eziz007 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 20:10:26

Coolpad يانفۇنلىرىغا روم قاچىلاش دەرىسلىكى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eziz007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-12-15 18:13

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپداشلار، ياخشى تۇردۇڭلارمۇ؟
ئاخشام تېلفۇنۇمغا روم قاچىلاش جەريانىنى سىنغا ئېلىپ قويغان، قارىسام بۇ مۇنبەردە كۇپەي(Coolpad 酷派) تېلفۇنغا روم قاچىلاشنى بىلمىگەنلەر خېلى باركەن، بۇ تېلفۇنلارنىڭ رومىنى چۈشۈردىغان يەردەUSB قوزغاتقۇچى ھەم روم قاچىلاش دىتالى بىر يەردە بار، دەرسىلىكنى تەپسىلى كۆرسىڭىزلا روم قاچىلاپ كىتەلەيسىز
كۇپەي تېلفۇنلارنىڭ ھەر خىل نۇسخسىدىكى ئورگان رومىنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى: مانا بۇ يەردە

ھەر خىل نەشىرىدىكى روملار بار، شۇ رومنى چۈشۈردىغان يەرگە كىرسىڭىز روم قاچىلاشقا لازىملىق دىتاللارمۇ شۇ يەردە باركەن،رومنى ۋە باشقا لازىملىق دىتاللارنى چۈشۈرۋالغاندىن كىيىن قاچىلاشنى باشلايمىز،
ئالدى بىلەن تېلفۇننى كومپىيوتىرغا ئۇلاپ توك مەنبە كۇنۇپكىسى بىلەن ئاۋاز يۇقىرلىتىش كۇنۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ تۇرساق تۆۋەندىكىدەك ھالەتكە كىلىدۇ

ئاندىن بايا قاچىلىغان ماۋۇ نەرسىنى قوزغىتىسىز

قوزغاتقاندىن كىيىن ۋاقتىنى توغۇرلا دىگەندەك ئۇچۇر چىقىپ دىتال ئىجرا بولمايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا سىز كومپىيوتىرنىڭ ۋاقتىنىخالىغىنىڭىز بۇيىچە ئارقىغا ياندۇرۇڭ(مەن 2013- 7-ئايغا توغۇرلاپ قوزغاتتىم)
ئاندىن قايتا قوزغاتسىڭىز تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ

مەخپى نۇمۇرغا 9527 دەپ كىرگۈزۈپ مۇقۇملاپ ئاندىن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ


قېنى ئەمسە سىن دەرسىلىككە مەرھەممەت،
http://player.56.com/v_MTAyNjA1NzQw.swf
چۈشەنمىگەن يەرلىرى بولسا ئىنكاس قىلارسىلەر، دەرىسلىكنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى يوللاپ قۇياي دىسەم ۋاقتىم قىس بولۇپ قالدى، لازىملىقلار بولسا ئەۋەتىپ بىرىمەن
باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمامنى تەستىقلاپ قويساڭلار، كۇپەي تېلفۇنىغا روم قاچىلىيالمىغانلارغا ئاز-تولا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس

noyali يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 22:23:29

siddik007 يوللىغان ۋاقتى2013-12-15 21:15:01 static/image/common/back.gif


ئەلۋەتتە بۇلىدۇ تېلىپۇنغا recoveryقاچىلاپ recoveryدىن يازسى
سىزدە 5890نىڭ رومى بارمىدۇ بولسا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز

wolkan888 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 20:27:34

بۇ دەرىسلىكنى ناھايىتى چۈشۈنۈشلىك قىلىپ يوللاپسىز ..ئەجرىڭىزگە رەخمەت...
مۇناسىۋەتسىز بىرگەپ قىلىپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم..مۇمكىن بولسا يانفۇندا رادىئو ئاڭلاش دىتالى بولسا يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن..ئىقىم يىمەيدىغان تىڭشىغۇچ سالماي تۇرۇپمۇ ئاڭلىغىلى بولىدىغىنى بولسا..توردىن كۆپ ئىزلەپ كەتتىم تاپالمىدىم.

شىرى يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 21:43:07

روم چۈشۈرسەم قوزغاتقۇچ بىلەن روم لا چۈشتىغۇ قاچلاش دىتالىنى تاپالماي قالدىمغۇ

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 20:20:10

تېما يازغاندا «باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمامنى تەستىقلاپ قويساڭلار» دېگەن گەپنى يازمىساڭلار، بۇ يالغۇز تېما ئىگىسى سىزگىلا قارىتىلغان گەپ ئەمەس، باشقىلارمۇ شۇ.
ماۋۇنىڭدەك تەستىقلاشقا تىگىشلىك تېما بولسا ئۇنداق دېمىسەڭلارمۇ تەستىقلايمىز. تەستىقلانمايدىغان تېمىغا ئۇ گەپنى 10 قېتىم يېزىۋەتسەڭلارمۇ تەستىقلىمايمىز.

siddik007 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 20:38:41

مەن چۈشۈرۋالسام بۇلاتتى توردىسكىسقا يوللاپ قويسىڭىز

你微笑时好美 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 20:56:49

باشقا تىلفۇنلارغىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا قاچىلىساق بولامدۇ ؟

noyali يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 21:05:59

تىلىپۇننىڭ ئۆزىدىلا روم قاچىلىغىلى بولماسمۇبولسا قانداق دىتاللار كېتىدۇ مىنىڭ بەكلا بىلگۈم باتتى:(

siddik007 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 21:15:01

noyali يوللىغان ۋاقتى2013-12-15 21:05
تىلىپۇننىڭ ئۆزىدىلا روم قاچىلىغىلى بولماسمۇبولسا قا ...

ئەلۋەتتە بۇلىدۇ تېلىپۇنغا recoveryقاچىلاپ recoveryدىن يازسىڭىز بۇلىدۇ

.tawalla يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 21:27:44

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   مىنىڭتىلپۇنىمكۇپەي5860sروميازالمىدىمروم يازىدىغاندىتالغا تۇنىتالمىدىم   كومپىيوتىردىنئانچە مۇنچەخەۋىرى باربىر دوستۇم بار ئىدى   چىدوڭچىسىيۇيۇلۇپ كىتپتۇ دەيدۇمەن قانداق قىلسامروم يازالايمەن

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 21:37:18

خېلى تەپسىلى يوللاپسىز!

serqut يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 21:41:40

wolkan888 يوللىغان ۋاقتى2013-12-15 18:27 static/image/common/back.gif
بۇ دەرىسلىكنى ناھايىتى چۈشۈنۈشلىك قىلىپ يوللاپسىز ..ئە ...

رادىئو دېتاللىرىنىڭ يانفوندا ئىشلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن يانفوندا رادىئو ئۆزىكى بولىشى كېرەك. بۇنداق يانفونلار ئادەتتە تىڭشىغۇچ سىمىنى ئانتېننا ئورنىدا ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، تىڭشىغۇچ چېتىلمىغان ئەھۋالدا رادىئو سىگنالىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

تور رادىئول دېتاللىرى بۇنىڭ سىرتىدا، لېكىن ئېقىم كېتىدۇ. شۇڭا يۇقارقى ئىككى شەرتىڭىزنى بىرلا ۋاقىتتا قانائەتلەندۈرىدىغان دېتال يوق.

ئويغان1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 21:49:59

بەك ياخشى بۇپتۇ، تور دىسكىغا قاچلىۋالغىلى بولمامدۇ

umdwar007 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 22:01:57

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...............ئاللائەجرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم..........................تۇلىمۇپايدىلىق تىمايوللاپسىز..........................
داۋاملىقتىرشىڭ......

imran2580 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-15 22:25:53

ئەستا كۇپەي 5890 نى بۈگۈن سېتىۋېتىپتىكەنمەھەەەەەەەەي
بەت: [1] 2 3 4 5
: Coolpad يانفۇنلىرىغا روم قاچىلاش دەرىسلىكى