abdullam يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 11:50:29

Android 4.4 ھەققىدە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdullam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-12-1 11:53

نەچچە كۇن بۇرۇن قولۇمدىكى Nexus7 گە سېستىما يىڭلاش ئۇچۇرى كەلدى. قارىسام سىستېما نەشىرنى Android 4.4 كە كوتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇچۇر ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئالدىراپ تىنەپلا يىڭلاش ،مەشغۇلاتى قىلدىم.189 مىگابايىت چوڭلۇقتىكى يىڭلاش ھوججىتنى گوگول مۇلازمىتىدىن بىردەمدە چۇشۇرۇپ يىڭلاش مەشغۇلاتى تاماملىنىپ پەد قايتا قوزغالدى.قوزغۇلۇش ئىكرانى 4.3 ھەم ئۇندىن بۇرۇنقى نەشىرلىردىن ئوزگەرگەن بولۇپ تېزلا قوزغالدى.قوزغالغاندىن كىينىكى ئىكران يۇزىدە خەتلەرنىڭ يىرىمى بار يىرىمى يوق بولۇپ سېستىما تەڭشىكىنى ئاچسام سان-سىفىرلارنىڭ ئورنى بوش تۇرىدۇ.ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى ئاچسام ئەپلەردىكى خەتلەرنىڭ بىرىمۇ يۇق بوش تورىدۇ.بۇ نىمە ئىش دەپ قارىسام ئەسلى يىڭلاشتىن بۇرۇنقى نەشىرى 4.3.1 بولۇپ ،ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلاش قۇرالى ئارقىلىق فونىت قاچىلىغان ئىدىم.ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئەپلەر،تۇر بېكەتلەرنىڭ خەتلىرى كۆركەم ھەرقانداق ئۇيغۇرچە ئەپنىڭ خىتى شۇنداق چىرايلىق ئىدى.4.4 يېڭىلىغاندىن كېيىن بۇرۇن قاچىلىغان فونىت ئىشلىمىگەن ئىكەن . فونىتىنى يۇيۋەتكىلى بولماي ئاخىرى پەدكە قايتا روم يازدىم.گوگول ئورگان بىتىدىنNexus7نىڭ 4.4 رومىنى چۇشۇرۇپ قاچىلىدىم. ھەممىسى نۇرمال 4.3 كە قارىغاندا تىزلەشكەندەك ھىس قىلدىم.

32141[/attachimg



ئەمدىكى گەپ ماس كىلىدىغان فونىتنى تىپىپ ئۇيغۇرچە ئەپلەر،بېكەتلەردىكى خەت شەكلىنى چىرايلىقلاشتۇرۇش.4 خىلى فونىتنى قاچىلاپ
ماس كەلمەي ئاخىردا بىر فونىت ماس كەپ قالدى. بىراق خەت نۇسخسى كەسمە خەت يەنى رۇقئى خەت نۇسخسى ئىدى. بۇمۇ بولغىنى قىينىچە تۇز خەت نۇسخسىنى قاچىلىغىلى بولغىچە ئىشلىتىپ تۇراي دىدىم.
4.3 بىلەن بولغان پەرىقى:چىرايلىق فونىت قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولمىدى.فىلاشنى پەقەت قوللىمايدىكەن. فىلاش قوللايدىغان UC浏览器غا ئوخشاش تور كورگۇلەردىمۇ فىلاش ئىشلمىدى.4.3 كە قارىغاندا سۇرئەت ئوبدانلا تىزلىشىپتۇ يەڭگىل،كۇرۇنمە يۇزىدە چوڭ ئۇزگىرىش يوق.گوگول بۇلۇت سۇپىسى،گوگول ئۇيۇن كۇنتۇرۇل مەركىزى دىگەندەك يېڭى ئىقتىدارلار قىتىلىپتۇ.ھازىرچە ھىس قىلغانلىرىم شۇنچىلىك....


bengbash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 13:51:21

4.4 نىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپى تۆەن دەپ كۆرگەنىدىم. مەسىلەن، RAM نىڭ چوڭلۇقى 512MB بولغان يانفوندىمۇ سېستىما ناھايىتى راۋان يۈرۈشىدىكەن.

BADBOY0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 17:37:05

مۇشۇ 4.4سىستىمىغا قاچانمۇ مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە فونىت چىقار…:L

Ataman摄影男 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 18:50:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ataman摄影男 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-12-1 18:52

مۇشۇ9009galaxy note 3   سىستىمىغا قاچانمۇ مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە فونىت چىقار…:'(:'

NaTsis يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 20:34:16

بولدىكەن جۇما...

uduntori يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 23:46:11

ئەلكاتىپ تور توم خەت نۇسقىسىنىDroidNaskh-Regular.ttfۋەDroidNaskhUI-Regular.ttf دىگەن ئىسىم بىلەن ئەلكاتىپ گېزىت توم خەت نۇسقىسىنىRoboto-Regular.ttf دىگەن ئىسىمدا ساقلاپ بۇ ئۈچ خەت نۇسقىسىنى سېستىما خەت نۇسقىسىغا ئالماشتۇرۇپ ھۇقۇق بىرىپ قايتا قوزغۇتىڭ ئىش تامام، 4.3 4.4لەرگە بۇلىدۇ، سىناقتىن ئۆتكەن

abdullam يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 14:39:08

uduntori يوللىغان ۋاقتى2013-12-1 23:46 static/image/common/back.gif
ئەلكاتىپ تور توم خەت نۇسقىسىنىDroidNaskh-Regular.ttfۋەDroidNaskhUI-Regul ...

سىز دىگەن فونىتلارنى يوللاپ بىرەسىزمۇ بۇرادەر؟ مەندە يوق ئىدى.

ALGA يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 22:47:38

يوللاپ قويسىڭىز بولمامدۇ

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 23:00:20

uduntori يوللىغان ۋاقتى2013-12-1 23:46
ئەلكاتىپ تور توم خەت نۇسقىسىنىDroidNaskh-Regular.ttfۋەDroidNaskhUI-Regul ...

4.2 دە قايسى فونتنى ئالماشتۇرساق ئۇيغۇرچە خەت ھەممە يەردە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ؟

ئۇدۇنى يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 16:42:16

راست، بىلگەننى ئايىما، بىلمىگەنگە كايىما دېگەندەك بىلگەنلىرىمىزنى ئايىمايلى دوستلار.... قېنى،ئۇدۇن تورى بۇرادەر، سىز دېگەن فونتنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى يوللاپ قويامسىز؟.......مەن بىلەن ئىسىمداش،بىر ئۇدۇنلۇقكەنمىز-دە...ھى..ھى..ھى..

uznur يوللانغان ۋاقتى 2013-12-4 17:02:28

ھۇھاھاھاھاھا:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol مەلىدە بىر باينىڭ،ئىككى قىزى بادەيدۇ .

kokbopra يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 17:11:36

lenovo-a600e      نىڭ رومېنې تاپالمىدىم

kokbopra يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 17:12:59

قايسېڭلا ياردەم قېلىسىلە   

dihan==bez يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 19:27:14

رەخمەت ياخشېتېماكەن

ABLAT-0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 19:27:40

مىنىڭ تىلپۇنۇم نوت 3 سەنشىڭ سىستىمىسى 4.3 قارشى تەرەپكە گەپ ئېگىز پەس باردىكەن باشقىسىغا ئالماشتۇرۇپمۇ باقتىم بولمىدى چارىسىنى بىلدىغانلار ياردەم قىلىڭلا ر دوسلار
بەت: [1] 2
: Android 4.4 ھەققىدە