كومپيۇتېر قېتىپ قىلىشنىڭ 12 خىل سەۋەبى
كومپيۇتېر قېتىپ قىلىشنىڭ 12 خىل سەۋەبىكومپيۇتېر قېتىپ قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى خىلمۇ - خىل بولۇپ،بەلكىم تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل سەۋەبلەرنىڭ بىرىبولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بىز كومپيۇتېر قېتىپ قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەنسەك، ئادەتتە كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىپ، كومپيۇتېر قېتىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
1. كومپيۇتېرنىڭ خىزمەت ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كېتىپ، cpu ۋە توك مەنبەسىنىڭ ئىسسىقلىقىنى سوۋۇتۇشى ياخشى بولمىغانلىقتىن كومپيۇتېر قېتىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
2. كومپيۇتېرنىڭ ئورنى يۆتكەلگەنلىكتىن، ئاساسى ماشىنا ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلەر بوشاپ قىلىشى سەۋەبلىك تېگىشىش ياخشى بولماي، كومپيۇتېر قېتىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
3. بەكلا چاڭ-توزانغا تولۇپ كەتكەنلىكتىن قېتىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.بەزى كومپيۇتېرلار 3-4 يىلغىچە ئىچى تازىلانمايدۇ. نەتىجىدە ئىچى توپا -چاڭغا توشۇپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغدا cpu شامالدۇرغۇچى قاتارلىقلارنىڭ ھەرىكىتى ئاستىلاپ ياكى توختاپ قالىدۇ ،نەتىجىدە cpu نى سوۋۇتۇپ بېرەلمەي قالىدۇ.ئەگەر ئوپتىك دىسكا ياكى يۇمشاق دىسكىنىڭ ماگنىتلىق بېشىنى چاڭ -توزان قاپلاپ كەتسە، ئوقۇش-يېزىشتا خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ.نەتىجىدە كومپيۇتېرنىڭ قېتىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4.ئۈسكۈنە بىلەن cpu نىڭ چاستوتىسى ماسلاشماي قالسا، )مەسىلەن:ئاساسى تاختا ( سىستېمىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولماي قېلىپ، كومپيۇتېرنىڭ تولا قېتىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. يۇمشاق دېتاللارنىڭ ماسلاشماسلىقى ، يەنى يۇمشاق دېتالنى تولۇق قاچىلىيالماسلىق ۋە ياكى يۇمشاق دېتالنى نورمال قوزغىتالماسلىقمۇ كومپيۇتېرنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. ئىچكى ساقلىغۇچ بوشاپ قىلىش، ئوكسىدلىنىپ قېلىش، ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى يېتىشمەسلىك ۋە ئىچكى ساقلىغۇچتا ئەسلىدىلا سۈپەت مەسىلىسى بولۇش قاتارلىقلارمۇ كومپيۇتېرنىڭ قېتىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. قاتتىق دىسكا كونىراش ياكى ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرا بولماسلىق سەۋەبلىك قاتتىق دىسكىدا بۇزۇق سېكتور، بۇزۇق يول پەيدا بولۇش سەۋەپلىكمۇ كومپيۇتېر ئاسانلا قېتىپ قالىدۇ.
8.بېزىلەر كومپيۇتېر cpu نىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كومپيۇتېرنىڭ تېزلىكىنى ئاشۇرماقچى بولىدۇ.ئەمماcpu نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇش سۈرئىتى ئەسلىدىنلا قاتتىق دىسكىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئۇچۇرلارنى ئوقۇشىغاقارىغاندا تىز بولۇپ، cpu نىڭچاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولسا، بۇ خىل زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، ئىچكى ساقلىغۇچ ياكى مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچتىن كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرنى تاپالماسلىقتەك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.نەتىجىدە سىستېمىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كومپيۇتېر قېتىپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا پەقەتلا cpu نى ئەسلىدىكى نورمال چاستوتىسىغا قايتۇرساقلا ئوڭشىلىدۇ.
9. ئاۋاز كارتىسى، كۆرسىتىش كارتىسىنى تەڭشەش توغرا بولماسلىق ياكى باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئۈزۈۋېتىش،DMA ياكى باشقا ئېغىزلارنىڭ ئۆز-ئارا توقۇنۇشۇپ قېلىشى سەۋەبلىكمۇ كومپيۇتېر قېتىپ قالىدۇ.
10. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش كومپيۇتېرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، كومپيۇتېرنىڭ تولا قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن كومپيۇتېرغا ۋىرۇسخور پروگرامما قاچىلاپ، ۋىرۇس ئامبىرىنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك.
11.بىيوسنى تەڭشەشتە خاتالىق كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: قاتتىق دىسكا پارامېتىرلىرى، ھالەتلىرى، ئىچكى ساقلىغۇچ پارامېتىرلىرى مۇۋاپىق تەڭشەلمەسلىك سەۋەبىدىنمۇ كومپيۇتېر قېتىپ قالىدۇ.
12. سىستېما ھۆججەتلىرىنىڭ خاتا ھالدا ئۆچۈرۈپ تاشلىنىشى، سۈكۈت ھالەتكە كەلتۈرۈش پروگراممىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى قاتارلىقلارمۇ كومپيۇتېرنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇنىڭ باشقا چۈشۈپ قالغان سەۋەبلەر تورداشلارنىڭ تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن كومپيۇتېرنى ھەر قوزغاتقاندا ئاۋازنى تونۇماي جاپاسىلۋاتىدۇ.كاناينى باسسام بىر سىتون ئېچىلىپ غىلدىرلاپ مىڭىپ كىتىدۇ5-10مىنۇت. ياتونۇيدۇ يا تونۇمايدۇ يەنە قايتا قوزغىتىمەن.سىستېماwin7ئىدى.باشقا سىستېما قاچىلاي دىسەم قايتىدىن تۈزەش يەنە ئاۋارىچىلىق.مۇشۇ ئاۋاز تونۇماسلىق نېمىنىڭ مەسىلىسى؟ veros يوللىغان ۋاقتى2013-9-15 16:56 static/image/common/back.gif
مەن كومپيۇتېرنى ھەر قوزغاتقاندا ئاۋازنى تونۇماي جاپاس ...
بۇرۇنمۇ شۇنداق مىتىنى ياسىستېما قاچىلاپ بوپ قالدىمۇ مىنىڭ كومپىيۇتۇرۇممۇ بۇرۇنقى ۋاقتىدەك شاش ئەمەس. سېستىما قاچىلاپ يېڭى ھالەتكە ئەكەلسەممۇ شۇنداق بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن كومپىيوتۇرغا قاچىلاقلىق كىنونى قويساممۇ بىردەم شۇ قويغۇچ بىردەم ئاپپاق ھالەتتە تۇرۋېلىپ ئاندىن قۇيۇلۇدۇ. QQ pilater.قۇيىمەن بولمىسا. تورغا كىرسەم بەزىدە بەك تېزلا كىرىدۇ . يەنە بەزىدە تور بەتمۇ ئاپپاق جىممىدە تۇرۋېلىپ 10 سىكوتلاردا ئەسلىگە كىلىدۇ.بولمىسا سەپلىمىسى خېلىلا يۇقىرى خاتىرە كومپىيوتۇر ئىشلەتكىلى بىر يېرىم يىل بولدى. يېڭى ئالغان ۋاقىتتا بۇنداق ئىشلار پەقەت يوقتى. شۇنداق شاش ھالەتتە ئىشلەيتى. بۇرۇنقى ھالەتتىكىدەك شاش قلىغىلى بولامۇ؟ veros يوللىغان ۋاقتى2013-9-15 16:56
مەن كومپيۇتېرنى ھەر قوزغاتقاندا ئاۋازنى تونۇماي جاپاس ...
سىلە قوزغاتغۇچ بىلەن سىناپ باقساڭلا بولغۇدەك. يەنە ئوڭشالمىسا سېستىما قاچىلىۋەتساڭلا ئوڭشالغۇدەققۇ. 872472310 يوللىغان ۋاقتى2013-9-15 17:06 static/image/common/back.gif
بۇرۇنمۇ شۇنداق مىتىنى ياسىستېما قاچىلاپ بوپ قالدىمۇ ...
بۇرۇن ئۇنداق ئەمەستى.ھەپتە 10كۈن بوپ قالدى مۇشۇندا خاپا قىلغىلق. SiRLiK~生命 يوللىغان ۋاقتى2013-9-15 17:24 static/image/common/back.gif
مىنىڭ كومپىيۇتۇرۇممۇ بۇرۇنقى ۋاقتىدەك شاش ئەمەس. سېس ...
بولىدۇ سىز كومپىيۇتىر نىڭ قاتتىق دىسكىسنى il فورمات قىلىپ كۆرۇڭ پايدىسى با بىلمىگەن بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ 872472310 veros يوللىغان ۋاقتى2013-9-15 17:29 static/image/common/back.gif
بۇرۇن ئۇنداق ئەمەستى.ھەپتە 10كۈن بوپ قالدى مۇشۇندا خاپ ...
ھە ئۇنداقتاBIOSنى تەڭشەپكۆرۇڭ 872472310 يوللىغان ۋاقتى2013-09-15 17:32:29 static/image/common/back.gif
بولىدۇ سىز كومپىيۇتىر نىڭ قاتتىق دىسكىسنى il فورمات ق
قاتتىق دېسكىنى جىق فورماتلاش زىيانلىقمۇ؟ چۈنكى كومپىيوتېرىمنىڭ قاتتىق دېسكىسىدا دائىم يۇشۇرۇن ھۈجەتلەر كۆپىيىپ 10Gدىن 15Gغىچە بوشلىقنى ئىگەللەپكىتىپ باردۇ،شۇڭا دائىم فورماتلاپ قويىمەن…ياكى باشقىچە ئۇسۇلى بامۇ؟ 872472310 يوللىغان ۋاقتى2013-9-15 17:37 static/image/common/back.gif
ھە ئۇنداقتاBIOSنى تەڭشەپكۆرۇڭ
مەن 2000بىلەن 3000 نىڭ ئارلىقىدا 台式 كومپىيوتۇر ئالاي دىگەن قوراشتۇرغۇزسام ياخشىمۇ ياكى ماركىلىقنى ئالسام ياخشىمۇ ماركىلىقنى ئالسام قايسى ياخشى hudhaifi يوللىغان ۋاقتى2013-9-15 17:59
مەن 2000بىلەن 3000 نىڭ ئارلىقىدا 台式 كومپىيوتۇر ئالاي دىگ ...
موشۇ مۇنبەردىكى مەردانجاننى ئىزدەڭ.كومپىيوتورنى قانداق تاللايمىز
دېگەن تېمىسىنىمۇ ئۇقۇپ بېقىڭ. ئىلىگ بەگ يوللىغان ۋاقتى2013-9-15 18:25 static/image/common/back.gif
موشۇ مۇنبەردىكى مەردانجاننى ئىزدەڭ.كومپىيوتورنى قان ...
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن
AMI BIOS نىڭ ئۆزىنى تەكشۈرگەن ئاۋازىدىن قاتتىق دېتال كاشىلىسىنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 872472310 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-9-15 18:45ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋاز قىتىم سانى ---------- خاتالىق مەنىسى
قىسقا بىر قىتىم ----------------------- ئىچكى ساقلىغۇچنى يىڭىلاش مەغلۇب بولدى، ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇڭ!
قىسقا ئىككى قىتىم ------------------ ئىچكى ساقلىغۇچتا مەسىلە كۆرۈلدى، ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇڭ!
قىسقا ئۈچ قىتىم --------------------- ئىچكى ساقلىغۇچ ئۈزۈكىدە چاتاق بار، ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇڭ!
قىسقا تۆت قىتىم --------------------- ئاساسىي تاختىدىكى TIMER خىزمەت قىلمىغان!
قىسقا بەش قىتىم -------------------- CPU (مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ) تا خاتالىق يۈز بەردى!
قىسقا ئالتە قىتىم -------------------- A20 ئىشىكنىڭ خاتالىقى، كۇنۇپكا تاختىسىدا A20 نىڭ خاتالىقى بار!
قىسقا يەتتە قىتىم ------------------- CPU نىڭ قوغداش ھالىتىگە ئۆتەلمەسلىكنىڭ خاتالىقى!
قىسقا سەككىز قىتىم ----------------- كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ساقلىغۇچىسى نورمال ئەمەس!
قىسقا توققۇز قىتىم ------------------- ROM تەكشۈرۈش مەغلۇب بولدى!
قىسقا ئون قىتىم --------------------- CMOS نىڭ SHUTDOWN ۋاقىتلىق ساقلىغۇچىسىدىكى خاتالىق!
قىسقا ئون بىر قىتىم ----------------- CACHE خاتالىقى!
بىر ئۇزۇن ئۈچ قىسقا ---------------- ئىچكى ساقلىغۇچتا مەسىلە كۆرۈلدى، ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇڭ!
بىر ئۇزۇن سەككىز قىسقا ------------- كۆرسىتىشنى تەكشۈرۈش خاتالىقى، ئىكراننىڭ ئۇچۇر يوللاش يولىدىكى خاتالىق! مەن يىڭىدىن بىر كومپىيۇتىر سىتىۋالغانتىم ، لىكىن پەقەت ياخشى چىقمىدى ، ھەر 10 مىنۇتتا بىر قىتىۋىلىپ قايتا قوزغاتسام بىر خىل سۈرلۈك ئاۋاز چىقىدۇ ، سىلەرچە بۇ قەيەردىكى كاشىلا مەسلىھەت بەرسەڭلا كومپېيۇتېرنى قوزغاتسام تىت تىت تىت قىپ ئاۋاز چىقىپ f1 نى باسمىسام قوزغالمايدۇ،ئەسكەرتىشە cpuنىڭ شامالدۇرغۇچ ئىشلىمىدى دىگەن گەپكەن.شامالدۇرغۇچنى ئالماشتۇرساممۇ ئوخشاش،بۇ مەسلىنى ئوڭشىغىلى بۇلامدۇ،مەسلھەت بەرگەن بولساڭلا
بەت:
[1]
2