aziz290 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 00:31:47

wp8يانفۇنلارغا ئۇيغۇرچە لۇغەت (ھەقسىز)

بۈگۈن تورداشلارغا windows phone8يانفۇنى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە (ئېنلىگىزچە،ياپونچە،تۈرۈكچە،ئەرەبچە......)كۆپخىل تىللارنى تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان لۇغەتنى ئېلىپ كەلدىم تۆۋەندە ئىشلىتىش قاچىلاش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
ئەپ ئىسمى:超级词典
نەشىرى:1.5.5.0
كۆرۈنمە يۈزى:خەنزۇچە
دۇكان ئاددىرىسى:http://www.windowsphone.com/zh-cn/store/app/%e8%b6%85%e7%ba%a7%e8%af%8d%e5%85%b8/e6276e16-c216-4c21-997d-66ead87ffdeb
سۆزلۈك ئامبىرى تىپى: (dict,dict.dz)( بىز ئىلگىرى ئىشلىتىپ كەلگەن (stardict) يەنى ئاناتىلىم لۇغىتىنىڭ سۆزلۈكنى قوللايدۇ.
قاچىلاش باسقۇچى:
دۇكاندىن 超级词典دەپ ئىزدەپ قاچىلاشنى باشلىساق بۇلىدۇ.
قاچىلىغاندا سۆزلۈك بىللە قاچىلانمايدۇ ،سۆزلۈكنى ئايرىم قاچىلايمىز.
سۆزلۈكنى قاچىلاش ئۈچۈن:
( بۇ يەردە ھازىرچە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئاناتىلم لۇغىتىنىلا چۈشەندۈرۈي ، باشقا تىللاردىكىمىسمۇ ئوخشاش)
1.ئاۋال ئاناتىلىم لۇغىتىنىڭ سۆزلۈكنى پىرىسلاڭ. يەنى zipھۆججەت شەكلىدە rarنى لۇغەت تونۇمايدىكەن.
2. پىرىسلىغان ھۆججەتنى ئۆزىڭىزنىڭ skydrive بوشلۇقىڭىزغا يوللاڭ.
يوللاش ئاددىرىسى https://skydrive.live.com/ئۆزىڭىزنىڭ مىكروسوفت ئېلخەت ئارقىلىق كىرىسىز. يەنى يانفۇنىڭىزدا ئىشلىتىۋاتقان ئەپ بازىرىغا كىرگەن ھېسابات نومۇرىڭىز ۋە پارولى ئارقىلىق كىرسىڭىز بۇلىدۇ.
3. لۇغەتنى ئېچىپ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۈرجەكتىكى ئۈچ دانە چېكىت بار كۇنۇپكىنى (...)باسمىز، ھەمدە كۈرۈنگەن تىزىملىكتىن 词典يەنى لۇغەت دېگەن بۇيرۇقنى تاللايمىز.
4.ئېچىلغان 词典يەنى لۇغەت دىگەن تۈرنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۈرجەكتىكى ئۈچ دانە چېكىت بار كۇنۇپكىنى (...)باسمىز، ھەمدە كۈرۈنگەن تىزىملىكتىن 添加词典يەنى لۇغەت قوشۇش دېگەن بۇيرۇقنى تاللايمىز.
5. 添加词典نى تاللىغاندىن كېيىن بىزگە ئىككى دانە تاللاش كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىككىنچىسى يەنى (通过skydrive下载词典。只支持.zip文件格式) نى تاللايمىز.
6.skydrive下载词典。只支持.zip文件格式نى تاللاپ بولغاندىن كېيىن Connect ناملىق بىر كونۇپكا كۆرۈنىدۇ بۇنى باسساق ئۆزىمىزنىڭ skydrive بوشلۇقىمىزغا ئۇلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئۆزىمىز يوللاڭ قويغان سۆزلۈك ئامبىرىنى تاللاپ چۈشۈرسەكلا لۇغەتكە ئۆزلۈكىدىنلا قوشۇلىدۇ. چۈشۈرۈپ سۆزلۈكنى يىشىپ تاماملىغىچە بىرئاز ۋاقىت كېتىدۇ . ھەممە مەشخۇلات تاماملانغاندىن كىيىن لۇغەتنى ئېچىپ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۈرجەكتىكى ئۈچ دانە چېكىت بار كۇنۇپكىنى (...)بېسىپ، ھەمدە كۈرۈنگەن تىزىملىكتىن 词典يەنى لۇغەت دېگەن بۇيرۇقنى تاللاپ قارايدىغان بولساق بىزنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىمىز لۇغەتكە قۇشۇلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن نورمال ئىشلەتسەك بۇلىدۇ.
ناۋادا باشقا تىللاردىكى سۆزلۈكلەر كېرەك بولسا stardict سۆزلۈكلىرىنى ئىزدەپ چۈشۈرۈپ مۇشۇ بۇيچە قاچىلاپ ئىشلەتسەڭلار بۇلىدۇ.

ئەسلى رەسىمنى قوشۇپ يوللاي دەپ رەسىمگە تۇتۇپ تەييار قىلىپ قويسام ماۋۇ win8.1دىكى تور كۆرگۈچنىڭ ئىشىمۇ رەسىم يوللايدىغان ئورۇنلار پەقەتلا كۆرۈنمىدى.

AXIKBOL يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 03:09:34

مەن چۇشۇرۋالدىم

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 07:23:46

بەك ياخشى بوپتۇ. رەھمەت! wp يانفونى ئالغاندا سۆيۈپ ئىشلىتەرمەن.

polat189 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 10:28:46

يۇمشاق دېتال تەرەققىياتى تىز بولىۋاتىدۇ، پايدىلىق ئەپلەر كۈندىن كۈنگە مەيدانغا كىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرۇم تېرىشىۋاتىدۇ، ئاللاھ خالىسا كەلگۈسىمىز پارلاق.

nuri520 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 10:49:30

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئىلگىرىكى كۇنۇپكىلىق تىلفۇنلاردا mp3ھالەتتىكى ھۆججەتلەرنى ئاڭلىماقچى بولساق My Music دىگەن ھۆججەت ئىچىگە ئەكىرگەن ھۆججەتلەرنىلا ئاڭلىغىلى بولتى ھازىرىقى ئاندىروت تىلفۇنلار ھەممە ئاۋازلىق mp3ھالەتتىكى ھۆججەتلەرنى بىراقلا قويدىكەن تىخى بەزى ھۆججەتلەرنى ئاڭلايدىغان جايدىن تاپقىلى بولمايدىكەن شۇڭا ئىلگىرىكى كۇنۇپكىلىق تىلفۇنلارغا ئوخشاش پەقەت بىز ھۆججەت ئىچىدىكى ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئاڭلىغىلى بولدىغان ئەپ ياكى سىستىما بولسا تەۋسىيە قىلىپ بەرسەڭلار بوپتىكەن ئاۋارە قىلدىم

nuri520 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 10:50:57

ئاللاھ ئىگەم بىلمىڭىزنى تىخىمۇ زىيادە قىلىپ بەرسۇن

abdwaili يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 11:52:24

nuri520 يوللىغان ۋاقتى2013-12-5 10:50 static/image/common/back.gif
ئاللاھ ئىگەم بىلمىڭىزنى تىخىمۇ زىيادە قىلىپ بەرسۇن

ھورمەتلىك قېرىنداشلار خاپا بولماي ئاناتىلىم لوغۇتىنى نەدىن چۈشرۈيدۇ؟ ئادرىسىن قالدۇرۇپ قويغان بۇلساڭلار. اللا رەھمەتقىلسۇن.

aziz290 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 12:25:53

ئاناتىلىم لۇغىتنىڭ چۈشۈرۈش ئاددىرىسى : چۈشۈرۈڭ
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر










بوغرا615 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 13:20:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوغرا615 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-12-5 13:21

ۋاھ رەھمەت سىزگە، قاراڭلار تېلفۇنىمنىڭ لوغىتى بار بولدى.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 15:47:59

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. مانائەمدى wpيانفونلىرىدا ئۇيغۇرچە لۇغەت بولماسلىقتەك بوشلۇق تولۇقلاندى.
باشتا سىز يوللاپ قويغان پىرىسلانغان ھۆججەتنى شۇ پېتىلا قاچىلىسام «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت»لا قاچىلىنىپتۇ.ئۇنىڭ ئىچىدىن «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»نى ئايرىم پىرىسلاپ، بۇنىمۇ قاچىلىۋالدىم.
http://ww2.sinaimg.cn/bmiddle/672a7295jw1eb8velkioqj20bi0j6gmu.jpg

http://ww4.sinaimg.cn/bmiddle/672a7295jw1eb8vedrkwyj20bi0j6jsj.jpg

abdunyaz03 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 20:54:56

رەھمەت قىرندىشىم،

OKYAQi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 21:14:47

hezine يوللىغان ۋاقتى2013-12-5 15:47
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. مانائەمدى wpيانفونلىرىدا ئۇيغۇر ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم.
مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلى بۈگۈن كومپىيۇتىر ئالدغا بارالمايمەن.ئەمما ماۋۇ لۇغەتنىڭ خوشلۇقىدا ئالدىراپ كەتتىم. تىما ئىگىسگە كۆپ رەھمەت.
خاپا بولماي سىز پىرسلىغان تىل ھۈججىتىنى يوللاپ بىرەلەسىزمۇ ؟
مكروسوفىت ئلخەت ئادرىسنى قالدۇرۇپ قوياي.yusup887@outlook.com

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 21:36:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hezine تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-12-5 21:42

akang يوللىغان ۋاقتى2013-12-5 21:14 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم.
مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلى ب ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .ئەلۋەتتە بولىدۇ، ھازىر يوللاپ قوياي.

海上的沙漠 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 21:43:57

hezine يوللىغان ۋاقتى2013-12-5 21:36 static/image/common/back.gif
ئەلۋەتتە بولىدۇ، ھازىر يوللاپ قوياي.

ماڭىمۇيوللاپ بەرگەن بولسىڭىز ...رەھمەت   yasin1123@live.com. ياكى بوشلۇققا چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز...

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-12-5 21:52:23

海上的沙漠 يوللىغان ۋاقتى2013-12-5 21:43 static/image/common/back.gif
ماڭىمۇيوللاپ بەرگەن بولسىڭىز ...رەھمەت   . ياكى بوشلۇق ...

قارىغاندا ئىشلىتىدىغانلار كۆپ ئوخشايدۇ، بەيدۇ خۇرجۇنىمغىلا چىقىرىپ قوياي ئەمىسە.
بەت: [1] 2 3 4
: wp8يانفۇنلارغا ئۇيغۇرچە لۇغەت (ھەقسىز)