alip يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 17:46:08

ئۇيغۇرچە Adobe Photoshop CS6

Adobe Photoshop CS6 نىڭ ئۇيغۇرچە يېشىل نەشىرى.
ئىشلەش مۇھىتى: Micorsoft Windows
Windows XP ، Windows 7ۋە windows 8 دە سىنالدى، نورمال ئىشلەيدۇ.
تىلى: ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە. مۇشۇ ئۈچ خىلنى خالىغانچە تاللاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە بىۋاستە كىرگۈزۈشنى قوللايدۇ. كۆچۈرۈپ چاپلاش ھاجەتسىز.
كۆرۈنمە يۈزى %85 ئۇيغۇرچە







بۇنىڭ تەرجىمىسى ئەسلى Photoshop CS4 نىڭ ئىدى. CS6 گە ماسلاشتۇرۇپ تولۇق تەرجىمە قىلىشقا يالغۇز يېتىشىپ بولالمىدىم. شۇڭا تولۇق تەرجىمە قىلىۋېتەلەيمەن دەپ مەيدىسىگە ئۇرالايدىغانلار بولسا تېخنىكىلىق ياردەمدە بولىمەن.
Adobe Photoshop CS6 نىڭ بارلىق ھوقۇقى Adobe شىركىتىگە تەۋە. بۇ كىچىكلىتىلگەن يېشىل نەشىرىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ سىزگە يارىسا ھەقىقى تولۇق نەشىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىڭ.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ ھوقۇقى ئالپ تور بېتىگە تەۋە. ئالپ تور بېتى تەرىپىدى ھەقسىز تارقىتىلدى. ھەر قانداق تور بەت ياكى شەخىس، شىركەت، ئورۇنلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىغا بولمايدۇ. پۇلغا سېتىشىغا بولمايدۇ.

قاچىلاش ئۇسۇلى:
بۇ يەردە تەمىنلەنگەن ھۆججەت چۈشۈرۈش يېشىسىز.
يەشكەن ھۆججەتنىڭ ئىچىدىكى QuickSetup نى ئىجرا قىلدۇرۇپ، خەنزۇچە 安装 دېگەن خەتنى باسسىڭىز ئۆزى ئاپتۇماتىك قاچىلىندۇ. قاچىلىنىپ بولغاندا ئۈستەل يۈزىگە Adobe Photoshop CS6 دەپ قىسقا يول قۇرۇلدۇ.
قاچىلىغانPhotoshop CS6 نى قوزغاتسىڭىز خەنزۇچە ھالەتتە قوزغىلىدۇ. بۇ چاغدا تىزىملىكتىن 编辑->首选项->界面 نى باسسىڭىز تىل تاللاش كۆزنىكى چىقىدۇ. شۇ يەردىكى 用户界面语言 نى «ئۇيغۇرچە» گە توغرىلاپ جەزملەشتۈرۈپ، فوتوشوپنى تاقاپ قايتا ئاچسىڭىز ئارا يۈزى ئۇيغۇرچە بولىدۇ. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:


ئۇيغۇرچە خەتنى بىۋاستە يازغاندا ئۇلاشماي چىقىۋالسا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تەڭشەپ قويسىڭىز نورماللىشىدۇ.


ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ ئۇيغۇرچە Adobe Photoshop CS6 نى باشقا تور بەتلەردە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەردە تەشۋىق قىلماقچى بولسڭلار چۈشەندۈرۈش ۋە رەسىملىرىنى كۆچۈرۈپ، چۈشۈرۈش ئادېرسىغا مۇشۇ تېمىنى ئۇلاپ قويساڭلار بولىدۇ. ھەقسىز بولغاندىكىن مۇشۇ يەرگە كېلىپ چۈشۈرۋالسا بولىدۇ.
بىزنى قوللىساڭلار بۇ فوتوشوپنىڭ تىل تەرجىمىسنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىنى ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئۇيغۇرچىلىشىشىنى قوللىغان بولىسىلەر.

چۈشۈرۈش ئادېرسى
**** Hidden Message *****

پىرىستىن يېشىش پارولى: alip.biz

ئۇيغۇرچە خەت چىرايلىق ئەمەس، رەسىمدىكىدەك چىقمىدى دەيدىغانلار بولسا:
windows XP ئىشلىتىدىغانلار بولسا ماۋۇ تېمىدىن پايدىلىنىڭ.
windows 7 ئىشلىتىدىغانلار بولسا ماۋۇ تېمىدىن پايدىلىنىڭ.
ئەمدى ئۇيغۇرچە خەت چىرايلىق ئەمەس دەيدىغان ئىنكاسنى يازماڭ. چۈشمىدى، چۈشۈرەلمىدىم دېگەندەك ئىنكاسلارمۇ قارشى ئېلىنمايدۇ.

Smart يوللانغان ۋاقتى 2013-5-21 07:05:26


windows 8 دە باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە ئىجرا قىلىسا نورمال ئىجرا بولىدىكەن.

Tirix-qan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 22:57:33

ئاللاھ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن

КāしβìΜ关 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 13:15:49

رەھمەت

008 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 18:09:10

رەھمەتسىلەرگەتېخىمۇ كۆپ دىتاللارنىيوللىشىڭلارغاتىلەكداشمىز

zorawan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 18:22:39

رەخمەت سىزگە مەنمۇ چۇشۇر ۋالاي:P

روھلان7 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 07:34:53

رەھمەت سىزگەداۋاملىق ياخشى نەرسىلەرنى يوللاپ تۇرۇڭ

چېلىشچى يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 18:16:48

رەخمەت.ياخشى ئىشلار داۋام ئېتىۋاتىدۇ.

cj038 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 18:24:22

ئەڭ ئېسىل تېمىلارنى يەنىلا ئالىپكام بەھىرلەيدۇ جۇمۇ ....... رەھمەت ، بەك ئېسىل ئىش قىلىپسىز .........

nimjapa يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 17:53:12

رەھمەت سىناپ باقاي

ahmat861120 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 17:57:35

ماڭا بەك لازىمتى رەخمەت سىزگە

mirshat يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 17:57:47

19950706 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 18:04:25

ۋاھ ۋاھ نىمداق ياخشى ئىش بۇ . ئاڭلىشىمچە بۇنىڭدا تۇتۇق رەسىمنى ئوچۇقلاتقىلى بولامىشكەن سىناپ باقاي

1217 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 18:05:34

ئېھتىياجلىق نەرسە.

Rana يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 18:07:53

ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 18:09:56

مەنمۇ بىر سىناپ باقاي

ئەنسار يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 18:11:11

مەنمۇ بىر ھەپىلىشىپ باقاي

azak يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 18:15:55

رەھمەت چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقاي

ئالىپبەگ يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 18:16:48

ۋاھئەجەپ ياخشى....
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: ئۇيغۇرچە Adobe Photoshop CS6