renat يوللانغان ۋاقتى 2013-5-22 01:44:16

WordPress يازما مەزمۇنىنىڭ ئاپتوماتىك قۇر ئالماشماسلىق مەسىلىسىنى ھەل ...

WordPress ئوينايدىغان تورداشلىرىمىز يازما مەزمۇنىنىڭ ئاپتوماتىك قۇر ئالماشماسلىق مەسىلىسىگە يولۇقۇپ باققان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان شەكلى بولسا بىر قاتار ئۇزۇن ئىنگلىزچە ھەرپلەر، يەنى ئۇزۇن ئۇلانما ئادرېسلار، چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى قاتارلىقلار... ئۇنداق بولسا بۇ مەسىلىگە يولۇققاندا قانداق ھەل قىلىمىز؟

مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

ئادەتتە يازما مەزمۇنى بار id ياكى class قا تۆۋەندىكىدەك css كودى يازساقلا كۇپايە.
#content .post{width:640px;white-space:normal;word-break:break-all;word-wrap:break-word;overflow:hidden;}
ئەسكەرتىش : يۇقىرىدىكى كودتا يېزىلغان content .post# نى ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.

css خاسلىقى ھەققىدە چۈشەنچە

يۇقىرىدىكى كودتا يېزىلغان 4 دانە css خاسلىقىنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكى تور بېكەتلەردىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.
white-space : http://www.w3school.com.cn/css/pr_text_white-space.asp

word-break : http://doc.51windows.net/css2/?url=/css2/css2/c_wordbreak.html

word-wrap : http://doc.51windows.net/css2/?url=/css2/css2/c_wordbreak.html

overflow : http://www.w3school.com.cn/css/pr_pos_overflow.asp

يازما مەنبەسى : ئۇيغۇر ھەقسىز مەنبەلەر تورى

uqkun77 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-23 09:30:55

رەھمەت، ئىسىل يازمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي.
تور بىتىڭىزدىكى يارمىلاردىن پايدىلىنىپ بىر PHP+MySql+FTP بوشلۇق ئىلىپ تىزتىملىتىپ سىناپ باققان ئىدىمئازراق قىيىنچىلىققا ئۇچرىدىم ياردەم قىلالارسىزمۇ؟

renat يوللانغان ۋاقتى 2013-5-23 15:23:57

uqkun77 يوللىغان ۋاقتى2013-5-23 09:30 static/image/common/back.gif
رەھمەت، ئىسىل يازمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي.
تور بىتىڭىزدىك ...

بولىدۇ بولىدۇ، ياردەم قىلاي.

almas801 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 13:37:32

مىنىڭ بىلوگىمدا مۇشۇ خىل خاتالىق كۆرۈلدى،تەرجىمە ئۇسلۇپ ئىدى،يەرلىكتە سىناق قىلسام نورمال بوشلۇققا چىقارغاندىن كىيىن باشبەتدە دائىرىدىن ھالقىپ كۆرنىۋاتىدۇ،بىر ياردەم قىلغان بولىسڭىز،2كۈن بولدى ھەپىلەشكىلى
كۆرۈش مەنزىلىرhttp://esl7.com
بەت: [1]
: WordPress يازما مەزمۇنىنىڭ ئاپتوماتىك قۇر ئالماشماسلىق مەسىلىسىنى ھەل ...