Padichi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 19:20:22

مەخپىيەتلىكىڭىز راستىنلا مەخپىيمىدۇ؟

شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز راستىنلا مەخپىمىدۇ؟



ئېلىكىتابنى چۈشۈرىۋېلىڭ :






                  يېقىندا مەيدانغا كەلگەن بىر قاتارۋەقەلەر ، بولۇپمۇ سىنوۋىدىننىڭمەخپىيەتلىك ئاشكارلاش ۋەقەسىدۇنيا جامائەتچىلىكىنىيەنە بىر قېتىمئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن قايتىدىن ئويلىنىشقا ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ ئامىركىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى بىر تېخنىكا دۆلىتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكلىرىبىر ۋىجىككىنە سېرىق تەرپىدىنئارقا _ ئارقىدىنئاشكارلانسا ، بۇ قانداق بولغىنى؟ ئۇنىڭسىزمۇ تېخى ئالدىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەنمۇشۇ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىمۇ دۇنيا ئۇچۇر _ پەن تېخنىكا ساھەسىگە كەينى _ كەينىدىن زور خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى.مەسلەندۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجدىمائى ئالاقە تورى Facebookنىڭ ئابونىت ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارلىنىشى ، 《ئەڭ سىرلىق》 ، بىخەتەرلىكى《ئەڭ كۈچلۈك》 ئالما شىركىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خاككىرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچىرىشى .. . .بۇ ساھەگە نىسبەتەن يېڭىدىن _ يېڭىخىرىسلارنى ئېلىپ كەلمەكتە .

            بىزنىڭ بۈگۈن تەھلىل قىلماقچى بولغىنىمىز تور بەتلەردىكى ئابونىت بىخەتەرلىكى ئەمەس ، ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ ئەمەسچۇنكى بۇلارنىڭبىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن بىرلا نەرسىنىدۇنيا ئېنتىرنىت باش شىتابىنىڭ سىزنىڭھويلىڭىزدا ئەمەس بەلكىئامىركىدىكى ھاۋۋاي تاقىم ئاراللىرىدا ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىزلا كۇپايە.

      
               ئەمدى   بىز بۇ يەردەسىز ئەسلا خىيالىڭىزغاكەلتۈرمەيدىغان ، سىز ئەزەلدىن 《تامامەن مەخپى》 ،《ئۆزۈمدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ》 دەپ ئويلاپ يۈرگەن ، شەخسى ، بىخەتەر ئۇچۇرلىرىڭىز ھەققىدە توختىلىپ باقايلى !   

                               (سۆزلىرىمىزنىڭ چۈشىنىشلىك ھەم ئامىباب بولۇشى ئۈچۈن بىر قىسىم داڭلىق مەركىلىق مەھسۇلاتلارنى ئاساسلىق مىسالغا ئېلىپ سۆزلەيمىز)


                                  1. يېڭى ئەۋلاد ئالما ئەقلىفونى    iphone 5s      بارماق تونۇش تېخنىكىسى

               ھازىرقى ئەڭ مودا بازارلىق مەھسۇلاتiphone 5s، نۇرغۇنلىغانيېڭى ئىقتىدارلار سەپلەنگەن ، كۆرۈنمە يۈزى ۋە باشقا جەھەتلەردىن كىشلەرنىڭ قاتتىق ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بۇ مەھسۇلاتئالما شىركىتىنىڭiphone 4sتىن كىيىنكى ئەڭ غەلبىلىك مەھسۇلاتى ھىسابلىنىدۇ.بولۇپمۇ ئۇنىڭ بارماق تونۇش ئىقتىدارىنۇرغۇن كىشىلەرنىئامالسىز 《ۋاھ !》دىگۈزدى .نۇرغۇن كىشىلەرتېلىفۇنىنىڭ ئۆزىنىڭلا بارمىقىنى تونۇيدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈشىدۇ. ئەممائالما شىركىتىنىڭ 《ئامىركا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى》 ئۈچۈن ھىچ كۈچىمەيلا دۇنيادىكى بىرقانچە يۈز مىليون ئادەمنىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىپ بەرگەنلىكىدىن قانچىلىك ئادەم خەۋەرداركىن ؟

         ئەمدى بۇنى سەل يىشىپ چۈشەندۈرەي   ________كومپىيۇتېر بىلەن سەللا ئېتىشقان بالىلار بىلىدۇ . سىز بەرگەن ھەربىر بۇيرۇق يەنى سىز چىققان تور بەت ، سىز كۆرگەن كىنو ، سىز قاچىلىغان ھۆججەت. . . . قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتەكومپۇتېر ئاساسى مېڭىسىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ، سىز قىلغان ھەر بىرمەشغۇلاتنى خاتىرلەپ ماڭىدۇ . شۇڭا سىز ۋاقتى كەلگەندە كومپىيۇتېرىڭىزدىن ئەسلى سىز 《ئۆچۈرىۋەتكەن》   نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭئەمەلىيەتتەھەقىقىيۇيۇلمىغانلىقىنى بىلمەيسىز . شۇنىڭغا ئوخشاشسىز بارمىقىڭىزنى تونۇتقان ۋاقتتا ئالما يانفونى سىزنىڭ بارماق ئىزى شېفىرىڭىزنى خاتىرلىۋالىدۇ ۋە دەرھال ئالما شىركىتىنىڭ مۇلازىمېتىرىغا يوللايدۇ. . . . قالغىنى خۇدايىمغا ئامانەت . . . .

                  

      
                                 2.   ئالمائەقلىفونى   seriئەقلى پاراڭلىشىش (دەپ تۇرايلى) تېخنىكىسى

          ئالما شىركىتىنىڭيېڭىلىقلىرى قاتارىدا ئەقلىفون ھەۋەسكارلىرىنىلائەمەس دۇنياIT ساھەسىنى ھەيران قالدۇرغان بۇ تېخنىكا   ( ئەمەلىيەتتە ھەيران قالغۇدەكمۇ ئەمەسERSتېختىكىسى دىسە تونۇمايدىغىنى يوق ، شۇ ئالما سەل چاققان كەلدى)   ئالما تېلىفۇنىنىڭبازار قىممىتىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرىۋەتتى، نۇرغۇن كىشىلەرئاشۇ پاراڭلىشالايدىغانماشىنىنى دەپلا iphoneسېتىۋالدى ۋە بەس _ بەستە سىناشتى .سىزمۇ ھەمئەگەر iphone نى تۇتۇپ باققان بولسىڭىزلا    seriبىلەن پاراڭلىشىپ باقمىدىم دىيەلمەيسىز !؟ئەمما ئوخشاشلا نۇرغۇن ئادەم    iphoneغا(ئاشۇ تۆمۈرگە)قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەۋاتقىنىدا ، ئەمەلىيەتتە ئۆز سۆزلىرىنىڭئالما شىركىتىنىڭلا ئەمەس 《ئامىركا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى》 نىڭ مۇلازىمېتىرلىرىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ يانفونى بىلەن ئەمەس دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار جاسوسلۇق ئورگىنىنىڭ جاسوسلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنىبىلەرمۇ ؟


                                  3.گوگىل كۆز ئەينىكى

                  سەللا ئەقلى بار ئادەم ، ئامېركا ھۆكۈمىتىنىڭ زور قوللىشى بار بۇ مەھسۇلاتنىڭ مەقسىدىنى پەرەز قىلالايدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا دۇنيادا 1 مىىليون ئادەم ئۇنى تاقىسا ، 《 مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى》 نىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1 مىيون كۆزى بار دىگەن گەپ . ( مىنىڭچە يەنە ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز)


                                  4.بۇلۇت سۇپىسى

   بۇ يىللاردا ئىنتىرنىت ساھەسىدە ئەڭ مودا بولۇۋاتقان بۇ ئاتالغۇھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز تەرەققى قىلىش كۈچىگە ئىگە.ھازىر نۇرغۇن تورداشلار ئۆزىنىڭ بۇلۇت دىسكىسىداناھايىتى چوڭ بوشلۇقى بارلىقىدىن پەخىرلىنىدىغان بولۇشتى. ئىلگىرى500GB   بوشلۇقنى ئاڭلىساقھەيران قالاتتۇق ھازىربىرقانچەتىتابايىت ، نەچچە ئون تىتابايىت ، ھەتتا 100 تىتابايىتلاربۇلۇت دىسكىسىدا ھىچبىر چوڭ ئىش ئەمەس .ئەممابۇ يەردە مۇنداقئىككى چوڭ ئالدامچىلىق بار.

    1_ سىزگە بەرگەننەچچە ئون تىتابايىت بوشلۇقنى سىز ئىشلىتىپ بولالامسىز ؟ ھازىرغىچە قانچىلىك يېرىنى ئىشلەتكەنسىز؟ سىز ئىشلەتمىگەن قالدۇق بوشلۇق راستىنلا سىزنىڭ ئىلىكىڭىزدە تاكى سىز ئىشلەتكۈچە قۇرۇق تۇرارمۇ؟   

            ئەمدى سۇئاللارغا بىر _ بىرلەپ جاۋاب بېرەيلى :بىر بۇلۇت سېستىمىسى نەچچە يۈزلىگەن ھەتتا نەچچە مىڭلىغان مۇلازىمېتىرلار توپىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئادەتتەبىر مۇلازىمېتىرنى 10 تىتابايىت دىگەن تەغدىردىمۇبۇ1000دانە مۇلازىمېتىر قۇيۇلغان بىر مۇلازىمېتىرخانا10 مىڭ تىتابايىت دىگەن گەپ ، دىمەك ۋاقتىكەلگەندە ئورگان تەرەپ بازار ئېچىش ئۈچۈنسىزگە ھەتتا 10 مىڭ تىتابايىتلىق بۇلۇت بوشلۇقىنى بېرىدۇ، ئەمەلىيەتتە سىزگە ئوخشاشلا باشقا ئونمىڭلىغان ئابونىتلارغىمۇ 10 مىڭ تىتابايىتتىن بوشلۇقنى بېرىۋېرىدۇ. . . . .( ئەمدى سەل چۈشەنگەنسىز؟ )

      
   2_ سىزنىڭ بۇلۇت دىسكىڭىزغا ساقلىغان 《 ئالى مەخپىيەتلىكىڭىز》 راستىنلا مەخپىمىدۇ؟ئۇ قەيەردە ساقلىنار؟

                بىزبۇ سۇئالغا جاۋاب بەرمەيمىز. ( جاۋابى سىزگە قالدى )



               بۇ توغۇرلۇق تەپسىلى توختىلىدىغان بولساق سىز ئىشلىتىۋاتقان ھەربىر ئىلىكتىرون مەھسۇلاتى ، ئىنتىرنىت بىلەن ئازغىنە ئالاقىسى بولسىلا(بەزىسىنى بىلىسىز ، بەزىسىنى بىلىشىڭىز ناتايىن) ھەرگىز مەخپىدىيەلمەيسىز .

wrote By : Esedulla.Ehmed               2013\10\19

   



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-10-20 10:02):
بەزى ئۇقۇملار تېخىمۇ ئېنىق بولسۇن ئۈچۈن بۇنى قوشۇپ قوياي :      ئەڭ دەسلىۋىدىن ھىسابلىساقتورنىتېمبىرنىس...

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 19:40:52

TB نى تېتا بايىت دەيىزمۇ تېرا بايىت دەيمىزمۇ. ئېنگىلىزچىسى Terabyte ئىكەن.

真的uyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 19:42:46

ئەڭ ياخشىسى U盘 ئىشلەتسەك بولغۇدەك…………

bahit8 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 19:42:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahit8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-10-19 19:45

توپ توغرا مەن ئويلىغاندەك ئىكەن.
بەيدۇ بۇلۇتى
بەزى نەرسىلەرنى تەكرار يوللاش بىھاجەت مەسلەن سىز بىر دىتالنى يوللىسىڭىز بىردەمدە چىقىدۇ ئەمەلىيەتتە ئۇ خىلى گىگا كىلەتتى . لىكىن باشقىلارمۇ شۇ گۆھەرنى دېسكىسىغا چىقارغان بۇيەردە سىز چىقارمىدىڭىز بەلكى باشقىلارنىڭكىنى ساقلىۋالدىڭىز خالاس .
يارايسىز . ھەممە ئاتالمىش مەخپىيەتلىك!

Padichi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 19:50:24

真的uyghur يوللىغان ۋاقتى2013-10-19 19:42 static/image/common/back.gif
ئەڭ ياخشىسى U盘 ئىشلەتسەك بولغۇدەك…………

ھاھاھا:lolتوغرادەيسىز .    تورغا ئۇلىمىسىڭىزلا مۇشۇ ئەڭ بىخەتەر(مىكىن).

Padichi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 19:53:06

alip يوللىغان ۋاقتى2013-10-19 19:40 static/image/common/back.gif
TB نى تېتا بايىت دەيىزمۇ تېرا بايىت دەيمىزمۇ. ئېنگىلىزچ ...

بىزگە دەرىستەتىتابايىت دەپسۆزلىگەن .   شۇنداق دەپ كۆنەپ قاپتىمەن .    ئۇنىڭ ئۈستىگە تىتابايىت ئالدىنقىللىرىغا قاپىيەداشبولغاچقا ئاسان ئەستە قالىدىكەن .ئەممائېيتقىنىڭىز ئورۇنلۇقكەسپى ئاتالغۇلارنى ئۆز پېتى ئىشلەتكىنىمىزياخشى

sirdax4520 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 20:00:33

‏نىمانداق قورقۇنۇچلۇق...

masutozil يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 20:02:37

مەن بۇرۇنلا ھېس قىلغان ھەم خەۋەرلەردىمۇ كۆرگەن ئالما ئاندىرويد مىكروسوفىتلار تاشقى جەھەتتىن رىقابەتلەشكەندەك تۇرغان بىلەن ئىچكى جەھەتتەن يەنىلا ھەمكارلىقى بار! ھازىر ئاندىرويىد بىلەن ئالما بازارنى ئىگەنلەپ بولدى بولۇپمۇ جوڭگۇ بازىرىنى قالغىنى قانداق بۇنى شۇ شىركەتلەر ئۆزى بىلىدۇ!

ھېيىت يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 20:05:38

::funk::funk::funk::funk::L

سۇبات786 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 20:08:27

بۇ گۇيلار نىمانچە ھىيلىگەر.

uran يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 20:17:47

شۇڭا مەن بۇلۇت بوشلۇقۇمنى باشقىلارنىڭ بەھىرلىگەن كۆكنۇر ئۆلچىمىدىكى كىنولار بىلەن توشقۇزۇپ خېلى بىر يەرگە ئاپاردىم،گەرچە يۇقىردا دېيىلگەندەك مەن پەقەت باشقىلارنىڭكىنى ساقلىۋالغان بولساممۇ ئېشەكنىڭ بىر تال تۈكىنى يۇلساقمۇ ھېساب

sirlik123 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 20:19:10

مەقسەت 2پاچىقىڭىز بىرپاي ئۈتەككە تىقىش

جەۋھەر يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 20:23:01

مەن قۇلۇمدىكى تىلپۇنمۇ ئەمەسمۇ بىلەلمىدىم ھازىر .

Padichi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 20:27:12

uran يوللىغان ۋاقتى2013-10-19 20:17 static/image/common/back.gif
شۇڭا مەن بۇلۇت بوشلۇقۇمنى باشقىلارنىڭ بەھىرلىگەن كۆكن ...

توغرا ، ئىشلەتمەي ئامال يوق ، ئەمما دىققەت قىلىش كېرەك، تەھلىل قىلىش كېرەك ، ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەر تېپىش كېرەك . توختىماي ئىزدىنىش كېرەك .   ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ ___ قۇلۇپ قانچە تەرەققى قىلسا ئوغىرى شۇنچە بىلىملىك بولىدۇ . :lol

Padichi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 20:29:18

ئەگەر ئاۋارچىلىق كۆرمىسەڭلار( ئالىپنى ئەسكەرتكەن ھالدا) تېمىللىرىمنى باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكىسەڭلار بولىدۇ.   مىنىڭچەزور كۆپچىلىك تورداشلار يۇقارقىلاردىن بىخەۋەر.( ئۇلارمۇ خەۋەر تاپسۇندە)
بەت: [1] 2 3 4 5
: مەخپىيەتلىكىڭىز راستىنلا مەخپىيمىدۇ؟