renat يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 14:03:22

WordPress تە تور بېكەتنى ئاسراش ۋە قوغداش ئېلىپ بارغاندا...

تور بېكەت قۇرغانكەنمىز پات-پات تور بېكەتكە نىسبەتەن ئاسراش ۋە قوغداش ئېلىپ بېرىش مۇقەررەر ئەھۋال. گاھىدا بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلىشىشى مۇمكىن، گاھىدا نەچچە كۈندىمۇ پۈتمەسلىكى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋاقىتتا تور بېكىتىمىزنىڭ زىيارەتچىلىرىگە [ تور بېكىتىمىز ۋاقتىنچە قوغدىلىۋاتىدۇ ، سەل تۇرۇپ زىيارەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز... ] دېگەندەك ئەسكەرتىشلەرنى بېرىپ قويۇش ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش.

ئەمدى بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلىغا كەلسەك، بەزى تورداشلىرىمىز بىر index.html بەتتىن بىرنى يېزىپ چىقرىىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمدى بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان ئۇسۇلىمىز تېخىمۇ ئاددىي ھەم ئۈنۈمى يۇقىرى. بۇ يەردىكى ئۈنۈم ئىزدەش ماتورلىرىغا قارىتا ئېيتىلغان. ئۇنداق بولسا كونكرېت ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

بۇ ئۈنۈمگە ئېرىشىش بىرقەدەر ئاسان، يەنى تۆۋەندىكى كودنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ ئۇسلۇب ھۆججىتى ئىچىدىكى functions.php نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى function wp_maintenance_mode(){
    if(!current_user_can('edit_themes') || !is_user_logged_in()){
      wp_die('تور بېكىتىمىز ۋاقتىنچە قوغدىلىۋاتىدۇ ، سەل تۇرۇپ زىيارەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز...', array('response' => '503'));
    }
}
add_action('get_header', 'wp_maintenance_mode');
بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئەڭ ئەۋزەل يېرى شۇكى، باشقۇرغۇچى تور بېكەتنى نورمال زىيارەت قىلالايدۇ، ئەمما باشقۇرغۇچىدىن باشقىلار زىيارەت قىلغاندا بىز ئۈستىدە ئېيتىپ ئۆتكەن ئەسكەرتىش سۆزى كۆرۈنىدۇ ھەمدە 503 ھالىتىنى قايتۇرىدۇ. بۇ ھالەت ئىزدەش ماتورلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىرقەدەر دوستانە بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا تور بېكەتنى قوغداش ۋە ئاسراش ئىشلىرى پۈتۈنلەي تاماملانغاندا پۈتۈن كودنى functions.php تىن ئېلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ تاكى بولمىسا كودتىكى تۆتىنچى قۇرغا يەنى wp_die دېگەن قۇرغا // بىلەن ئىزاھات بېرىۋەتسەكمۇ بولىدۇ. بۇ چاغدا تور بېكەتنى ھەرقانداق كىشى نورمال زىيارەت قىلالايدۇ.

يازما مەنبەسى : ئۇيغۇر ھەقسىز مەنبەلەر تورى
بەت: [1]
: WordPress تە تور بېكەتنى ئاسراش ۋە قوغداش ئېلىپ بارغاندا...