خۇاۋېي يانفۇنلىرىنىڭ قۇلۇپنى يېشىش دىتالى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xaydayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-10-24 13:53خۇاۋېي يانفۇنلىرىنىڭ قۇلۇپنى يېشىش دىتالى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
ئۇزۇن بولدى يېزىدا خىزمەتكە چىقىش سەۋەبى بىلەن ئالىپ تورىغا چىقالمىدىم، ھەم قۇلۇمدىكى يانفۇننى iphone5 كە ئالماشتۇرۇش سەۋەبى بىلەن ئاندرويد يانفۇنلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشىم سەل ئازلاپ قالدى. تۈنۈگۈن تېلىگىرافقا بېرىپ ئۆينىڭ تور ھەققىنى بىر يىللىقنى بىراقلا تاپشۇرسام خۇاۋېي 8815 يانفۇنىدىن بىرنى بەرگەنتى، شۇنىڭ قۇلۇپىنى يېشىش لازىم بۇلۇپ قېلىپ، توردىن تۆۋەندە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان دىتالنى تاپتىم.
ئېسىمدە قېلىشىچە قايسى بىر تېمىدا بىر بۇرادەر بۇ ھەقسىز قورالنى ھەقلىق سېتىپ تورداشلاردىن پۇل تۆلەشنى تەلەپ قىلغان، بۇنداق ئەخلاقسىز قىلىمىشلارغا قاراپ تۇرۇشقا راستىنلا چىدىمىدىم. باشقىلار ھەقسىز تارقاتسا بىر چۈشۈرۈپ قېرىندشلىرىمىزغا ھەقلىق تارقاتساق توغرا بولمايدىغۇ دەيمەن. بولدى قۇرۇق گەپنى جىق سۆزلىمەي .
بەزى تورداشلار يەنىلا قىلالمىدۇق دەپ ئىنكاس يېزىپسىلەر، قىلالمىغانلار مۇشۇ تېما ئاستىغا يانفۇنىڭىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى (يەنى ئاشۇ كاتەكچىلەرگە تولدۇرىدىغان ئۇچۇرلارنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇڭ) يەنى تېلىفۇن تىپى ، S/N نۇمۇرى، IMEI نۇمۇرى، *#*#1357946#*#* نى كىرگۈزگەندە چىققان 8 خانىلىق نۇمۇرلارنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇڭ. مەن چۇقۇم قۇلۇپ يىشىش نۇمۇرىنى ئىۋرتىپ بىرىمەن.
يەنە بىر ئىش، ئۇ دىتالنىڭ يۇقىردا دىيىلگەن نۇمۇرلارنى ئاپتۇماتىك تارتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىمۇ بار ئىكەن، نۇمۇر كىرگۈزۈشنى ئاۋارچىلىق دەپ قارىغانلار يانفۇننىڭ قوزغاتقۇچىسىنى قاچىلاپ بۇلۇپ، تېلىفۇننى كومپىيۇتېرغا چېتىپ تۇرۇپ، ئاندىن كېيىن 申请解锁码 دىگەن جايدىن 手动输入 دىگەننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى 自动获取 نى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. دوسىتلارغا ئامەت ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن.
چۈشۈرۈش ئادرىسى خاتا بولۇپ قاپتۇ دەپ يازغانلار قايتىدىن چۈشۈرۈڭلار، ئادرىسىنى توغىرلاپ ئىككى ئادرىسقا چىقىرىپ قويدۇم.
دىتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى :
دىتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://pan.baidu.com/s/11NmG9
http://pan.baidu.com/s/1eMJ3z
دىتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
1-ئالدى بىلەن يانفۇنىڭىزنىڭ قوزغاتقۇچىنى كومپىيۇتېرغا تولۇق قاچىلاڭ.
2-ئاندىن كېيىن دىتالنى قوزغىتىپ 申请解锁码 دىگەننى تاللاڭ.
3-ئۇنىڭدىن كيىن يانفۇنىڭىزنىڭ تىپىنى تاللاپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلانى ئاستىدىكى كاتەكچىگە تولدۇرۇڭ. ئەگەر سىزنىڭ يانفۇن تىپىڭىز بۇ دىتالدا بولمىسا ئەڭ ئاستىدكى 专属通道 دىگەننى تاللىسڭىزلا كۇپايە.
4-مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن 提交申请 نى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
بۇ دىتالدا ئۇنىڭدىن باشقا recoveryيېزىش، ۋە USB قوزغاتقۇچىنى چۈشۈرۈش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن، سىناپ بااقسىڭىز بولىدۇ.دىتالنى ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاددىي . چۈشەنمىگەن جايلىرىڭىز بولسا تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
ئەسكەرتىش: بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ دىتال ھەربىر تىپتىكى يانفۇنغا ئايرىم-ئايرىم ياسالغان ، كېيىن بىرلەشتۈرۋىتلىپ، قولايلىق بوپتۇ، بۇرۇن كىم ھەقلىق ساتقان بولسا ئۇ مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز. باشقىلار ھەقسىز ياسىغان نەرسىنى ھەقلىق تارقىتىشقا مەن ئىنتايىن قارشى.
قېرىندىشىم ماڭا ياردەم قىلىپ قايتا يوللاپ بەرسىڭىز چۈشۈرۈش ئادىرسى يوقكەن مېنىڭ رومى بۇزۇلغان ئىدى بۇ دىتال ماڭا بەك لازىم ئىدى كوپ رەخمەت قېرىندىشىم تىلفۇنغاچۈشرەمدۇقكومپىيۇتىرغىمۇ ئىنىقدەۋىتىڭە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، رەھمەت سىزگە! مەن مۇشۇنداق دېتال ئىزدەپ يۈرەتتىم! ۋولقان15 يوللىغان ۋاقتى2013-10-13 17:51 static/image/common/back.gif
تىلفۇنغاچۈشرەمدۇقكومپىيۇتىرغىمۇ ئىنىقدەۋىتىڭە
كومپىيۇتېرغا چۈشۈرسىڭىز دوستۇم، ئاندىن يانفۇننى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ قۇلۇپنى يىشىشىسىز كۆپ رەھمەت جاپا چىكىپسىز... مەن سىناپ باقتم بەك ياخشىكەن مەن 8813د نىڭ قۇلۇپىنى يېشەلمەي بەك ئاۋارە بولۇپ كەتكەن . سىزگە كۆپ رەھمەت ، بۇ دېتالنى سىناپ باقاي ئەمىسە... سىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم. قانچىلىك ۋاقىتتا كىلىدىكەن 16 خانىلىق مەخپى نۇمۇر؟ رەھمەت قىرىندىشىم سىناپ باقايلى قىنى
بۇرۇن خۇاۋىينىڭ ھەر بىر تىلفۇنىغا بىرخىل سىستىمىسى بار ئىدى ھازىر قولايلىق بوپتۇدە ئۇنداقتا قۇلۇپ نومۇرىنىبىرمىنۇتتائىلتىماسقىلىپقۇلۇپنىيىشىۋېتەمدىكەن رەھمەت سىزگە ساقلىۋالدىم لازىم بولغاندا ئىشلىتەرمەن ئەجەپ بەلەن ئىش بولدى!! رەھمەت تىما ئىگىسى! ۋەئەلەيكۇم ئەسسالاممۇنبەرگە قايتىپ كەلگىنىڭىزنى كۆرۈپ خۇشبولدۇم ئىجادى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!!!!