەمىلىيەتتە Arduinoتوغرىسىدا بىر پارچە كىتابنى يېزىپ يۈتتۈردۇم،پات ئارىدا نەشىر قىلدۇرماقچى.
ھازىر قەھرىتاش قىش يىتىپ كەلدى،سىرىتقا چىقىپ ئويۇن تاماششا قىلغىلى تېخى بولمايدۇ،ئۆيدە بىكار يېتىپ ئۆمۈرنىبىكار ئۆتكۈزۈشكە تېخى بولمايدۇ.:lolمەن مۇشۇنداق ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ سىلەرگە ئازدۇر-كۆپتۇر بولسىمۇ بىلىم يۇقتۇراي دەپ ئۇشبۇخىزمەتنى باشلىدىم،ئاللاھ خالىسا تېمىلىرىم ئۈزلۈپ قالمايدۇ.
باشقا قېرىنداشلىرىمىزنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللىساڭلار بولىدۇ. ياخشى تىمىكەن، مۇشۇ تۈردە يىڭلىق يارتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن