مۇختار روزىنىڭ 500 قىسىملىق VB دەرسى، چۈشۈرۋېلىڭ
http://www.rohlan.biz/elan/vb-mr+rohlan.gifبىز ئالدىنقى كۈنلەردە مۇختار روزى Photoshop CS5 دەرسلىكلىرى ھەقسىز تارقىتىلدى (ئۇيغۇرچە دېگەن تېما ئارقىلىق مۇختار ئەپەندىنىڭ ئۆزى بىر قوللۇق تۈزىگەن Adobe Photoshop CS5 نى ئىشلىتىش تەپسىلىي سۆزلەنگەن 95 قىسىملىق سۈرەتلىك دەرسلىكنى تورداشلار ھوزۇرىغا ھەقسىز سۇنغان ئىدۇق، تورداشلار بۇ دەرسلىكنى چۈشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، بۇ دەرسكە بولغان باھاسى ناھايىتى ياخشى بولدى .
بۇ جەرياندائەلكۇيى تورى، مىسرانىم تورى، بىلىك كۇلۇبى، ئىنتىل سەيناسى، نۇرقۇت ئەترىتى، ئىز تورى، ئۇچۇر 100 تورى، ئالپ تورى، شاھدىيار تورى، باغداش تورى، سىرلىق تورى، كەڭساي تورى، ئاشپەز تورى، رېتىم مۇنبىرى، قۇياش مۇنبىرى، تىركەش مۇنبىرى، كروران مۇنبىرى، بىلىملەر مۇنبىرى، تورچى مۇنبىرى، پوسكام مۇنبىرى، ئۇچقۇن مۇنبىرى، كوئىنلن مۇنبىرى، دولانى مۇنبىرى، ... قاتارلىق تور بېكەتلەر ۋە بلوگىرلار بۇ ھەقسىز دەرسلىكتىن تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ ياخشى ھەمكارلاشتى . شۇ ئارقىلىق بۇ دەرسلىكتىن روھلان تور بېكىتىگە كىرىپ بولالمايدىغان تورداشلىرىمىزمۇ بەھىر ئالدى، بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇقارقى ھەمكارلاشقان بارلىق تور بېكەت ۋە بلوگىرلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز .
بىز ئالدىنقى قېتىملىق ۋەدىمىز بۇيىچە Microsoft Visual Basic 6.0 دەرسىنى تارقتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز، بۇ Microsoft Visual Basic 6.0 دەرسى جەمئىي 500 قىسىملىق بولۇپ، بۇنىڭ بىر قىسىمى يەنى 62 قىسىم دەرسلىكى ھەقسىز تارقىىتىلىدۇ، قالغان قىسىملىرى ھەقلىق تارقىتىلىدۇ .
http://www.xmrit.com/asar.asp?id=64
ھەقلىق دەرسلىكنى بىۋاستە مۇختار ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ .
http://www.xmrit.com/asar.asp?id=64
مۇختار ئەپەندىنىڭ تور بېكەت ئادرىسى: http://www.xmrit.com بولۇپ، بارلىق تور بېكەت باشلىقلىرى ۋە بلوگەىرلارنىڭ بۇ خالىس تۆھپىكارىمىزنىڭ تور بېكىتى http://www.xmrit.com نى ئۆز تور بېكىتى ۋە بلوگىغا ئۇلىنىش قىلىۋېلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز .
مۇختار ئەپەندى يەنە يېقىندا شارائىتى ناھايىتى ياخشى بولغان بىر قېتىملىق تەربيلەش ئېلىپ بارماقچى، خۇددى خىزمەتچى خادىملاردەك، ئايرىم ئىشخانا، ئايرىم كومپيۇتېر ئىشلىتىدۇ،بۇ قېتىملىقى ئادەتتىكى تەربىيلەش كۇرسى بولماستىن، مۇختار ئەپەندىنىڭ بارلىق خىزمەت پىلانىغا بىردەك قاتنىشالايسىز، دەرس شۇ كىشىنىڭ سەۋىيسىگە قاراپ ئايرىم سۆزلىنىدىكەن، لېكىن بۇنىڭغا كومپيۇتېردىن خەۋىرى يوق، بېلى بوشلارنى قۇبۇل قىلىنمايدىكەن، ئۆگەتكەننى ئۆگىنەلەيدىغانلارنىلا ئالىدىكەن، ياخشى ئۆگىنىپ ئۆز ئالدىغا ئېگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلارغا باشتىن-ئاخىر ھەمدەمدە بولۇپ، مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ھەر ۋاقىت ياردەمدە بولۇپ، يېنىدا تۇرىدىكەن . بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچىلا بولىدىكەن( بۇ پەقەت توك پۇلى ۋە ئۆزىڭىز ئىشلەتكەن كومپيۇتېرنىڭ ئۇپراش پۇلى خالاس) ، ئەگەر ئۆگىنىش ئارزۇسى بار، ئېگىلىك تىكلەشنى ئارزۇ قىلۋاتقانلار بولسا بىۋاستە مۇختا ئەپەندى بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى مۇختار ئەپەندىنىڭ تور بېكەت ئادرىسى: http://www.xmrit.com دا تولۇق بار .
تۆۋەندە مۇختار ئەپەندى تۈزىگەن Microsoft Visual Basic 6.0 نىڭ سىنلىق دەرسىنىڭ بىر قىسىمى بىۋاستە كۆرۈپ باققۇچىلار ئۈچۈن چىقىرىلدى (ئېچىلىش سۈرئىتىنى ئويلىشىپ سىغىمى ئەڭ كىچىك، ۋاقتى ئەڭ قىسقا دەرس تاللاندى)
http://www.rohlan.cn/bilim/Muhtar-Rozi-Vb-Dersi-Www-Xmrit-com-Www-Rohlan-Biz.swf
بىۋاستە كۆرەلمىگەنلەر تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈشۈرۈش ئادرىسىنى كۆچۈرۈپ، چۈشۈرۈش قورالىغا چاپلاڭ.http://www.rohlan.cn/bilim/Muhtar-Rozi-Vb-Dersi-Www-Xmrit-com-Www-Rohlan-Biz.swfcode]Microsoft Visual Basic 6.0 نىڭ ھەقسىز تارقىتىلغان دەرسلىكى ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ يوللىنىدۇ، 1-بۆلەكنىڭ سىغىمى 108 مىگابايت.
Microsoft Visual Basic 6.0 نىڭ ھەقسىز تارقىتىلغان دەرسىنىڭ 1-بۆلىكىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.rohlan.biz/thread-6071-1-1.html
تورداشلارنىڭ ۋاقتى يار بەرسە ئۆزىنىڭ بلوگى ۋە بىلىدىغان، كۆپ كىرىدىغانبارلىق تور بېكەتلىرىگە يوللاپ قۇيۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز، چۈنكى بۇ دەرسلىك پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلغان، بۇلارنى چۈشۈرۋېلىپلا سودىغا ئىشلىتىدىغان ھايانكەشلەرنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ . بۇ دەرسنىڭ ھەقسىز ئېكەنلىكىدىن تېخىمۇ كۆپ تورداشلىرىمىز خەۋەر تاپسۇن . شۇنداق ياخشى تېمىغا بىرمۇ ئىنكاس چۈشمىگىنىنى دېسە ئەسسالامۇئەلەيكۇمشۇنداق ياخشىئىكەنتۇق ، ئەپسۇس ئۇلانىمىلارنڭ بىرىمۇ ئچىلمايدىكەن
بەت:
[1]