شەرەر يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 00:14:50

شەرەر ئەپ تەرجىمە قىلىش قۇرالى(Android)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەرەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-12-18 00:16

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر:
   مەن بۈگۈن سىلەرگە ئۆزۈم تۈزگەن ئەپ تەرجىمە قىلىش قۇرالىنى ئېلىپ كەلدىم. بۇ دېتالنىڭ ئالاھىدىلىكى android ئەپنى يېشىپ ئېرىشكەن تىل ھۆججىتىنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىشتۇر.
بىر قانچە كەسمە سۈرەتلىرى:



ئاۋۋال تىل ھۆججىتى تاللاش دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ تىل ھۆججىتىنى تاللاپ ئېلىپ كىرىسىز.


ئىككىنچى قەدەمدە: ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجى بويىچە تەرجىمە تىلىنى(ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە) ۋە تۈرىنى(ئاساسى رايۇندا ياكى كېڭەيتىلگەن رايۇندا دېگەندەك) تاللاپ تەرجىمە قىلىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.


تەرجىمە ئاخىرلاشقاندا تەرجىمىگە كەتكەن ۋاقىت ۋە تەرجىمە قىلىش نىسبىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ شۇ بويىچە كېيىنكى تەھرىرلەش باسقۇچىغا ئۆتسىڭىز بولىدۇ.



خاتا كەتكەن سۆزلەربولسا ئىزدەش ۋە ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تۈزەتسىڭىز بولىدۇ.


ئەگەر بەزى سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىنى بىلەلمەي قالسىڭىز سۆزلۈك ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، تەرجىمىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ ساقلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

قانداق؟ ئىقتىدارلىرى كۆپمىكەن؟ نىمە؟ كەمچىلىكى يوقمۇ دەمسىز؟
ئەلۋەتتە بار، ھازىرچە بايقالغان ئەڭ چوڭ كەمچىللىك جۈملە ئامبىرىنىڭ ئاز بولىشىدۇر. بۇنداق دېسەم بۇنى ئىشلەتكەننىڭ نىمە ئەھمىيىتى دېيىشىڭىز مۇمكىن. لىكىن ئامبىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ يەنە مۇنداق ئىقتىدارىمۇ بار. يەنى تىل ھۆججىتىنى(*.xml) تەھرىرلەيدىغان دېتال ئورنىدىمۇ ئىشلىتىكە بولىدۇ. تىل ھۆججىتىنى تاللاپ بەرسىڭىزلا تەرجىمە قىلىدىغان سۆزنى ئىستونغا بۆلۈپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ سىز ماس قۇرلار بويىچە قوش چېكىپ تەرجىمە رايۇنىدا تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ساقلىۋەتسىڭىز، سىزگە پۈتكەن بىر تەرجىمە ھۆججىتىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ.


ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇنداق بىر ئىقتىدارنى ئەسكەرتىپ ئۆتىشكە ئەرزىيدۇ. يەنە سىز ئىلگىرى تەرجىمە قىلىپ بولغان تىل ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ(ئەلۋەتتە بۇ تىل ھۆججىتىگە ماس خەنزۇچە(ئېنگىلىزچە) تىللىرىنىمۇ تەييارلايسىز.) ئامبار قۇشىۋالالايسىز. بۇنىڭ كېيىنكى تەرجىمىلەردە پايدىسى كۆپ ئەلۋەتتە.
بىز يەنە تەرجىمىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز قەرەللىك ھالدا يېغىلغان ئامبارلارنى تورغا يوللاپ سىزنىڭ چۈشۈرىشىڭىز ئۈچۈن تەمىنلەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن پات-پات ئامبار يېڭىلاشنى بېسىپ تۇرۇڭ جۇمۇ؟ :lol (ئەلۋەتتە سېستىما ئۆزىمۇ ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ)
    ئەگەر بۇ دېتالنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىز يولۇقمىغان مەسىلىلەر ئۇچرىسا بۇ تىما ئاستىغا ياكى دېتالدىكى تەكلىپ-پىكىر كۆزنىكىگە ئىنكاس قالدۇرۇپ بىزگە ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ. بىز بۇ سەۋەنلىكلەرنى تۈزىتىپ يېڭى نەشىرلىرىنى يوللاپ تۇرىمىز.(نەشىر يېڭىلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئەڭ يېڭى نەشىرلىرىگە ئېرىشسىڭىز بولىدۇ)
ئاخىرىدا موشۇ دېتالدا تەرجىمە قىلغان ئىككى ئەپنى ھوزورۇڭلارغا سۇنۇش بىلەن بىرگە بۇندىن كېيىنكى تەرجىمە ئىشلىرىڭلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
شەرەر ئەپ تەرجىمە قۇرالى(قوشۇمچە ئىككى ئەپمۇ بار)
چۈشۈرۈش1
چۈشۈرۈش2


تولۇقلىما مەزمۇن (2013-12-18 11:43):
دېتالنى چۈشۈرۈپ ئېچىلمىغانلار تۆۋەندىكى ئادرېستىن .Net2.0 نى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز نورماللىشىدۇ.
[url=http://www.microsoft.co...

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-12-18 11:48):
=http://www.microsoft.com/zh-cn/download/details.aspx?id=1639

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-12-18 14:37):
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://xarar.u.qiniudn.com/%D8%B4%DB%95%D8%B1%DB%95%D8%B1%20%D8%A6%DB%95%D9%BE%20%D8%AA%DB%95%D8%B1%D8%AC%D9%89%D9%85%DB%95%20%D9%82%D9%89%D9%84%D9%89%D8%B4%20%D9%82%DB%87%D8%B1%D8%A7%D9%84%D9%89.exe

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-12-18 14:40):
چۈشۈرۈش2:http://pan.baidu.com/s/1iWpxC
پارول:h88u

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-2-19 21:34):
شەرەر ئەپ تەرجىمە قىلىش قۇرالىنىڭ 2.0 نەشىرى چىقتى.
كۆرۈش ئادرېسى: /thread-26512-1-1.html

شەرەر يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 01:07:44

تىل ئامبىرى قوشقاندا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش ئەگەر تەرجىمە قىلىنمايدىغان(تور بىكەت نامىلىرى ياكى باشقا ئېنگىلىزچە سۆزلەر)، تىل ئامبىرىغا قوشۇش بىھاجەت جۈملىلەر بولسا «DELETE(Del)» كونۇپكىسىنى بېسىپ ئۆچۈرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

ئارمان007 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 01:11:43

رەخمەت دوسلا تىرىشىڭلا

jawhar0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 01:14:31

يەنە بىر يېڭىلىق

yigana240 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 01:21:16

قىنە ئەپ دەۋاتىتتىڭىز كومنىڭ دىتالىكەنغۇ ئۇ

karwan217 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 01:25:53

بۇ ھەقىقەتەن بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ،اللە رەھمەت قىلسۇن!

uyghurogili يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 01:33:46

قاچىلاندى لىكىن ئېچىلمىدى

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 01:34:05

ۋاھ، نېمىدىگەن ياخشى! سىزگە تەشەككۈر!

intizar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 01:55:29

uyghurogili يوللىغان ۋاقتى2013-12-18 01:33 static/image/common/back.gif
قاچىلاندى لىكىن ئېچىلمىدى

NET Framework   نى قاچىلىساڭلار ئاندىن نورمال ئىجرا بولىدىكەن

uyghurogili يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 01:57:37

كومپىيوتېرغا netدىگەن دېتالنى قاچىلىمىسا ئېچىلمايدىكەن

uyghurogili يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 02:15:07

ئېچىلدى لىكىن ئەپنى قانداق ئاچىدۇ ئەپنى يېشىدىغان يېرى نەدە

uyghurogili يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 02:16:59

مۇشۇنداق بوپقالدى

ھەيدەر يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 03:30:10

ئەجەپ ياخشى بولۇپتۇ ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن

تادان يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 03:40:48

مەن ئامبار قوشۇپ باقاي دەپ قانچە سىنىساممۇ مەلۇمات ئۇچۇرىنى تاپالمىدى دەپلا چىقىۋالدى، بۇ ئەسكەرتىشبۇ ئەپ قوزغالغاندىن باشلاپ چىقىۋىلىشنى باشلىغان ، بۇنداق ئەسكەرتىش چىقسا ئەپنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن، تەرجىمە قىلىپمۇ ئىشلىتەلمىدىم

siddik007 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 04:44:17

مەنمۇ سىناپ باقاي قېرىندىشىم
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: شەرەر ئەپ تەرجىمە قىلىش قۇرالى(Android)