e-chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 17:52:57

ئاندرويدتىن ئاردىينو (Arduino)غىچە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-15 09:54

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئالىپ تورىدىكى ئېلېكتېر ھەۋەسكارلىرى! كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەندازدىن كۆپچىلىككە سالام!
ئالىپ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىپ ئەپەندىنىڭ قوللىشى بىلەن بۈگۈندىن باشلاپ ئالىپ تورىدا ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش تېخنىكىسى توغرىسىدا مۇناسېۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئىلان قىلىپ،تېخنىكىغا ھېرىسىمەن،ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى توغرا تاپتىم.تېمامغا يۇقارقىدەك ماۋزۇ قويۇشۇمدا مەن ئالىپ تورىدا بۇندىن كىيىن كۆپچىلىككە يېڭى بىر قىزىقارلىق شەيئى Arduinoنى تونۇشتۇرماقچى.بىز ئەمدى يانفۇنلا ئويناۋەرمەي ئانچە-مۇنچە قول سېلىپ ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئېلكتىرونلۇق قۇرۇلمىلارنى ياساپ باقايلى،قىشنىڭ سوغۇق،ئۇزاق كۈنلىرىدە ئىسسىق ئۆيدە ئولتۇرۇپ يۇقىرى-پەن تېخنىكا ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقايلى...
كىچىكىمدىن باشلاپ ئېلكتېرون بىلىملىرىگە قىزىقاتتىم،كەلگۈسىدە ئۆز قولۇم بىلەن ماشىنا ئادەم ياساپ چىقىش ئارزۇيىم بار ئىدى،بىراق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى مەكتەپتە ئوقۇش جەرىيانىدا بۇ جەھەتتىكى كەسپى بىلىملەرنى ئۈگىنىشكە پۇرسەت بولمىغان بولسىمۇ،قەلبىمدىكى بۇ قىزىقىشىمدىن ھازىرغىچە ۋاز كەچمەي كەلدىم.ئوقۇغان ۋاقىتىمدا بولسۇن ياكى خىزمەتتىن سىرىتقى ۋاقىتلىرىمدا بولسۇن بوش ۋاقتىم بولسىلا ماشىنا ئادەم ۋە ماشىنا ئادەم تېخنكىسىنىڭ يادروسى بولغان ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش تېخنىكىسى ۋە ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش ئۆزەكلىرى توغرىسىدىكى ماتىرىياللارنى كۆرۈپ ئىزدەندىم.ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش ئۆزىكىنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى،ئۈگىنىشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى،بولۇپمۇ ئوخشاش بولمىغان توك يول تاختىلىرى،مۇرەككەپ بولغان پروگىرامما تۈزۈش تىللىرى،بىلىم سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكى مىنى گاڭگېرتىپ قويدى.ئىلگىرى ئاتمىل شىركىتىنىڭ 8051دىگەندەك مىكرو بىرتەرەپ قىلغۇچ ئۆزىكى بىلەن ئۇچىرىشىپ باققان بولساممۇ،توك يول بىلىملىرىنى پۇختا بىلمىگەچكە تىزلا ئۈگىنىشكە كىرىشىپ كىتەلمىگەنلىكتىن ئۈگىنىشىمدە ئىلگىرلەش بولماي كەلدى.....
يېقىنقى بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ئالىپ تورى بىلەن دەسلەپ تونۇشقان ۋاقتىمدا مەنمۇ ئالىپ تورىدىكى كۆپلىگەن ئاندرويد ھەۋەسكارلىرىغا ئوخشاش ئاندرويد ھەۋەسكارىغا ئايلاندىم،دەسلەپتە ئاندرويدقا ئانا تىلىمىزنى تونۇتۇش،ئەپلەرنى تەرجىمە قىلىش جەھەتتە ئىزدەنگەن بولسام،كىيىنچە ئەپ تۈزۈشكە قاراپ تەرەققىي قىلدىم،ھېساپتا بىر ئىككى ئەپنىمۇ تۈزۈپ باققان بولدۇم،مېنىڭ ئەڭ زور قىزقىشىم يەنىلا ئېلكتېرون تېخنىكىسى بولغاچقا بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىشكە كۆزۈم يەتمىدى،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە توردىن Arduino ئىسىملىك بۇ يېڭى شەيئىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم.تونۇشقان ۋاقىتىم ئۇزاق بولمىسىمۇ،بىراق مەندىكى ئىلگىرلەش خىلى زور بولدى،ئىشەنچىم ئاشتى،ئۆزۈم قول سېلىپ يانفۇننىڭ كۆكچېش ئىقتىدارى ئارقىلىق كونتىرول قىلىندىغان ئويۇنچۇق ماشىنىنى ياساپ چىقتىم،كىچىك ئىكرانلارغا خەت كۆرىستىپ باقتىم،...نۇرغۇن قۇرۇلمىلارنى ياساپ چىقىشقا كۆزۈم يىتىدىغان بولدى،چۈنكى بۇنىڭغا Arduino سەۋەب بولغانىدى.
ئەمدى قالدى قۇرۇق پاراڭلارنى تاشلاپ Arduino توغرىسىدا رەسمى پاراڭغا چۈشەيلى.

Arduino بولسا Atmelشىركىتى(دۇنياغا داڭلىق مىكرو بىرتەرەپ قىلغۇچ ئۆزىكى لاھىيەلەش،ياساش شىركىتى)نىڭ megaتۈرىدىكى يەككە ئۆزەكلىك كومپىيۇتىرىنى ئاساس قىلغان ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش توك يول تاختىسىدۇر.
Arduino ئوچۇق كودلۇق ئېلېكتىرون مودىلى سۇپىسىنى ئاساس قىلغان قاتتىق ۋە يۇمشاق دىتالنىڭ بىرىكمىسدۇر.
Arduino ھەر خىل سەزگۈچلەر(سېنزورلار) ئارقىلىق مۇھىتنى ھىس قىلىپ،چىراق،رېلى ھەم ماتور قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.
مىسال سۈپتىدە تۆۋەندە بىر قانچە فىلىم بىرىلدى:
http://v.youku.com/v_show/id_XMjg3NjYyMjI0.html
http://v.youku.com/v_show/id_XMzEyMTQwMjUy.html
   ھەرقانداق ئادەم،كومپيۇتېر پروگرامما تىلى،مۇرەككەپ توك يولى بىلىملىرىنى ئۇقمىسمۇ Arduino نى ئىشلىتىپ ئۆز قولى بىلەن ئسىل نەرسىلەرنى ياساپ چىقالايدۇ.مەسىلەن:ماشىنا ئادەم،يىراقتىن كونتىروللىغۇچ،كۆكچېش ئارقىلىق كونتىرول قىلىندىغان چىراغ،كۆكچېش ئارقىلىق كونتىرول قىلىندىغان ئويۇنچۇق ماشىنا،پال-پۇل لامپا،ماتۇرنىڭ ئايلىنىشىنى كونترول قىلىش،ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ئارلىق ئۆلچەش قۇرۇلمىسى ۋە باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇرۇلمىلار قاتارلىقلار.
Arduinoنىڭ ئىختىرا قىلغۇچىسى Massimo Banzi ئىتالىيە Ivreaدىكى بىر يۇقىرى پەن-تىخنىكا لاھىيەلەش مەكىتپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ،ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دائىم ئەرزان ھەم ئىشلىتىلىشىچانلىققا ئىگە مىكرو كونتروللىغۇچ تاپالمىغانلىقىدىن ئاغرىنىدىكەن.2005-يىلى قىشتاMassimo Banzi بىلەن David Cuartielles مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇزاكىرلىشىپتۇ.David Cuartiellesئىسپانىيەلىك ئېلېكتىر ئېنژېنېرى بۇلۇپ،ئەينى ۋاقىتتا ئۇ شۇ مەكتەپتىكى زىيارەتچى مۇتەخەسىس ئىكەن.ئۇ ئىككىسىئۆزلىرى توك يولى تاختىسىنى لايىھەلەشنى قارار قىلىپ،Banzi ئېنژېنېر David Mellisنى توك يولى تاختىسىغا پروگرامما تىلى لاھىيەلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغان.
ئىككى كۈندىن كىيىن، David Mellis تەرتىپ كودىنى يىزىپ چىققان،يەنە ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن توك يول تاختىسىمۇ پۈتكەن.ئۇلار بۇ توك يول تاختىسغا Arduino(ئاردىينو،ئىتالىيەن تىلىدا ئادەمنىڭ ئىسمىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ،مىلادى 1002-يىلى ياشىغان بىر پادىشاھنىڭ ئىسمىنى كۆرىستىدۇ) دەپ ئسىم قويغان.
زاغرا نان تىلى بىلەن ئيىتقاندا Arduinoبولسا بىر ئاپتۇماتىك كونىترول قىلىش توك يول تاختىسى بولۇپ،سىز ئۇ ئارقىلىق مەلۇم بىر ئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولسىڭىز كېرەكلىك بولغان سەزگۈچلەرنى،ئېلىكتىرونلۇق دىتاللارنى ئۇلاپ،كومپىيۇتىرىدا پروگىراممىسىنى يېزىپ USBسىمى ئارقىلىق پروگىراممىنى Arduinoتوك يول تاختىسىغا چۈشۈرسىڭىز، Arduino تۈرلۈك ئۈسكۈنلەرنى سىزنىڭ تەلىپىڭىز بويىچە خىزمەت قىلدۇرىدۇ.
Arduinoنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى ئۈگىنىش ئىنتايىن ئاسان،سىزگە قويىلىدىغان تەلەپ يۇقىرى ئەمەس، سىز ھازىرلاشقا تىگىشلىك بولغان شەرىتلەر تۆۋەندىكىچە:
>> ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۈگەنگەن ئېلېكتىرون-توك يوللىرىغا ئائىت بىلىملەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىڭىزمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق،پەقەت توك يولى جەھەتتە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولسىڭىز كۇپايە.يەنى توك بىسمىنىڭ،توك كۈچى ۋە قارىشلىقنىڭ قانداق ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ئازىراق بىلسىڭىز بولدى.
>> كومپىيۇتىردا پروگىرامما تۈزۈشتىن ئاز-تولا خەۋرىڭىز بولشىڭىز كېرەك،بىلمىسىڭىزمۇ ھىچ ۋەقەسى يوق،قىزىقىشىڭىز بولسا،ئىرادىڭىز بولسىلا بۇنىمۇ ئۈگىنىپ كىتەلەيسىز.
>> قولىڭىزدا كەم دىگەندە بىر دانە Arduino توك يول تاختىسى(قايسى تىپتىكىسى بولسا بولىۋىرىدۇ) بولۇشى كېرەك.(توردىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ)

>> بىر دانە USB ئۇلىنىش سىمى بولۇشى كېرەك،بۇ ناھايىتى ئاسان،يانفۇن ياكى باشقا رەقەملىك ئۈسكۈنلىرىڭىزنىڭ سانلىق مەلۇمات سېمىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
>> كومپىيۇتىرىڭىزغا Arduino غا پروگىرامما يېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان توپلاشما ئىجادىيەت موھىتى يۇمشاق دىتالى(Arduino IDE) قاچىلانغان بولۇشى كېرەك.
توردىن چۈشۈرۈش مەنزىلى:http://www.arduino.cc/en/main/software
ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
خالىغان ئېلىكتىرون دىتاللىرىدىن بىر قانچىسى بولۇشى كېرەك.مەسىلەن:بىر دانە بولكىسىمان تەجرىبە تاختىسى،بىر قانچە دانە ئۇلاش سىمى،ئاۋاز كانىيى،ئۈزچات،قارشىلىق،كوندىنساتور...دىگەندەك.
ئېلېكتىرون دىتاللىرى بولمىسا ئۆيېڭىزدىكى بىراك قىلىنغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى چۇۋۇپ،ئىچىدىن لازىملىق دىتاللارنى سۆكۈپ ئالسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ.
Arduinoنىڭ سىزنى يېڭى بىر دۇنيا،يېڭى بىر خۇشاللىققا باشلاپ كىرىشىگە ئىشىنىمەن.
بۇندىن كىيىنكى تېمامدا ئەمەلى مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ،Arduinoنىڭ ئىشلىتىلىشى،ئىقتىدارى توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىمەن.
بۇ مىنىڭ Arduino توغرىسىدىكى تۇنجى ماقالەم بولغاچقا ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشۈنىكسىز جايلار بولۇشى تەبئىي،كۆپچىلىكىنىڭ ئەيىپكە بۇيرىماسلىقىنى تىلەيمەن.
كامالي ئېھتىرام بىلەن:ئېلېكتېر چەۋەنداز
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى

anwar0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 18:02:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anwar0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-12-24 18:04

شۇنداق چۈشنىكلىك بوپتۇ ، ئارزۇيېڭىز ئۈچۈن تىرشڭ قىلايسىز قىلىمەندىگەن نىيەت بولسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق . قىيىن ئىش يوق ئالەمدە ، كۈڭۈل قويغان ئادەمگە دىگەن گەپ با ئەمەسمۇ

izdangvqi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 18:47:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izdangvqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-12-24 19:06

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،سىزنىڭ ۋە سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنىڭ ئالىپ تورىغا كىرگەنلىكى قالتىس ياخشى ئىش بولدى، مەن ئالىپ تورىدا سىزنى بىرىنچى بولۇپ ئۇستاز تۇتاي،تەلىم بېرەرسىز…

amat015 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 18:54:13

مۇشۇنداق نادىر تىمىلىرىڭىزنى http://www.kaxpiyat.com/forum.php?jdfwkey=dhdd6 ماۋۇ مۇنبەرگىمۇ يوللاپ قويارسىز.

siddik007 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 18:55:17

مەن بەك خوش بولدىم تىمىنى ئۇقۇپ ,ئەمدى بىزمۇ كىنولاردىكىدەك ماشنا ئادەم ياسىيالىغۇدەكمىزدە

ئۆمەرقان يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 19:03:22

ئۇچۈپ كېتىپتۇ   يوۋكۇغايوللىغان فىلىمىڭىز ئۆچۈپ كېتىپتۇئىسمىنى دەپ بىرىڭەكۆرۇپ باقايلى

veros47 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 19:11:51

ئىسىل ئىش قىپسىلە. بەكمۇ ئىسىل ئىش بوپتۇ. بىزمۇي ماندا يېڭى يېڭى چىقىۋاتقان نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.   سىلىگە بەكمۇ قايىل بولدۇم. باسقان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنگەي

izdinix93 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 19:13:58

مەنمۇ قىزقىمەن qq نومۇرڭىزنې دەپ بىرىڭ

ovqi5211 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 19:39:26

مەن مۇ   بەك قىزىقىمە   ياخشى بىربىلىمكەن

★tanha☆~☆bo يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:14:38

غەيرەت قىلىڭ. كىيىنچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ قالامسىز تىخى.

★tanha☆~☆bo يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:16:49

بىزنىڭ ئارىمىزدىنمۇ ئىنىشتىيىن چىقسا ھىچقىسى يوق. شۇنداقمۇ باللار.

☜快乐∫男孩☞ يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:33:56

ئەسسالامۇئەلەيكوم قىرىندىشىم بۇ تىمىڭىز بەك مەنىلىك بوپتو بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن :)

KONA يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:36:55

ياخشى!!!!!!!!! غەيرەت قىلىڭ!!

axik0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:44:41

مەنمۇ   قىزىقىمەن ماشىنائادەمتىخنىكىسىغا   بولسا ئالاقىلىشىشچچنۇمۇرېڭىزنىقالدۇرۇپ قۇيۇڭ   غەيرىتىڭىزگەبارىكاللا

x11 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 21:05:44

بارىكاللا   ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن
بەت: [1] 2 3 4 5
: ئاندرويدتىن ئاردىينو (Arduino)غىچە