چاقماق روم لۇغىتى ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-22 16:32ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !
مەن نەچچە ۋاقىتتىن روم لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى يېڭىلايمەن دەپ قويۇپ جىم بولۇپ كەتتىم ، باشقىلا بىر ئىشلارغا قىزىقىپ قىلىۋاتىمەن ، ئۇنى بۇنى قېلىپ باققۇم كېلىپ ئۇنى بۇنى قىلىپ يا بىر باشقا ئېلىپ چىقالمىدىم ، يا يۇقارقى گېپىمگە چۇشلۇق سۆزلۈك ئامبىرىنى يېڭىلىيالمىدىم ، بۇ نەرسە مەندە تۇرسا چىرىپ كۆكىرىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ ، مېنىڭ ۋاقتىم يەتمىسە بىرەرسىڭلارنىڭ يېتىپمۇ قالا ،شۇڭا روم لۇغىتى ۋە روم لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك رەتلەش قۇرالىنى ھەقسىز تارقىتىشنى قارار قىلدىم ،بەلكىم بۇرۇنلا موشۇنداق قىلىشىم كېرەكتۇ ...
روم لۇغىتىنى ئىشلىتىش ئاسان ، روم تەرجىمە قىلىش دەرسلىكىنىمۇ قوشۇپ يوللاپ قوياي ،ئىشلىتىشنى بىلەلمىگەنلەر دەرسلىكنى ئۇبدان كۆرسەڭلار چۇقۇم ئىشلىتەلەيسىلەر .
سۆزلۈك رەتلەش قۇرالى دېتال يېزىش سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئىشلىتىش سەل ئاۋارىچىلىق بولۇپ قالدى ، مۇنبىرىمىزدە كومپىيۇتېر تىلىغا ماھىر تورداشلار بولسا ئاز تۇلا تۈزىتىپ ،قولايلىقلاشتۇرۇپ يوللاپ قويساڭلار كۆپ مىننەتدار بۇلاتتىم . سۆزلۈك ئامبىرى رەتلەش قۇرالىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇنداق :
مەسىلەن بىز روملاردىكى phone.apk نىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى رەتلەپ كۆرەيلى :
بۇنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن بىر مىسال ئىشلەپ باقايلى .
باشتا تۆۋەندىكى strings.xml1 بىلەن strings.xml2 نىئۇبدان بىر سېلىشتۇرۇپ باقايلى .
strings.xml1
strings.xml2
ئەمدى strings.xml 1 نىڭ ئىچىگە strings.xml2 دىكى مەزمۇننى كۆچۈرەيلى . كۆچۈرۈلگەن مەزمۇن تۆۋەندىكى strings.xml 3 دەك
strings.xml3
بۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك strings.xml 1 نىڭ ئىچىگە strings.xml2 دىكى مەزمۇننى كۆچۈرگەن ۋاقىتتا دىققەت قىلىدىغان ئىش strings.xml 2 دىكىئەڭ ئۈستىدىكى ئىككى قۇر يەنى
بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قۇردىكى
ئەمدى chaqmaq-sozluk-retlighuch.exe (سۆزلۈك ئامبىرى رەتلەش دېتالى ) نى قوش چېكىپ ئاچىمىز
ئاندىن يۇقارقى strings.xml3 نى مائوس بىلەن سۆرەپ سۆزلۈك ئامبىرى رەتلەش دېتالىنىڭ ئۈستىگە تاشلايمىز .
ئاندىن كومپىيۇتېر كونۇپكا تاختىسىدىكى ENTER نى باسساق :
بۇ بىز دېتالغا تاشلاپ بەرگەن xml دىكى ئۈچ قۇرنى يۇيۇۋەتتىم دەيدۇ ..زادى قايسى قۇرلارنى يۇيۇۋەتتى بىر كۆرۈپ باقايلى .
قارىساق تېگىدىكى 1111،3333،،5555 دېگەن ئۈچ قۇر يوق تۇرىدۇ . نېمىشقا بۇ قۇرلارنى يۇيۇۋېتىدۇ ؟
چۈنكى بۇ 1111 ، 3333، 5555 دېگەن قىممەتلەر ئۈستىدىمۇ بار ، بۇ دېتال بىر قىممەتتىن بىرنىلا ساقلاپ قالىدۇ ،شۇڭا قانچىلا strings.xml نىڭ مەزمۇنىنى بىر strings.xml غا يېغىنچاقلاپ بۇ دېتال ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىۋەتسەك بىر خىل قىممەتتىن بىرنىلا ساقلاپ ھەسسىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ..روم ئەپلىرىدىكى سۆزلۈكلەرنى موشۇنداق قېلىپ بىر strings.xml غا يېڭىلاپ قويساق باشقا روملار ماس كېلىش نېسبىتى يۇقىرلايدۇ ، بىز بىرىكتۇرگەن strings.xml قانچە كۆپ بولسا كېيىنكى روملارنىڭ شۇ خىلدىكى ئەپلەرگە شۇنچە كۆپ ماس كېلىدۇ .....ئەمما دىققەت قېلىدىغان ئىش بىر strings.xmlنىڭ ئىچىگە بىر تۈردىكى ئەپلەرنىلا يېغىنچاقلاش كېرەك ...ئىسىمى ئوخشىمىغان ئەپلەرنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى بىر strings.xml غا يېغىنچاقلاپ قويساق كېيىن چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ .
phone.apk نىڭ strings.xml نى رەتلەش
قالدۇرۇلدى !
روم لۇغىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ./forum.php?mod=viewthread&tid=8669
سوزلۈك ئامبىرى رەتلەش دېتالى :
ھازىر چاقماق روم لۇغىتى سەھىپىسى قورۇلدى ..روم لۇغىتىگە ئائىت بارلىق تېمىلارنى مۇشۇ سەھىپىگە يوللىساڭلار بولىدۇ...ئۆزۈڭلار تەرجىمە قىلغان روم ۋە ئەپلەرنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى مۇشۇ سەھىپىگە يوللاپ باشقىلار بىلەن بىللە ھەمبەھىرلىنىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز!
50 ئاقچا باھا قۇيۇپ ساتقانتىما شۇغۇبۇ... بۇنى ھەقسىز قىلىپ چوڭ ساۋاپ ئىش قىپسىز بەك ئوبدان قىپسىز. قوللايمەن :) رەھمەت مەن چۈشۈرەلمىدىمغۇ؟ياردەم قىلساڭلا بوپتىكەن… ئاللاھ ئىگەم كاتتا ئەجىر ئىشلىرىڭىزغا ئاسايىشلىق كۇنلىرىڭىزگە خاتىرجەملىك تۇرمۇشىڭىزغا بەخەت بەرسۇن. قارىغاندا ئەمدى روم تەرجىمانلېرى كۆپىيىدىغاندەك قىلىدۇ. مەندە miui رومىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى بار ئىدى. ئۇ سەھىپىگە يوللىۋىتەي ھە! ئالپتىكى بارلىق ئۇيغۇرچە روملارنىمۇ ھەقسىز قىلىۋىتەمدۇق يا
باللا zte U819رومىنى تەرجىمە قىلىپ قويۇڭلار بەك ياخشى بوپتۇ. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ياخشى بوپتۇ. ئەمدى روم تەرجىمە قىلىدىغان دوسلارمۇ كۆپىيىپ ئانا تىلىمىزغا كۆپلەپ پايدا ئېلىپ كەلگۈدەك. كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم. رەھمەت ياخشى قىپسىز ، ئەمما يەنىلا ھەقسىز چۈشۈرگىنى بولمايۋاتىدىغۇ؟ رەھمەت سىزگە :) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا siddik007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-11-9 10:04
رەھمەت قېرىندىشىم ;ئشلىرىڭىز ئوقۇشلوق بولسۇن