ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى PHP پروگراممېر قوبۇل قىلدۇ
ئۈرۈمچى ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى جەمىئيەتتكى بىر تۇركۇم ياشلاردىن PHP پروگراممېر قوبۇل قىلماقچى .شىركەتتونۇشتۇرۇلىشى:
ئۈرۈمچى ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى Google Android، Apple IOS، Windows Phone قاتارلىق يانفون مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى ئاساس قىلغان ھەرخىل تۈردىكى يانفون ۋە ئالىقانكومپىيۇتېرلارغا كۆپ خىل تىلدا يۇمشاق دېتال ئېچىش، PC ئۈستەل يۈزى كۆپ خىل تىلدىكى يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىلىرىنى ئېچىش، تور بېكەت ياساش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆزىگەمۇجەسسەملىگەن، كارخانىلار ئۈچۈن ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش پىلانى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانيۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق كومپيۇتېر كارخانىسى. ئاساسلىقى شىنجاڭدىكى مائارىپ، ئالاقە، خەلق ئىشلىرى، ئاخبارات ۋە كارخانا ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئاپتۇماتلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئېچىش ۋە تەمىنلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپى ئۇرۇن.
ئۈرۈمچى ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ يۇمشاق دېتال بازىسى بولغان بەيخۇاسۈن خەلقئارا ئۇچۇر سارىيىنىڭ 2602- نومۇرلۇق ئىشخانىسىدا بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى يۇمشاق دېتال ئېچىششىركەتلىرى بۇ يەرگە جايلاشقان، ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى مۇشۇ ئورۇندىكى بىردىنبىر كۆپ خىل تىلدا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋە كارخانا باشقۇرۇش سىستېمىسى ئاچىدىغان مىللىي شىركەت.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئۈرۈمچى ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتىگە بەرگەن"تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقىرى، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، مۇلازىمىتى ياخشى" دېگەن باھاسىئۈرۈمچى ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئېلھام ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.
ئۈرۈمچى ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساھەلەر بىلەن ئورتاق ھەمكارلىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ ئۇچۇرلاشقان گۈزەل كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىشىنى چىنقەلبىدىن ئۈمىد قىلىدۇ.
قوبۇل قىلىدىغان شەرىت:
1. مۇستەقىل كوديازالايدىغان بولۇشى كېرەك.
2. ساندان ئۇقۇمى ئېنىق ، مۇستەقىل ساندان مۇلاھىزىسى قىلالايدىغان ھەم سانداننى ئەلالاشتۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك. (数据库设计,维护和开发能力强)
3.JS ,CSS لارغا پىشىشق بولۇشى ، ھەر خىل UI لارنى مۇستەقىل ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك . (各种Web的UI开发框架,比如:Sencha,Yahoo UI . . . )
4. ھەرخىل php قۇرۇلمىسىنىڭ (PHP开发框架) خالىغان بىرسىنى مۇستەقىل ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. (WindFramework، ThinkPHP، PHPDevShell، Laravel، CakePHP، Yii. . . . . )
5. ھەمكارلىشىپ تۇر ئېچىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك(تەجىربىسى بارلارنى ئالدىن ئويلىشىمىز). (团队开发能力强)
6. يېشى 24 ياشتىن چوڭ بولۇشى ھەم ئاز دېگەندە ئىككى يىل خىزمەت تەجىربىسى بار بولۇشى كېرەك. (24 نى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ)
7. خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى ياخشى ، ماتىياللارنى ئوقۇپ چۇشىنەلەيدىغان بولۇشى ، مەسىلىلەرنى تېز سۈرەتتە بايقىيالايدىغان ھەم ھەل قىلىش ئۇسۇلنى تېپىپ چىقالايدىغان بولۇشى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىكۈچلۈك بولۇشى كېرەك.
8. بېرىلگەن ۋەزىپىنى ۋاقتىدا پۈتتۈرەلەيدىغان بولۇشى ، راستچىل ، كەسىپىنى سۆيدىغان ھەم قەدىرلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
9. ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك (توختام ۋاقتى 3 يىلنى بىرلىك قىلىدۇ).
خىزمەت ۋاقتى ھەپتىدە 5 كۈن، كۈندە 8سائەت بولىدۇ. توختام تۈزگەندىن كىيىن بەش خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرىلىدۇ. مائاشى 4000-8000 يۈەنگىچە؛ بايراملىق، پەسىللىك، يىللىق مۇكاپاتلاردىن بەھرىمەن بۇلىسىز.
ئالاقلىشىش تېلېفونى :0991-2828206
ئادېرىس:ئۈرۈمچىبەيخۇاسۈن خەلقئارا ئۇچۇر سارىيىنىڭ 2602- نومۇرلۇق ئىشخانا
مەن كۆرۈپلا خۇشال بولۇپ كېتىپتىمەن تېخى،يېشىنى21گە چۈشۈرسىچۇ كاشكى.قوبۇل قىلىدىغان شەرىتلىرىمۇ بەك يۇقۇرىكەن. :P:Pتېما ئېگسىگە رەھمەت android ios پىىراگراممىر قۇبۇل قىلمامسىلە؟php نىغۇ بىلىمەنلىكىن سانداننى ئەلالاشتۇرالمايمەندە چاتاق يېرى .
ھەراسمۇشۇ تىمىڭىزنى نۇرقۇتقا بىر تاشلاڭە php ئاتامانلېرى ساماندەك. ئۆيدە تۇرۇپ ئىشلەپ بىرىشكە بولغان بولسا ئىدى يىشىمنىڭ تۆۋەن كەپقالغانلىقىنى ھىسابقا ئالمىغاندا بارلىق شەرتلەرگە چۈشۈپ ئىشىپ كىتىدىكەنمەن! tormahiri يوللىغان ۋاقتى2013-9-21 11:30 static/image/common/back.gif
ئۆيدە تۇرۇپ ئىشلەپ بىرىشكە بولغان بولسا ئىدى يىشىمنىڭ...
كەچۈرۈڭ.بىز شىركەتتە ئاساسىي جەھەتتىن گۇرپپا (团队开发) پىروگراممىنى ئاساس قىلىمىز،ئۇنىڭ ئۇستىگە يازغان كودنىڭ ھەممىسى شىركەتنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى مۇلازىمىتىردا ساقلىندۇ،سىرتقا ئاساسىي جەھەتتىن ئېلىپ چىقىشقا يول قويۇلمايدۇ.
سىز ئەگەر ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولسا شىركەتكە كېلىپ سىناپ بېقىڭ... Sabirjan يوللىغان ۋاقتى2013-9-21 12:17 static/image/common/back.gif
كەچۈرۈڭ.بىز شىركەتتە ئاساسىي جەھەتتىن گۇرپپا (团队开发) پ ...
ئۆرۈمچىگە بىرىپ قالسام ئويلىشىپ باقامەن
بەت:
[1]