كومپىيوتېر ئېكرانىڭىزنىڭ قانچىلىك سۈزۈكلىكىنى بىلۋېلىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى !كومپيۇتېر ئېكرانى ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۈسكۈنە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ(قۇرۇق گەپ، ئېكران بولمىسا قانداقمۇ كومپيۇتېر دېگىلى بولىدۇ؟)، كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ نورمال ياكى نورمال بولماسلىقى ئادەمنىڭ كۆزىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان ئامىلنىڭ بىرى. شۇڭا سۈپىتى ياخشى بولغان بىر دانە ئېكران تاللاش ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىش. ئەمما بىر قەدەر كەسپىي ئېكران سىناش ئۇسۇللىرى مۇرەككەپ ھەم ئاۋارىچىلىق، بىزمۇ ئادەتتە ئۇ پارامېتىرلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمىز، تۆۋەندىكى سىزگە ئاددى بىر ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قوياي، قېنى سىز بۇ ئېكرانىڭىز بىلەن قانچىنچى قۇرغىچە كۆرەلەيسىزكىن؟پەقەت ئالتىنچى قۇر ۋە ئالتىنچى قۇردىن يۇقىرىدىكى قۇرلارنى كۆرەلىسىڭىز، ئۇنداقتا ئېكرانىڭىزنى ئىشلەتمەيلا قويۇڭ، بۇ خىلدىكى ئېكرانلارنىڭ كۆزگە بولغان زىيىنى بەك ئېغىر. تەۋسىيەم بۇ ئېكراننى تاشلىۋېتىپ بىراقلا يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇڭ، ئىشىنىمەنكى يېڭى ئېكران ئالماشتۇرۇشقا سەرپ قىلغان پۇل كېيىن كۆز دوختۇرىغا كۆرۈنىدىغان پۇلدىن خېلىلا ئاز چىقىدۇ.
يەتتە ۋە سەككىزىنچى قۇرلارغا بارالىغانلىرى سۈپىتى بىر قەدەر ناچار ئېكرانلارنى كۆرسىتىدۇ، بىراق يەنىلا ئەپلەپ سەپلەپ ئىشلىتىشكە بولىشى مۇمكىن.
مېنىڭ ئېكرانىمدا توققۇز ۋە ئونىنچى قۇرلارنى كۆرگىلى بولدى، ئونىنچى قۇرنى كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ تۇرۇپ قارىسام خېلى ئوچۇق كۆرۈنىدىكەن، ئون بىرىنچى قۇرنى ئاساسەن كۆرەلمىدىم.
تۆۋەندىكى رەسىم ئارقىلىق سىزمۇ ئېكرانىڭىزغا باھا بېرىپ بېقىڭ:
سافادا ئولتۇرۇپ ئىنكاس يېزىۋالاي ئەمىسە. مەن توققۇزىنچى قۇرىغىچە كۆرەلىدىم. مەنمۇ9قۇرغىچەكۇرەلىدىممىڭ تەستە ! مەنمۇ 9-قۇغىچە بىمالال كۆرەلىدىم ماڭا 12 13_قۇرلارمۇ بولغان بولسا بۇلدىكەنتۇق11 نى 2 مىتىريەدەنمۇكۈرۋەتتىم، مەن تىلفۇندا 9_قۇرنىلا ئوچۇق كۆرەلىدىم مەن 30 يۈئەنگە ئالغان دومباق ئىكراندىمۇ 9-چىسىغىچە كۆردۈم، 9 - قۇردا ئىنتايىن كىچىك چىۋىننىڭ پوقى باكەن . مېنىڭكىدە 3-قۇر ئاران كۆرۈندى،ئېكراننى تاشلىۋېتەي دەيمەن،كىم تېرىۋالىدۇ:lol مېنىڭ ئېكرانىمدا توققۇز ۋە ئونىنچى قۇرلارنى كۆرگىلى بولدى، ئونىنچى قۇرنى كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ تۇرۇپ قارىسام خېلى ئوچۇق كۆرۈنىدىكەن، ئون بىرىنچى قۇرنى ئاساسەن كۆرەلمىدىم.
مەن 10-قۇرغىچە كۆرەلىدىم،11-قۇرنى كۆرەلمىدىم ، سىنالغان ئۈسكىنە iphone5 تىلىفۇننە تاشلىۋەتمىسەممۇ بولامدۇ نىمە مىنىڭكىدىمۇ 10-قۇرنى كۆرگىلى بۇلىدىكەن، قارىغاندا مەن يەنە تۆت بەش يىل ئىشلەتسەم بولغىدەك. ئەزىز دىيارىم يوللىغان ۋاقتى2013-9-30 14:36 static/image/common/back.gif
ماڭا 12 13_قۇرلارمۇ بولغان بولسا بۇلدىكەنتۇق11 نى 2 مى ...
خۇۋاۋېي تېلفۇننىڭ قۇلۇپ يىشىلگەنلىكىنى قانداق بىلەلەيمىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 13309954400 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-9-30 15:21
مەن تىلفۇنۇمدا 6 چى قۇرغۇچەڭ ئاران كۆرەلىدىم خۇۋاۋىې8812 ئىدى مېنىڭ ئېكرانىمدا توققۇز ۋە ئونىنچى قۇرلارنى كۆرگىلى بولدى، ئونىنچى قۇرنى كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ تۇرۇپ قارىسام خېلى ئوچۇق كۆرۈنىدىكە