oppo u701 نىڭ روت ھوقۇقىنى ئېلىش :curse:
تۈنۈگۈن بىر خىزمەتدىشىم تېلفۇنۇمدا ئۇيغۇرچە خەت نورمال ئەمەس ، ئوڭلاپ بەرسىڭىز دەپ ئەكەپتىكەن ، قارسام oppo u701 ئىكەن ، بىرلا قاراپ ئاۋال روت ھوقۇقىنى ئېلىپ ئاندىن ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلىغۇچنى قاچىلاپلا خەت نۇسخىسىنى ئۇرىۋەتسەم بولغۇدەك دەپ ئويلاپ ، روتلاشقا باشلىدىم ،كومپىيۇتېرىمغا قارىسام 绿豆刷机神器 باركەن ، سېستىمىنى قوزغىتىپ 5 مىنۇتقا قالمايلا ، روت ھوقۇقىغا ئېرىشتىڭىز دەيدۇ ، قارىسام راستىنلائالى ھوقۇقى ئېچىلىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلىغۇچنى قاچىلاپ ، قارىسام يەنىلا نۇرمال ئەمەس ، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ قارىسام ئەنجۈر 2.3.6 ئىكەن ! ئاللا ، شۇنىڭ بىلەن ئەينەك سېستىمىسنى قاچىلاپ ، ئۇيغۇرچە خەتنى بۇلار بولماس نۇرمال ئوقۇغۇلى بولىدىغان قىلىپ بېرىپ ، تېلفۇننى بېرىۋەتتىم . كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە بېرىپ ئەمدىلا ئولتۇرسام بۇ خىزمەتدىشىمىز ئۇچۇر قىلىپ قالدى ، قارىسام تېلفۇننىڭ ئاۋازى يوق بۇلۇپ قالدى ، مۇزىكا ، سۆزلەشكەندە ھېچقايسىدا ئاۋاز يوق دەيدۇ ، بۇ نىمە ئىش ئەمدى دەپ ، زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇڭ دىسەم ، قايتۇردۇم ، لىكىن يەنىلا بولمىدى ، تېلفۇن ئوڭشايدىغان يەرگە ئاپىرىپ باقاي دەيدۇ ، ئۇنىڭغا ئالدىرىماڭ ، ئەتە ئىشقا بارغاندا مەن قىلىپ بېرىمەن ، خاتىرجەم بۇلۇڭ دەپ توختىىپ قويدۇم .بۈگۈن سەھەردە كېلىپ قارىسام ، تېلفۇن راستلا گاچا بۇلۇپ قاپتۇ ، تولۇق زاۋۇتتىن قايىتقان ھالەتكە قايتۇرسام ئوخشاشلا گاچا ، چاتاق ! ئامالسىز 绿豆刷机神器 ئارقىلىق روت ھوقۇقىنى ياندۇرۇپ ، سىنىسام يەنىلا ئاۋاز يوق ، شۇنىڭ بىلەن 360 نىڭ بىر كۇنۇپكا بىلەن روت ئېلىش ئۇستىسىنى چۈشۈرۈپ ، سىنىۋىدىم ، 2مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتىلا روت ھوقۇقىنى ئېلىپ بولدى ،گاچا تېلفۇنغىمۇ تىل كىردى .
خولاسە كالام :--ئوپو تېلفۇنلىرىغا يۇقارقى ئىككى ئۇستىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئاسانلا روت ھوقۇقىنى ئالغىلى بولىدىكەن . قىلالمىغانلار سىناپ باقساڭلار بۇلىدۇ ، يەنە بىرگەپ ، ماۋۇ روت ئۇستىسىنىڭ ئىككىلىسى سامسوڭ ، خۇاۋېي ، كۈلپەد تېلفۇنلىرىغىمۇ ناھايتى ئاسانلا روت ئالالايدۇ . مەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن ، سىناپ باقساڭلار بۇلىدۇ . رەھمەت بۇ تېلفۇن ئۇيغۇرچە تونۇمايدۇياخشىسىئۆز پېتى ئشلىەتسۇن رەھمەت ۋاھ نىمدىگەن ياخشى.....ھا ھا..........:lol lingmu يوللىغان ۋاقتى2013-12-20 22:47
بۇ تېلفۇن ئۇيغۇرچە تونۇمايدۇياخشىسىئۆز پېتى ئشلىەت ...
كىم شۇنداق دەيدۇ مىنىڭ تونىيدىغۇ؟ مىنىڭمۇ oppou701 سىزئۇ تىلفۇننى بۇزۇپ يەنە ئوڭشاپسىز ۋەھشى يامان ئادەمكەنسىز جۇما lingmu يوللىغان ۋاقتى2013-12-20 22:47
بۇ تېلفۇن ئۇيغۇرچە تونۇمايدۇياخشىسىئۆز پېتى ئشلىەت ...
oppo u 701 دىنياردەم سورايمەن .
oppor8007 den ياردەم سورايمە روتلىيالمىدىم بىلىاىغان ئۇستىلا ياردەم قىلساڭلا چچ 1923853988
»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
بەت:
[1]