UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 19:33:15

ئاقچا ۋە جۇغلانما توغرىسىدا

بېكەت ئاقچىسى ۋە جۇغلانمىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلىرى تۆۋەندىكىدەك.

   بىكەتكە ئەزا بولۇپ كىرگەندە 3 جۇغلانما تارتۇق قىلنىدۇ.
   ھەر كۈنى ئەزالىق نامىڭىز بىلەن بىر قېتىم كىرسىڭىز 1 جۇغلانما بىرىلىدۇ.
   تېما يوللىسىڭىز يوللىغان تېمنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن 3-20 گىچە جۇغلانما بىرىلىدۇ.
   يوللىغان تېمىڭىز جەۋھەرلەنسە 100 دىن 300 گىچە جۇغلانما بىرىلىدۇ.
   ئالىپ تورىدا بىر سائەت تۇرسىڭىز 1 جۇغلانما بىرىلىدۇ.
   باشقىلارنىڭ تېمىسىغا ئىنكاس يازسىڭىز، ئىنكاسىڭىزنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن جۇغلانما بىرلىدۇ.
   ئادەتتىكى ھەرقانداق ئىنكاسكا جۇغلانما بېرىلمەيدۇ.

    ئومۇمىي جۇغلانما بېكەتتىكى دەرىجىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، يۇقارقى ئۇسۇللار بىلەن ئېرىشكەن جۇغلانما ئارقىلىق بېكەت ئىچىدە تېما سودىسى قىلىشقا بولىدۇ. جۇغلانمىڭىز مەلۇم چەككە يەتكەندە، جۇغلانمىنى ئاقچىغا ئالماشتۇرپ، بېكەت ئىچىدە سودا قىلسىڭىز بولىدۇ.1000 جۇغلانما 1 ئاقچا بويىچە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئەگەر ئاقچىڭىز يېتىشمىگەندە ئاقچا تولۇقلىسىڭىز بولىدۇ. 1سومغا (يۈەن) بىر ئاقچا تولۇقلىنىدۇ. ئاقچا تولۇقلاش ئۈچۈن بىكەت باشلىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىسىز.

alipay_支付宝 ھىساباتىڭىز بولسا ئاپتۇماتىك ئاقچا سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئاپتۇماتىك ئاقچا سېتىۋېلىش ئۈچۈن بېكەتنىڭ ئۈستىدىكى "ئاپتۇماتىك ئاقچا سېتىۋېلىش" دېگەن خەتنى بېسىڭ، تەپسىلى ئۇسۇلى ماۋۇ ئادېرستا بار./forum.php?mod=viewthread&tid=22200

بېكەت باشلىقى Alip نىڭ alipay_支付宝 نۇمۇرى:afrasyap@gmail.com
بېكەت باشلىقى Alip نىڭ tenpay_财付通 نۇمۇرى: 632997108
بېكەت باشلىقى Alip نىڭ QQۋە ئۈندىدار(ۋېيشىن) نومۇرى: 632997108
مۇشۇ alipay_支付宝 غا پۇل تۆلەپ ئاقچا تولۇقلىسىڭىز بولىدۇ.ئاقچا تولۇقلاپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئادرېستىن ئاقچىڭىزنى كۆرۈڭ. alipay غا پۇل سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ۋاقتىدا كىيۇكىيۇ ياكى مۇنبەرنىڭ قىسقا ئۇچۇر ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ بېكەت باشلىقى Alipقا ئالپ توردىكى ئىسمىڭىز ۋە alipay دىكى نامىڭىزنى يوللاپ قويۇڭ.
alipay_支付宝 ياكى tenpay_财付通 بولمىسا يوقارقى كىيۇكىيۇ نومۇرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاقچا ئالاتتىم دېسىڭىز بانكا كارتا نومۇرنى دەپ بېرىدۇ، شۇ بانكا كارتىسىغا پۇل سېلىش ئارقىلىقمۇ ئاقچا سېتىۋالغىلى بولىدۇ. قوللايدىغان بانكىلار: سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، ئامانەت-قەرز كوپراتىپى.

سىز بېكەت ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق جۇغلانمىنى ئاشۇرالايسىز.
   
   بېكەتكە كۆپرەك تېما يوللاڭ. تېما يوللىغاندا تېما مەزمۇنى، ئىملا قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. ئەگەر تېمىڭىزنىڭ مەزمۇنى قانچە ياخشى، ئىملاسى قانچە توغرا بولسا شۇنچە كۆپ جۇغلانمىغا ئېرىشىسىز. ئەگەر تېمىڭىزنىڭ قىممىتى يۇقىرى بولسا جەۋھەرلىنىپ 100-300 ئارلىقىدا جۇغلانما بىرىلىدۇ.
   يۇمشاق دېتاللارنى ۋە يانفۇن دېتاللىرىنى تەرجىمە قىلىپ، ئالپ تورىدا تارقىتىڭ، ياكى تەرجىمە خىزمىتىگە ياردەمدە بولۇڭ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىنىڭ ئەجرىڭىزگە قاراپ 10-1000 ئارلىقىدە جۇغلانما بىرىلىدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ دېتالىنى ھەقلىق تارقىتىشنى ئويلىغان بولسىڭىز ئالپ تورىدا باھا قويۇپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ. باشقىلار بۇ دېتالنى سېتىۋالسا، بۇ ئاقچىلار سىزنىڭ ھېىسابىڭىزغا كىرىدۇ.
ھەقلىق تېما يوللاش ئۇسۇلى
ئالپ تورىدا يىغقان ئاقچىڭىزنى پۇلغا ئايلاندۇرماقچى بولسىڭز، ئاقچىڭىز 500 گە يەتكەندە بېكەت باشلىقى Alip بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاقچامنى پۇلغا ئايلاندۇراتتىم دېسىڭىز ئاقچىڭىزنى خەلق پۇلىغا ئايلاندۇرۇپ، سىز تەمىنلەپ بەرگەن بانكا كارتىسى، ئالىپاي ھىساباتى ياكى يانفونغا ئۇرۇپ بېرىمىز.
    ئىنكاس يازغاندا ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولۇڭ، ئىنكاسىڭىزنىڭ ئىملاسى توغرا، قىممىتى يۇقىرى بولسا، باشقۇرغۇچىلار ئەھۋالغا قاراپ جۇغلانما قوشۇپ بىرىدۇ. مۇنداقلا يىزىپ قويغان ئىنكاسلارغا ھېچقانداق جۇغلانما بېرىلمەيدۇ. ئەگەر مەزمۇنى ناچار، ئىملا خاتالىقى ناھايىتى كۆپ تېما-ئىنكاسلارغا جۇغلانما تارتىلىدۇ.
    ئالپ تورىغا ھەر كۈنى چىقىپ تۇرۇڭ، سىزنىڭ ياخشى تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا، تەلەپلىرىڭىز بولسا ئېيتىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سىزگە جۇغلانما قوشۇپ بىرىلىدۇ.

ataman005 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 04:32:08

ئىككى ئاي جاپا تارتىپ بىر دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ   /thread-1157-1-1.html    مۇنبەرگە يوللىسام، ئاران ئىككى ئىنكاس ( ئۇمۇ تېخى رەخمەت، جاپا چىكىپسىز دىگەندەك ئىنكاسلار ) چۈشۈپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن تېما يوللاشتىن سەل رايىم يېنىپ بوشاپ قالغانتىم، ما تېمىنى ئوقۇپ يەنە ئازراق جان كىرىۋاتىدۇ.

yarghol يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 12:39:44

ۋاھ ، بۇ قارار ماڭا بەكلا ئېغىر تەگدى جۇمۇ :D، تېخى نەچچە كۈن بۇرۇنلا جۇغلانمام 2000 غا يېتەي دەپ قالغانىدى . بۈگۈن قارىسام 300 نەچچە تۇرىدۇ ، بىر كېچىدىلا ئوغرى كىرىپ قۇرۇغداپلا قويۇپتىمۇ -نىمە؟! :lol
بۇ ئىشمۇ بولغىدەك ، ھېچ بولمىغاندا ، ئەزالارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى بولسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، تېما مەزمونىنىڭ سەرخىللىقى ، ۋە مۇنبەر سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن . قوللايمىز :victory: بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yarghol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2011-10-15 12:40

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 19:43:55

نۆۋەتتىكى تەڭشەش بويىچە ئاقچا بىۋاستە يانچۇقتىكى پۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بۇرۇنقى مۇنبەر پۇلى كۆپلەرنىڭ ئاقچىسىمۇ تەڭشەلدى. شۇڭا ئاقچىسىدا ئۆزگىرىش بولغانلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ كومپىيۇتېر، يانفون ھەققىدىكى يوللىغان نادىر تېمىڭىز ئاز بولسىمۇ پۇلغا ئايلىنالايدۇ. شۇڭا ھەقلىق تېمىلارنى سېتىۋېلىشقا نىسبەتەن تەنە گەپ-سۆزلەر قارشى ئېلىنمايدۇ.

ئابدۇخالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 21:08:01

ئۇنداقتا مەن ئاقچىنى كۆپەيتىپ تۇرۇپ ياخشى تېلفۇن ئالغاندا بىر بىرلەپ ئالامە دىتاللانى

yolqi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 21:15:04

جۇغلانما ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز:lol

Koresh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 21:26:59

ھىساۋاتتىكى ئاقچىنى باشقىلارغا ساتساقمۇ بولىدىكەن ئەمىسە ھە؟:)

نۇر0997 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 11:40:58

ياخشىغۇ ، تېما دىگەننى تۆكىۋەتمىسەم تازا

UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 18:33:32

سىلەرنىڭ بىزنى قوللىغىنىڭلارغىمۇ كۆپ رەھمەت. ھەممە ئىش ئۆملۈك بىلەن بولىدۇ.

tilsim0999 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 19:26:49

ياخشى ئىشكەن قوللايمەن . ئەمسەياخشى تىمىلار بولسايىزىپ تورامىز

Nurdan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 21:34:32

مىنىڭمۇ جۇغلانمام كىمىيىپ كىتىپتۇ ؟ مەيلى ئەمدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nurdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2011-10-15 21:34

adl2052103 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 22:35:21

Chrome يوللىغان ۋاقتى2011-10-15 18:33 static/image/common/back.gif
سىلەرنىڭ بىزنى قوللىغىنىڭلارغىمۇ كۆپ رەھمەت. ھەممە ئى ...

دۇرۇس
سىزدەك بىلىملىكلەنى قوللىمايبىلىمنى ئۆەنمەي ھالىمىز خاراپلاشقان خەلىق بىز
ئاللاھ خالىسا مەن بىلىمگە شۇنداق ھېرىس ....
بىزلەنىڭ قوللىشىمىز ئارقىسىدابىزدەك قار قوساقلانى يېتەكلەپ قويساڭلا ئەرزىيدۇ:lol

UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 12:39:16

ataman005 يوللىغان ۋاقتى2011-10-16 04:32 static/image/common/back.gif
شۇنىڭ بىلەن تېما يوللاشتىن سەل رايىم يېنىپ بوشاپ قالغانتىم...   htt ...

سىز، بىزلەر بوشىشىپ قالساق باشقىلار قانداق ھالغا قالار؟ شۇنىڭ ئۈچۈنبىزلەر بوشىشىپ قالساق بولمايدۇ، ئەكىسچە بوشىشىپ قالغانلارنى نوقۇپ ئويغۇتىمىز. گىپىمنى چۈشەندىڭىز ھەقاچان.

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 12:56:55

ataman005 يوللىغان ۋاقتى2011-10-16 04:32 static/image/common/back.gif
ئىككى ئاي جاپا تارتىپ بىر دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ   htt ...

;P سىزگىغۇ ئاز بولسىمۇ رەھمەت، ھەشقاللا دەپتۇ. مەن MSN Messenger نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا سېسىق گەپ قىلىپ تىللىغانلارمۇ بولغان. شۇنداقتىمۇ بوشىشىپ قالمىدىم.
غەيرەت قىلىڭ، قانداقلا ئىش قىلايلى ئاستا بولسىمۇ توختاپ قالماي، مىدىراپ بەرسەك ھامان بىر كۈنى نەتىجىسى چىقىدۇ.

ataman005 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 18:45:00

يۇقىرىدىكى ئىككى ئىنكاسنى ئوقۇپ خېلى خوش بولۇپ قالدىم.
ئالپ ئەپەندى، مۇمكىن بولسا مىنىڭ ataman دىگەن ئىسمىمنى ئاتامانغا ئۆگەرتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن. ( ساننى ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ). 
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: ئاقچا ۋە جۇغلانما توغرىسىدا