alip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 23:20:13

تېمىڭىز نېمىشقا تەستىقلانمايدۇ؟

بىر يىل بۇرۇن ئالپ تورىمىزدا قانداق تېمىلارنىڭ تەستىقلانمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. ئۇ تېمىنى بەزى تورداشلار كۆرمىدىمۇ ياكى كۆرسىمۇ يەنە قەستەن قىلىۋاتامدۇ. تېمام نېمىشقا تەستىقلانمايدۇ، قانۇنغا خىلاپمىكەن دەپ توختىماي سوراۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدىن باشقا يەنە تور بېتىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا قائىدىسى بار. ئەڭ ئاددىيسى كىچىك بالىلار ئويۇن ئوينسىمۇ بىرەرسى ئويۇن قائىدىسىگە بويسۇنمىسا ئۇ بويسۇنمىغۇچىنى ئويۇندىن چىقىرۋېتىدۇ.
ئۇ ئۇقتۇرۇشنى يەنە بىر كۆرۈپ بېقىڭ. /forum.php?mod=viewthread&tid=2575
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قوشۇپ قويىدىغىنىم:
1. ياردەم سوراشتىن ئاۋال بەتنىڭ ئۈستىدىكى «ئىزدەش» دېگەن يەرنى بېسىپ ئاچقۇچلۇق سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدىتىپ بېقىپ بۇ تور بەتتە سىزگە لازىملىق ياكى يېقىن كېلىدىغان ئۇچۇرلار بولمىسا ئاندىن تېما يېزىڭ. (ئالپ تورىغا ئىزدەش ئىقتىدارنى قوشۇڭلار دەپ تېما يازدىغانلار باركەن. كۆز نەگە كېتىدىغاندۇ دەيمەن.)
مەسىلەن: huawei 8812 تىپلىق يانفونغا ئۇيغۇرچە يازسام تونۇمىدى دەپ بىر تېما بار بولسا، سىز 8825 كە ئۇيغۇرچە تونۇمىدى دەپ يازسىڭىزمۇ تەستىقلانمايدۇ. چۈنكى 8812 گە ماس كەلگەن ئامال چارىلەر 8825 كىمۇ ماس كېلىدۇ. ئاندرويد يانفونلارنىڭ قاتتىق دېتال پروگىراممىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قىسىمىدىن باشقا يەرلىرى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
بىرسى ئايفون4 ساتىمەن دەپ تېما يوللىغان بولسا سىز ئايفون4 ئالىمەن دەپ تېما يازسىڭىز تەستىقلانمايدۇ. گېپىڭىزنى ئالدىنقى تېمىغا ئىنكاس شەكىلدە يازسىڭىز بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۋېلىڭ دەپ تېما بار بولسا، سىز ماڭا ئۇيغۇرچە font لازىم دەپ تېما يازسىڭىز تەستىقلانمايدۇ.
2. يۇقارقى شەرت ئۇرۇنلانغاندىن كېيىن تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى مەزمۇن ئىپادىلەنگۈدەك قىلىپ قويۇڭ. ياردەم، دوستلار ماڭا ياردەم قىلىڭلار، خوش-خەۋەر، چوقۇم كۆرۈڭ، مۇسۇلمان بولسىڭىز كۆرۈڭ.... دەپ ماۋۇز قويسىڭىز تەستىقلانمايدۇ.
3. قايسى ئىشتىن ياردەم سورىسىڭىز ماس سەھىپىگە، ماس تۈرگە يوللاڭ. samsung i9100 يانفۇندىن سورىغان ياردەمنى يۇمشاق دېتال، ياكى sony سەھىپىسىگە يوللىسىڭىز تەستىقلانمايدۇ.
4. ياردەم سورىغان تېمىنىڭ ئىملاسىنى چوقۇم توغرا يېزىڭ. يانفوندا يازغانتىم، ئىملاسى خاتا بولۇپ قالدى... دەيدىغان باھانىڭىز ئاقمايدۇ.
يېقىندىن بېرى يوللىنىۋاتقان بەزى تېمىلارنى كۆرۈپ ساۋاتسىزلار نېمانداق كۆپىيىپ كەتكەندۇ دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. سىزدە سەمىمىيلىك، ئانا تىلغا ھۆرمەت بولمىسا باشقىلارنىڭ سىزگە ياردەم بەرگۈسى كەلمەيدۇ.
باشقا پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىدا ئاز-تولا ئىملا خاتالىقى بولسا باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ تەستىقلايدۇ، ئەمما ياردەم تېمىسىدا ئىملا خاتالىقى بولسا ئۆچۈرۈلدۇ.
5. كارتا ساتىمەن دەيدىغان ئېلان تېمىلىرى تەستىقلانمايدۇ. سەۋەبى: بىر نەچچە كارتا ساتقۇچى ئالپتىكى تورداشلارنى ئالدىدى. گەرچە ئۇلار بىلەن ئالپ تورىنىڭ مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ ئالدانغانلارنى كۆرۈپ خىجىل بولۇپ قالدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى كارتا ساتقۇچىلار تېمىنى يوللاپ قويۇپ مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا ئىشتىن چاتاق چىققىلى تۇردى، تېمامنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز دەپ ئىلتىماس قىلىپ تېمىسىنى ئۆچۈرگۈزۋەتتى.
6. تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازغانلارنىڭ، پىنيىنچە ياكى خەنچە ئىنكاس يازغانلارنىڭ ئىنكاسى ئۈچ قېتىمغىچە ئۆچۈرۈلۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. تۆتىنجى قېتىم يەنە يازسا شۇ ئەزانىڭ بارلىق ئىنكاس، تېمىسى ئۆچۈرۈلدۇ، يەنە تەكرارلانسا شۇ ئەزا چەكلىندۇ. ھەر قېتىم ئىنكاس ياكى تېما ئۆچۈرۈلسە شۇ ئەزانىڭ توپلىغان جۇغلانما، ئاقچسى ماس ھالدا ئازىيىپ ماڭىدۇ، شۇڭا تاينى يوق، تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئەخلەت ئىنكاسلارنى يازماڭلار.
7. مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا ياردەم سورىساڭلار تەستىقلانمايدۇ. مەسلەن: يانفونۇمنىڭ ئېكرانى چېقىلىپ كەتتى قانداق قىلىمەن؟ يانفونۇمغا قەتئى توك ئۆتمەيۋاتىدۇ، رېمۇنىتچىنىڭ قېشىغا ئاپارسام ئوڭشىيالمىدى، ئامال بارمۇ؟ دېگەندەك تېمىلار تەستىقلانمايدۇ.
8. ھەر قانداق سەۋەب بىلەن ئادەم تىللىسا شۇ ئەزا تولۇق چەكلىنىپ، بارلىق ماتېرىياللىرى، ئاقچا، جۇغلانمىسى ئۆچۈرۈپ تاشلىندۇ.
9. جۇغلانماڭلار كۆپەيگەنسرى دەرىجەڭلار ئۆسىدۇ. مۇنبەر ئاقساقىلى دەرىجىسىگە يەتكەندە بارلىق تېما، ئىنكاسىڭلار تەستىقسىز چىقىدىغان بولىدۇ. (بۇلار ئاپتۇماتىك بولىدۇ)
10. تەرجىمە قىلغان ئەپنىڭ رەسىملىرى، چۈشەندۈرۈشى بولمىسا، ئىملا خاتالىقى كۆپ بولسا تەستىقلانمايدۇ.

uz1223 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 23:28:14

مەن بۇلارنى بىلمەيدىكەنمەن، ئەمدى بىلۋالدىم بۇندىن كىيىن دىققەت قىلاي، قانداق قىلغاندا دەرىجىنى تىز ئاشۇرغىلى بۇلىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز(ئاقساقال بولغۇم كىلىپ قالدى:lol)

momo يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 23:28:43

بىلۋالساق بوغىدەك

tograk520 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 23:32:29

ناھايتى ياخشى بوپتۇ، دىمىسىمۇ مۇنبەردە پۇچەك ئىنكاسلار بەك كۆپۈيۈپ كەتتى، پۇچەكلىكىگە قارىماي ئىملاسى تېخى خاتا، ئوقۇغىلىمۇ بولمايدۇ بەزىلىرىنى، ۋاي ئانا تىلىم دەيمىزيۇ، خەت يازغاندا ئەستايىدىل بولمايمىز. (بۇ گەپلىرىم 1- سىنىپنىڭ باللىرىغا دىيىلدى) گېپىم كۆڭلۈڭلارغا كەلمىسۇن.

ehsan8 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 23:34:17

مانا ماۋۇ بولۇپتۇ تېمىسى تەستىقلانمىغان قېرىنداشلار ئەمدى رەنجىمىسىمۇ بولغۇدەك

hkjil يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 23:36:50

ھە ئەسلى مۇنداقكەندە مەن تېخى ئالىپ تورىغا يېڭى تىزىملاتقان ئەزالارنىڭ تىمىسى تەستىقلانمايدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 23:42:23

ئەمدى ئورۇنسىز ئاغرىنىش، پىتنىلەر، تۆھمەتلەر ئازلايدىغان بولدى.

parlak/889 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 23:43:18

ئالىپ ئەپەندىگە رەھمەت، مەن ئەمدى بىلىۋالدىم، تېمام تەستىقلانمىسا ئالىپتىن يامانلاپ كېتىپتىمەن،
قاچانمۇ مۇنبەر ئاقساقىلى بولارمەن؟

sanjar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 23:50:59

مېنى مۇنبەر ئاقساقىلى قىلىپ قويامسىز ؟:lol

تادان يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 23:56:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تادان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-9-27 23:58

ھازىر خەنلەرنى دوراپ گىلەم بىلەن سافانى تالىشىدىغانلار پەيدا بوپ قالدى، يازغان ئىنكاسى بولسا ***ماڭا قاپتۇ دىگەندەكياكى بولمىسا بۇنى مەن بىلمەيدىكەنمەن دىگەندەك. بۇنداق ئىنكاس يازغىچە يازمىسا دەپ كىتىمەن ...، ئۆتكەندە بىر تىمىغا 3ئىنكاسنىڭ ھەممىسى يىڭى يىزىقتا يىزىپتىكەن ئازراق سۆزلىسەم بىرەيلەن تىلفۇندا چىققانلىغىنى يازالمىغانلىغىنى قالدۇرۇپتۇ،كىيىن تىلفۇندا مۇنبەرگە چىقىپ ئىنگىلىزچىگە توغۇرلاپ يازسام نۇرمال يىزىلدى، تورداشلارنىڭ بەلكىم ھەممەيلەن ئۇيغۇرچە يىزىشنى تىلفۇندا ھەل قىلىپ بولالمىدۇق دىيىشى تۇرغانلا گەپ ،لىكىن مۇنبەرگە ئۇلار بولمىسىمۇ يازغىلى بولىدىكەن. ئازراق تىرىشىپ بىقىڭلار....

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 23:58:53

                              

ئەزا دەرىجىسى تەجرىبە
يېڭى ئەزا 0-50
تىرىشچان ئەزا 50-200
ئاكتىپ ئەزا 200-500
ئالىي ئەزا 500-3000
ئالاھىدە ئەزا 3000-5000
مۇنبەر ئاقساقىلى 5000 دىن چوڭ

abudugupur يوللانغان ۋاقتى 2013-9-27 23:59:39

sanjar يوللىغان ۋاقتى2013-9-27 23:50 static/image/common/back.gif
مېنى مۇنبەر ئاقساقىلى قىلىپ قويامسىز ؟

مۇنبەر ئاقساقلى بولماق تەس !

adilxa يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 00:03:26

مەنمۇئەگەشتىم ياخشى پىكىركەن

alxat110 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 00:11:46

ياخشى ئەسكەرتىش بوپتۇ، تولا تىمام تەستىقلانمىدى دىگەنلەر بۇنى بىر ئوقۇۋەتسە بولاتتى

abdullam يوللانغان ۋاقتى 2013-9-28 00:12:05

بىلىۋالدۇق،بۇندىن كىيىن دىققەت قىلايلى!
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7
: تېمىڭىز نېمىشقا تەستىقلانمايدۇ؟