بارلىق ئەزالار سەمىگە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك.1. يېقىندىن بېرى تاينى يوق ئىنكاس يازدىغانلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. خوشياقمىسا ئىنكاس يازمىساق، يازساق تۈزۈك گەپ يازساق.
بولۇپمۇ پىنيىنچە ئىنكاس يازمىغان بولساڭلار. شۇنداق ئىنكاس يازغانلار دەسلەپتە ئاگاھلاندۇرۇلۇپ ئىنكاسى ئۆچۈرۈلدۇ، داۋاملاشتۇرسا ئەزانى چەكلەش، ئارخىپىنى ئۆچۈرۈش قاتارلىق چارە كۆرۈلدۇ.
مەسىلەن: yahxi,dawamlik tirixingدېگەندەك پىنينچە ئىنكاس يېزىش چەكلىندۇ. ھازىر كومپىيۇتېردىن تارتىپ يانفونغىچە ئۇيغۇرچىنى %100 قوللاپ بولدى، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تامامەن مۇمكىن.
2. ئاقچا ھەققىدە ھەر قانداق گەپ-سۆز، مۇنازىرە قىلمىساڭلار. ئاقچا تۈزۈمىنى يولغا قويغىلى بىر يىلدىن ئاشتى. بۇ تۈزۈم خېلى كۆپ تورداشلارنى قوزغاتتى، ئېسىل ئۇيغۇرچە روم، ئەپلەر مەيدانغا كەلدى. 10 ئاقچىغا سۆزلەپ كېتىدىكەنسىلەر، خەتنەڭلىنى ئۆزۈڭلا قىلىۋالغاندەك. قىممەت كۆرسەڭلار غوتۇلدىغىچە شۇ ئەپ، رومنى سېتىۋالمىساڭلارلا بولمىدىمۇ.
ئەپ، روم تەرجىمە قىلىپ ئاقچا تاپقانلارنىڭ ئالدىغا 3000 سومدىن پۇلىنى نەقلەشتۈرۈپ بەردىم، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوقۇغۇچىلار. ئەقىلى ئەمگەك قىلىپ ئانچە-مۇنچە تېلفون، تۇرمۇش پۇلىنى تاپسا نەرى خاتا. سىز ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياجلىق، ئۆزىڭىز قىلالمايسىز، قىلغانلارنىڭكىنى سېتىۋېلىشنى خالىمايسىز. بۇ قانداق مەنتىقە.
خەنزۇچە تور بەتتە ھەقسىز ئۇ-بۇ دېگەن گەپنى قىلماڭ. ئۆزىڭىزنى خەنزۇلارغا سېلىشتۇرماڭ. خەنزۇچە دېگەن ھازىر چوڭ بىر ئىمپىرىيە. مىليارد نوپۇسلۇق ئادىمى بار. ئۇلارنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى خەنزۇچە قىلىپ بېرىدىغان ھۆكۈمىتى بار، مىليونلاپ پۇل بېرىدىغان تۈر مەبلىغى بار. گوگۇل تەرجىمانىدەك ھەقسىز تور تەرجىمانى بار. دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللارنىڭ تېكىستىنى بىرلا بۇيرۇق بىلەن خەنچىگە تەرجىمە قىلىۋەتكىلى بولىدۇ.
بىر قانچە تورداش بار، بۇ يەردە ھەقلىق تارقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە رومنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئېلىۋاتىدۇ. مەن ھەيران قېلىپ تېلفۇنچىلىق قىلامسىز ھەممىسىنى ئالىدىكەنسىز دېسەم، تېلېفونچىلىق قىلمايمەن، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ساقلاۋاتىمەن، ئاشۇنداق قوللاپ بەرسەم ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار كۆپىيىدىكەن دەيدۇ.
شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ھەقلىق تېما يوللىغانلارغا سېسىق گەپ قىلىپ كۆڭلىگە ئازار بەرمىسەڭلار. راس گەپزادى بۇ ئىنتايىن ياخشى گەپ بوپتۇ مەن چىن كۆڭلۈمدىن قوللايمەن ياخشى تەكلىپ پىكىر بوپتۇ ئالىپ ئەپەندى ، توغرا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوللىمىساق باشقىلانىڭ قوللىشى تەس .
شۇڭا ئىقتىدارىڭلار بولسا سىلەرمۇ ھەقلىق تىما يوللاپ پۇل تاپساڭلارمۇ بۇ توغرا يول ، قىممەت كۆرسەڭلەر كىيىنچە مودىدىن قالغاندا ئەرزانراق ياكى ھەقسىز تارقىتىدىغانلارمۇ چىقىپ قالا شۇنى كۈتەرسىلە بولمىسا،چاقچاق
ئاچچىق گەپ قىلغىنىم ئەمەس ، گەپنىڭ مېغىزى : ئۆزئارا قوللىشايلى ئاندىلا تەرەققى قىلغىلى بۇلىدۇ .
باشقىلارمۇ كۆز قارىشىڭلارنى دەپ بېقىڭلار . ئالىپ ئەپەندىم ھەقىقەتەن توغراگەپ قىلىپسىزمەن قوللايمەن ھەقىقتەن مۇنبەردە ھەقلىق ئەپتىن قوسورتاپىدىغانلار ئاۋوپ كەتتى ئاللالمىسىڭىز ئالمسىڭىزبولدو ئەپ تەرجىمەقىلشنى ئوقسىڭىزباشقلارغاسىسىق گەپ قىلغچە ئوزىڭىزتەرجمەقىلىپ ئىشلىتىڭ ,ئاناتىلمئاناتىلىم دەيمىز شوئاناتىلدىكى ئەپكە10سوم چىقىم قىلىشقا چىدىمايمىزھە قوللايمەن ، مەن ئەزەلدىن ئاقچىلىق تېما يوللىمايتتىم ، ئەمدى مەنمۇ تىرىشاي ئاقچا تاپاي… توغرامەن قوللايمەن!!!!! مەنمۇ ئالىپكامنىڭ دىگىننى قوللايمەن ـھەراس ئالىپكا مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئاغچا تولۇقلاش سىتىۋىلىش توغرىسىدا بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز، ھەقلىق تېمىلارغا قارايدىغان بولساق ئاغچام يىتىشمىدى - ئاغچىنى قانداق تولۇقلايمەن دىگەندەك ئنكاسلارنى كۆرىمىز مۇشۇنىڭغا بىر چۈشەنچەبەرسىڭىز ناھايتى ئۇرۇنلۇق گەپتىن بىرنى قىپسىز، ئەپ تەرجىمە قىلىشمۇ ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەستۇ، بەزى ئەپ تەجىمە قىلغان تورداشلارنىڭ يازمىسىدىنمۇ كۆردۇق، كېچىچە ئۇخلىماي تەرجىمە قىلدىم دىگىنىنى، ئەمدى بەزى تورداشلىرىمىز دەيدۇ ئاقچام يىتىشمەيدىكەن دەپ، بۇمۇ ئاسانكەن ئەگەر ئەپ سېتىۋېلىشقا ئاقچىمىز يىتىشمىسە، ئالىپ ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاقچا سېتىۋالساق بۇلىدىغۇ، 1 ئاقچا ئاران بىر كوي نىمە دىگەن ئەرزانچىلىق، ھازىر 1كويغا گازىرمۇ بەرمەيدۇ، ئەگەر بىر تەرجىمە ئەپ 10 ئاقچا بولسا، 10 كوي بىلەن ئۇيغۇرچە ئەپنىڭ پەيزىنى سۈردۇق دىگەن گەپ، شۇڭا ھەقلىق ئەپ يوللىغانلارنى قوللاپ قۇيايلى ھەم ئۇلارنى توغرا چۈشۈنەيلى، چۈنكى ئاشۇ ئەمگەككە شۇلارنىڭمۇ قان-تەرى سىڭگەن بۇلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىز بىكارلىققا كۈنۈپ كەتتۇق، سېتىۋېلىشقا كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ، شۇڭا ئۇنۇ-بۇنى دەپ باقىمىز. بۇ ھەقىقەتەن قوللاشقا ،شۇنداقلا ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك تەكلىپ بوپتۇ.يەنە بىر قىسىم تورداشلارئىنكاس يازغاندا ،بىر ئوبدان ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئارىسىغا ‹‹شاڭمو››،‹‹يىدۇڭ ››...........دېگەندەك بۇززۇۋان تىللار ئشلىتىلمىسە ،يەنە بىر قىسىم ‹‹ئىككىنجى قول››دەك (ئاڭلاشقا ئۆز تىلدەك بىلىنسىمۇ ئەمەلىيەتتە تەرجىمە سۆز) سۆزلەرنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ نېمكەش دىگەندەك سۆزلىرىنى ئشلەتسەك.ھەممە ئادەمنىڭ سەۋيەسى ئوخشاش ئەمەس ،شۇڭا ئېملا خاتالىقى بولسا ،تەپسىلى كۆرسىتىپ قويساق.
راس گەپ قىلسام بۇ مۇنبەردە ئاغزىغا كىرگەن ئاشنى چايناپ يۇتۇشنىمۇ خالىمايدىغانلار بەك كۆپ ئىكەن....ھازىرغىچە ئاقچىنى قانداق تۇلۇقلاش توغۇرلۇق سورايدىغانلار بەك كۆپ ئىكەن...مۇنبەرنىڭ قايسى سەھەپىسنى ئاچسا ئاقچا تۇلۇقلاش ھەققىدە دىگەن تىمىلار شۇ سەھەپىنىڭ چوققىسىدىلا تۇرسا. مەنمۇ ئالىپ ئەپەندىنىڭ بۇتەكلىۋىنى قوللايمەن! ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بوپتۇ! pamir يوللىغان ۋاقتى2013-5-21 14:42
ئالىپ ئەپەندىم ھەقىقەتەن توغراگەپ قىلىپسىزمەن قوللا ...
ئالىپ ئەپەندم ھەكىكەتەن توغرا گەپ قىپسىز ،مەن Androidتىلفون شلەتلكىلى ئانچە ئوزون بولمغانم موشو مونبەردىنپايدىلنىپ خىلى چوشەنچىگە ئگە بوپ قالدىم ،موشو مونبەردىكى بارلىق ئوستلارغارەھمەت ئيتمەن، بۇرۇنلا بۇلارنىڭ سەمىگە سالدىغان ئىشتى بۇ . ھەقىقەتەن ياخشى تېما بۇلۇپتۇ ،تېما يوللىغۇچىلارمۇ ئىنكاسلىق تېما يوللىمىساڭلا . چۈشۈرمىگەن ئەپكە ئىنكاس تەلەپ قىلىسا ئادەم نىمە دەپ ئىنكاس يېزىشنى بىلمەي قالىدىكەن .