مىكروسوفت Office2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تارقىتىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدا يىقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ ئىشلار بولدى. ئۈلۈشكۈن win8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە بولىقى تارقىلىتىلغان ئىدى، تۈنۈگۈن بولسا Office2013نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىپتۇ.
مەنزىل: http://www.microsoft.com/ug-CN/download/default.aspx
كەسمىلىرى:
word,excel,powerpoint لارنىڭ ئۇيغۇرچە بولىقى چىقىپتۇ. خەت نۇسخىسىغا MS uighur خېتىنى ئىشلەتكەن ئوخشايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇمشاق دىتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-11-15 00:21
خۇشاللىنارلىق ئىشلار بولىۋاتىدۇ دىسە...
ئەمدى مۇشۇ ۋىندوۋسفون غا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلۇش مەسىلىسىلا قالدىدە...
قىرىنداشلار،ئۆزىمىزنىڭ ، ئانا تىلىمىزنىڭ، كەلگۈسى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن بولسىمۇ ۋىندوۋسفون غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقى ئۈچۈن بىلەن تاشلاپ قويۇڭلار،
سىلەرنىڭ تاشلاپ قويغان بىلىتىڭلار ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن...
ئۆزىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ توختاپ قالمايلى قىرىنداشلار،
دۇنياۋى كۆچمە مەشغۇلات سىستىمىلىرىنىڭمۇئۇيغۇرچە بولىشىغا مانا ئاز ، بەكمۇ ئاز قالدى، يەنە ئازراق بەرداشلىق بىرەيلى! تەبرىكلەيمەن تېلفۇن نۇسخىسى قاچانمۇ چىقار؟ سالام سىزگە ،بۇ Office2013نىڭ ئۇيغۇرچە تىل يامىقى ھەقسىز دىمۇ ئىشلەمدۇ ياكى
ھەقلىقتە ئىشلەمدۇ؟ جاۋابىڭىزغا قاراشلىقمەن koktugh يوللىغان ۋاقتى2013-11-15 00:22 static/image/common/back.gif
سالام سىزگە ،بۇ Office2013نىڭ ئۇيغۇرچە تىل يامىقى ھەقسىز دى ...
1. كومپىيۇتىر مەشغۇلات سىستىمىڭىز چوقۇم Windows 8ياكىWindows 8.1 بولىشى كىرەك، Windows 7مۇ قوللىمايدۇ،
2.ئاندىن تىمىدا تەمىنلىگەن ئادىرىستىن كىرىپ ئۇيغۇرچىسىنى چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ،
ھەقسىز!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇمشاق دىتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-11-15 00:57
ۋىندوۋسفون تىل بولىقى ئۈچۈن بىلەت تاشلاش تور بەت ئادىرسى بۇ يەردىن كىرىڭ!ۋىندوۋسفون تىل بولىقى ئۈچۈن بىلەت تاشلاش تور بەت ئادىرسى بۇ يەردىن كىرىڭ!
بىلەت تاشلاش ئۈچۈن يۇقارقى تور بەت ئادىرسىنى ئىچىپ تۆۋەندىكى سۈرەتتىكى قىزىل رامكا بار يەرگە uyghurدەپ كىرگۈزۈڭ
ئاندىن تۆۋەندىكىدەكبەت ئىچىلىدۇ!
قىزىل رامكا ئىچىدىكى ئىزدەپ تىپىش نەتىجىسىنى كۆردىڭىز ھەقاچان، ئاندىن سول تەرەپ يىنىدىكى
voteنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك ئىچىلىدۇ!
قىزىل رامكا بار يەرگە ئىلخەت ئادىرسىڭىزنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ ،
مەسىلەن مەن مۇنداق كىرگۈزدۈم،
بۇ ئىنىمنىڭ چ چ نۇمۇرى، سىز بىلىدىغان ھەر قانداق بىر چ چ نۇمۇرىنى يىزىپ ئاخىرىغا @qq.com نى قوشۇپ قويسىڭىزلا ئاندىن 3votesنى بىسىۋەتسىڭىزلا بولدى، مەسىلەن مۇنداق يازسىڭىزمۇ بولىدۇ
بىرىنىڭ چ چ نۇمۇرى 1234567890 بولسا مۇنداق يازسىڭىز بولىدۇ ؛1234567890@qq.comدەپ يىزىپ تولدۇرسىڭىز بولىدۇياكى خىيالىڭىزغا كەلگەن ئىشلىتىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولغان ئىلخەتلەرنى alimjan@hotmail.com , alimjan@hotmail.com, alimjan@gmail.com , alimjan@163.com , alimjan@yahoo.com...... دىگەندەك كىرگۈزۈپ تولدۇرسىڭىز بولىدۇ ،ئەگەر ئىلخەت كىرگۈزىدىغان يەرنىڭ ئۈستىدە user nameدەپ چىقىۋالسا كارىڭىز بولماي 3votesنىلا بىسىۋىتىڭ،
ئەگەر بىلىتىڭىز تۈگەپ كەتسە ،يەنى voteدىگەن خەت يورىغىلى ئۇنىمىسابەتنى ئەڭ ئۈستىگە سۈرسىڭىز تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنمە يۈز چىقىدۇ
قىزىل كاتەك ئىچىدىكى خەتنى بىسىۋىتىپ يەنى نۆۋەتتىكى بىلەت تاشلىغان ئىلخەتنى چىكىندۈرۋىتىپ يەنە ئىنكاسىمنى باشتىن باشلاپ يەنە قىلسىڭىز،يەنە مۇشۇ قۇرغا كەلگەندە يەنە باشتىن باشلاپ بىلەت تاشلاپ دەۋرىيلىسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ...;P
ئانا تىلىمىز ئۈچۈن 5 مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ قويۇڭ! ئۇيغۇرۇمغا پايدىلىق ئىشلار خېلى چىقىۋاتىدۇ. ماۋۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىكىلەر بىزنى كۆزگە ئىلمايۋاتقان بىلەن،باشقىلار بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزنى قىلىۋاتىدۇ.....
ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت كۆرىسەن..... ئۇيغۇرلاردىمۇتەرەققيات بوش ئەمەستە ماۋۇ خۇشاللىقلارنى دېمەمدىغان ، ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ دېگەن شۇ دە، windows8.1نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقا -چىقمايلا ئارقىدىنلا office2013 نىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىپ بوپتۇ،office نى كىملەر تەرجىمە قىلغاندۇ ئەمدى؟ ئاللا رازى بولسۇن، ياخشى ئۇچۇركەن. ۋاھ ۋاھ مەن بۇتىمىنى كۆرۈپ بەكلا خوش بولدۇم!!!!! windows8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قايسى توردىن چۈشۈرىمىز ؟