▍Freedom يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 17:27:58

win7 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باقمايلىمۇ؟

بۇرۇن بىرقانچە دوستۇمغا ئىنتىل-بىلىك ھەقسىز تارقاتقان ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسىنى قاچىلاپ بەرگەن ئىدىم!بۇرۇن ئۈزۈممۇ خېلى بىرمەزگىل ئىشلەتكەن.لىكىن يېڭىلىنىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ بارغانسىرى سېستىما بەكلا كونىلاپ قالدى!
ئۇلار ئىشلىتىپ شۇنداى رازى بولدى.لىكىن ئىككى ھەپتىدە بىر بېرىپ سېستىمىنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى كوچىلاپ قويمىسام نورمال ماڭغىلى بولمىدى! ياماقلىرىنى ياماپ قوياي دىسەم يا ئۇيغۇرچە ئەمەس يا خەنزۇچە ئەمەس مىڭكوخەنسىمان بىرنەرسىگە ئايلىنىپ قالدى! شۇنىڭ بىلەن قايسى كۈنى ئولتۇرۇپ win7 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باقساق قانداق بولار دىگەن ئىش كاللامغا كىلىپ قالدى! بۇرۇن win8 غا ئۇيغۇرچە قۇشۇلىدىكەن دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ شۇنداقخوش بولغان ئىدىم!ئەپسۇس ئۇنداق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.
ھەپىلىشىپ يۈرۈپ سېستىمىغا ئەرەپچە تىل بولىقىنى چۈشۈردۈم! سېستىمام ناھايىتى تىزلا ئەرەپچە بۇلۇپ كۈرۈندى! بۇنى كۈرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم! مەسىلە بۇ تىل بولىقىنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچە تەجىمە قىلىپ نورمال كۆرسىتىش بولدى.
شۇڭا باشقا گەپنى قۇيۇپ دوسلارغا بىرقانچە كۈرۈنۈش يوللاپ ئاندىن تىل بولىقىنى يوللاي! سىلەرمۇ كۈرۈپ ئاندىن ئويلىغىنىڭلارنى دەپ باقساڭلا!


بۇلاقنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى
http://down.qiannao.com/space/file/a51021523/-4e0a-4f20-5206-4eab/lp.cab/.page

xahzad يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 18:30:00

دوستۇم پىكرىڭىز ناھايىتى ياخشى بوپتىكەن، ئەمما سىستېما تەرجىمە قىلىش دېگەن ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، يۇمشاق دېتال تەرجىمە قىلغانغا ئوىشىمايدۇ، سىزگە سوغوق سۇ سەپكىنىم ئەمەس، windows 7نى تەرجىمە قىلىپ تۈگەتسەك ئالدىمىزدا windows 8چىقىدۇ، بىز ئالدى بىلەن ubuntuنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تولۇق تۈگىتىپ ئاندىن بىر نىمە دېيىشەيلى،

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 18:35:41

ۋىندوۋىسنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن مىكروسوفىتنىڭ تەستىقىنى ئالمىسا بولمايدۇ. بولمىسا ئۆزى تەرجىمە قىلىپ ئۆزى يالغۇز ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئالىم ئەھەت ئەپەندى تەستىقنى ئالدۇق دېگەندەك قىلۋاتاتتى. جىمىپ كەتتى، بەلكىم ئىچكى قىسىمدا، مەخپىيراق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

osmanturpan يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 19:52:45

تەرجىمە قىلىشتا چوقۇم Microsoft نىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

MM21 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 22:16:20

Microsoft تا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇردىن بىرەرسى بولغان بولساھە!!!
ئۇ كۇنلەرمۇ كىلەر   خۇدا بۇيرىسا

adl2052103 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 22:35:03

بۇ سېستىمىنى   ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئۇيغۇرچە قىلىش

بەگتاش يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 23:46:02

ۋىندوۋىسنى بىرسى مىكروسوفىتنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋاتىدۇ، بىلىك تورىدا بۇ تىما قايناپ كەتكەن ئىدى.

alip_eza يوللانغان ۋاقتى 2011-11-16 12:07:10

يەنە   Ubuntuنىڭ گېپى چىقىپ قالدى،بولسا مۇشۇ سىستېما توغۇرلۇققانداق تورغا چىقىش،ۋورد ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش،كىنو قويۇش،پروگىرامما لاھىيلەش قاتارلىق ئاساسلىق،ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان مەشغۇلاتلار دەرىسلىك قىلىپ تەمىنلەنسە ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى ئاشقان بولاتتى.

ئابدۇخالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-11-16 14:07:11

ئۇبۇنتۇ ئۈچۈن مۇنۇ تورنى www.ugubuntu.comيوقلاڭ

abdugeni يوللانغان ۋاقتى 2011-11-16 19:30:16

ئۇيغۇرچىسى چىققۇچە ئەرەبچىسنى ئىشلىتىپ تۇراي ئەمسە ماتېمىنى ماڭا يوللىغاندەكلا يوللاپسىز رەھمەت.

heqyol يوللانغان ۋاقتى 2011-11-17 05:22:50

مانا تىل بۇلىقى دېگەن تۆكمە. ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىلنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن.
32 بىت 64 بىت گە باس كېلىدىغىنى بار ئىكەن.
بۇ يەرگە كىرىڭhttp://www.wincert.net/tips/microsoft-windows/windows-7/2086-how-to-use-another-language-pack-on-windows-7-home-premium-and-professional.html

hayranman يوللانغان ۋاقتى 2011-11-29 14:57:48

نىمىشقا ئۇيغۇر تىلىنى ئاشۇ بولاققا قىتىپ قويمايدىغاندۇ ؟......

GERAH يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 02:07:30

ھەي   قېرىنداشلا    مەنبۇ   تىل بۇلىقىنى   قاچىلىيالمىدىم          يەنەكومپىيوتىرىمغا تۇنىتالمىدىم

قانداق قىلىمەن   يولكورسەتكەن بولساڭلا   

ئاللاھ ھەممىڭلانىڭ ئەجرىنى بەرسۇن             ياردەمقىلىڭلا      ئىنىق قىلىپ چۇشەنچە بەرگەن بولساڭلا   ؟

abdugeni يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 12:39:04

مەنمۇ بۇ تىل بولىقىنى توردىن چۈشۈرمەي تۇرۇپ خوش بولغان چۈشۈرۇپ بولۇپ ئەرەبچە قىلالمىدىم .
ھەي   قېرىنداشلا ياردەم قىلدىغانلار يوقما؟

ALM_SOFT يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 21:22:50

مەندە ئۇيغۇرچە قوشۇلغان ۋىندوۋس 7 با:loveliness:
بەت: [1] 2
: win7 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باقمايلىمۇ؟