alip يوللانغان ۋاقتى 2011-9-9 17:02:37

无法格式化 دەپ بۇزۇلغان U دېسكىنى ئوڭشاش

بارماق دېسكنى بەزىدە ئاچساق فورماتلاڭ (格式化) دەپ چىقىۋېلىپ ئېچىلمايدۇ. فورماتلىساق 无法格式化 دەپ خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ فورماتلانمايدۇ. كومپىيۇتېرغا چاتساق تونۇيدۇ، لېكىن سىغىمى 0
بۇنداق ئەھۋال 4G لىق بارماق دېسكىدا كۆپرەك ئۇچىرايدىكەن. مەن شۇنداق ئەھۋالغا ئۇچىراپ ئىزدىنىپ يۈرۈپ بۇنداق بارماق دېسكىنى ئوڭشاش ئۇسۇلىنى تاپتىم. توردا نۇرغۇن ئۇسۇللار باركەن، ھەممىسنى سىناپ يۈرۈپ، ئاخىرى مۇشۇ ئۇسۇل كارغا كەلدى.
ئاۋال chipgenius دىگەن بارماق دېسكا تىپىنى تەكشۈردىغان دېتالىنى چۈشۈرۈپ بارماق دېسكىنىڭ تىپىنى ئېنىقلاڭ.


تىپىنى ئېنىقلىۋالغاندىن كېيىن شۇ تىپقا ئاساسەن 量产工具 نى تېپىپ چۈشۈرۈڭ. مېنىڭ بۇزۇلغان بارماق دىسكام 安国 Alcor تىپلىق ئىكەنتۇق، شۇڭا 安国群胜Alcoru 量产工具 دىگەن دېتالنى چۈشۈردۈم.
量产工具 نى قوزغىتىپ، بارماق دېسكىنى كومپىيۇتېرغا چېتىپ، 自动量产 دېگەننى تاللاپ، 开始 نى باسسىڭىز، بارماق دېسكىنى ئوڭشاشقا باشلايدۇ. بۇنىڭغا ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدۇ. تاماملاندى دېگەن خەت چىققاندا بارماق دېسكا ئوڭشالغان بولىدۇ.


http://www.liangchan.net/soft/UploadPic/2010-8/201081519195052673.gif

بەگتاش يوللانغان ۋاقتى 2011-9-10 23:26:54

مۇشۇنداق دىتالدىن بىرنى تاپالماي يۈرەتتىم. رەھمەت ئەپەندىم.

ئەسلىمە يوللانغان ۋاقتى 2011-9-17 15:41:56

رەھمەتسىزگە . مەنمۇ تاپالماي يۇرەتتىم :)

梦想 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 06:34:09

muhupuulla يوللانغان ۋاقتى 2013-10-11 09:42:06

قانداقچۇشۇرىدۇ

رەڭۋاز يوللانغان ۋاقتى 2013-10-11 10:19:34

نەدىن چۇشۇرمىز

sawloy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 13:49:09

ھۆججەت قۇشۇمچىسى چۈشمەيدىكىن ،خاپا بولماي تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭىز باشكۇرغۇچى،بۇنى توربەتلەردىنغۇ تاپقىنى بولىدۇ،بىراق تېمىڭىز يېرىمياتا بۇلۇپ قالمىسۇن دىدىم،كۆرسەتمە بەرگىنىمنى ئەپۇ قىلغايسىز.:L

iltabir1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 21:17:01

رەھمەت سىزگە
بەت: [1]
: 无法格式化 دەپ بۇزۇلغان U دېسكىنى ئوڭشاش