alip يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 14:31:08

دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى

قۇرۇق گەپتىن ئەمىلى ئىش ئەۋزەل. بىرەر دېتالنى ئۇيغۇرچە قىلىپ قويساق ياكى ئۇيغۇرچە دېتاللارنى تاللاپ ئىشلەتسەك تىلىمىزغا ئاز-تولا پايدىسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، يۇمشاق دېتالنىئۆزىمىز ياسىيالىساق تېخى ياخشى. بەزى مونۇپۇللۇق ئورۇندىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئۇنىڭدەك ياسىيالمايمىز، ياسىيالمىغاندىكىن تەرجىمە قىلايلى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەنزۇچە يۇمشاق دېتاللارنىمۇ خەنزۇلار ياسىغان دېتال ئەمەس، ئېنگىلىزچىدىن ياكى باشقا تىلدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن سىزدە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا مۇنداق شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك.
1. ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا بىلىشىڭىز كېرەك.
2. ئۇيغۇر تىلىغا مەسئۇل بولۇش پۇزىتسىيسىدە بولۇشىڭىز كېرەك. ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز، ئاتالغۇلاردا لۇغەتنى ئاساس قىلىشىڭىز، ئۆزىڭىز بىلگەنچە باشقىلار چۈشەنمەيدىغان قالايمىقان سۆز ياسىماسلىقىڭىز، يېڭى ئاتالغۇ ياسىماقچى بولسىڭىز تىلشۇناسلاردىن، شۇ دېتالنىڭ كەسىپ ئىگىلىرىدىن مەسلىھەت سورىشىڭىز كېرەك.
3. ئېنگىلىز تىلى ياكى خەنزۇ تىلىدىن مۇئەييەن ئاساسىڭىز بولۇشى كېرەك.
4. كومپىيۇتېر ئالدىدا كۈنلەپ ئولتۇرالايدىغان ۋاقتىڭىز، يۇمشاق دېتالنى تەكرار-تەكرار سىناق قىلالايدىغان سەۋىرچانلىقىڭىز بولۇشى كېرەك.
5. سىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان يۇمشاق دېتال مەشغۇلاتىنى مۇكەممەل ئىگىلىشىڭىز، بىر نەچچە يىللىق كومپىيۇتېر ئىشلىتىش تەجىربىڭىز بولۇشى لازىم.
6. كومپىيۇتېرىڭىزدا ئۇيغۇرسوفىت چوڭ لوغىتى، بىلقۇت، پىلانىتلار لۇغىتى.... قا ئوخشاش بىرەر كومپىيۇتېر لۇغىتى بولۇشى كېرەك.
6. تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن يۇنىكودنى (Unicode) قوللايدىغان دېتاللارنى تاللىشىمىز كېرەك. (يۇنىكودنى قوللىمايدىغان دېتاللارنىمۇ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما، يېزىق مەسلىسنى ھەل قىلىشقا خېلى كۈچ كېتىدۇ ھەم كود قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئۇنى تەۋسىيە قىلمايمەن)
بىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان دېتاللار چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە بۈلۈندۇ. بىرىنچى تۈردىكى دېتاللار ياسالغاندىلا ياسىغۇچىلار تەرجىمە قىلدىغان ئايرىم تىل بولىقى تەمىنلەيدۇ. بۇلارنى تەرجىمە قىلماق ئاسان. ماس تىل ھۆججىتىنى خاتىرە دەپتەردە ئېچىپلا تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. ئادەتتە تىل ھۆججىتى Langguage, Lang ئىسىملىك مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ تىل ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى dat, ini بولىدۇ. مەسلەن: Kmplayer, Photoshop....
ئىككىنچى تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئايرىم تىل ھۆججىتى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىجرا بولدىغان ئاساسى ھۆججىتنى(EXE, DLL ھۆججەتلىرىنى) ئېچىپ تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق تەھرىرلەش دېتاللىرى خېلى كۆپ، يۇنىكودنى قوللايدىغان، نىسبەتەن ئومۇملاشقان دېتال PASSOLO.
PASSOLO دېتالىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلنى ئىنتىل مۇنبىرىدىكى مۇڭلان دىگەن يىگىت خېلى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ دەرسلىك ئىشلىگەن، شۇڭا بۇ يەردە ئۇنى چۈشەندۈرمەيمەن.
دېتال تەرجىمە قىلىش بىلەن ھەپلىشىپ باققانلىرىڭلار ھېس قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بەزى يۇمشاق دېتاللارنى PASSOLO ئارقىلىق تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ، بەزىلىرىنى PASSOLO ئارقىلىق ئېچىپ تەھرىرلىگەندىن كېيىن، ئىجرا بولمايدۇ.
شۇڭا، مەن PASSOLO ئارقىلىق تەرجىمە قىلىشقا بولمايدىغان يۇمشاق دېتاللارنى تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان، تىل تۈرىگە ئۇيغۇر تىلىمۇ قوشۇلغان (PASSOLO دا ئۇيغۇر تىلى يوق. ئەرەپچە دېگەن تۈر ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىمىز) Sisulizer دېگەن يۇمشاق دېتالنى تەۋسىيە قىلىمەن.
Edius,Premiere Pro نى دەل مۇشۇ Sisulizer ئارقىلىق تەرجىمە قىلغان.

Sisulizer نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

Sisulizer 2010 نى توردىن چۈشۈرۈپ، قاچىلاپ، ئاكتىپلاپ تەييار قىلغاندىن كېيىن ئىجرا قىلدۇرۇپ File تىزىملىكىدىن New نى باسساق يېڭىدىن بىر قۇرۇلۇش قۇرۇلدۇ. (ئاكتىپلانمىسا يېڭىدىن قۇرۇش دېگەن تۈر كۈرۈنمەيدۇ، ئاكتىپلاش نومۇرنى تاپالمىساڭلار ئىنكاس يېزىڭلار مەن ئەۋەتىپ بېرىمەن)

Select Soruce Type رامكىسىدىن بىرىنچى تۈر Localze a File or Files نى تاللاپ، Next كۇنۇپكىسنى باسىمىز.
Select File كۆزنىكىدىن بىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان Exe ياكى Dll ھۆججىتىنى تاللايمىز.
Select File Format كۆزنىكىدىن ھۆججەتنىڭ فورماتىنى بەلگىلەيمىز. كۆپۈنچە ئەھۋالدا سىستېمىنىڭ كۆڭۈلدىكى قىممىتىدە قويغىنىمىز ياخشىراق. بەزىدە سىستېما توغرا تاپالماي قالسا ئۆزىمىز بەلگىلەپ بېرىمىز. يەنى ئۇ دېتالنىڭ قايسى پىروگىرامما تىلىدا تۈزۈلگەنلىكىنى دەپ بېرىمىز. مەسلەن: Vb, Vc, C++, Delphi دېگەندەك
Select Languages كۆزنىكىگە كەلگۈچە Next كۇنۇپكىسنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.Select Languages كۆزنىكىدە مەنبە تىل ۋە نىشان تىلنى بەلگىلەيمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
http://i683.photobucket.com/albums/vv199/alipanwar/sisu2.jpg

سول تەرەپتىن تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىلنى تاللايمىز، مەسلەن: Uighur.ئوڭ تەرەپتىن مەنبە تىلنى تاللايمىز ، مەسلەن: English, Chinese

ئاندىن Next كۇنۇپكىسنى باسساق تەھرىرلەش كۆزنىكى ئېچىلدۇ. بىز سول تەرەپتىكى بايلىق رامكىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان تۈرنى تاللاپ، مەسلەن Menu, String, Dialog دېگەنلەرنىڭ قايسسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولساق ماس تۈرنى تاللاپ، ئاساسى كۆزنەكتىنى Uighur سىتونىغا ئۇيغۇرچىسنى تەرجىمە قىلىپ يازساق بولىدۇ. Orginal سىتونىدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان ئەسلىدىكى سۆزلەر كۆرۈندۇ
http://i683.photobucket.com/albums/vv199/alipanwar/sisu3.jpg

tolunay يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 15:34:44

مەن بۇ دېتالنى توردىن ئىزدەپ تاپتىم كوپىنچىسى خەنۇزچە ئىكەن uyghu سىز تەۋسىيە قىلغاندەك دېتالنى ئۇچرىتالمىدىم

tolunay يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 15:36:27

بولسا چۇشۇرۇش ئادىرسى بولسا تەمىنلىگەن بولسىڭىز مانا ساپ ئۇيغۇر يېزىغىدىكى تور دىسكىسى بىلەن مەن تەمىنلەي بوشلۇقنىwww.tolunay.info

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 15:42:47

ئۇ دېتال شۇ خەنزۇچە. ئۇيغۇرچىسى يوق.

tolunay يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 15:50:05

سىز ئىككىنچى رەسىمدە uyghu دىگەن بىر يەرنى تاللاپ كورسىتىپ قويۇپسىز بىراق مەن چۇشۇرگەن دېتالدا ئۇ يېرنى كورمىدىم شۇڭا دىگەن ئىدىم ئۇيغۇرچىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلىمەن بىراق سىز كورسەتكەندەك ئۇنداق كورۇنۇشلەرنى ئۇچرىتالمىدىم كورسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەخمەت ئۇستاز

zeper يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 22:37:43

بۇ دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسنى تەمىنلىسڭىز بوپتىكەن.

zeper يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 22:41:08

ئاكتىپلاش نومۇرىنىمۇ بىللە يوللاپ بەرگەن بولسڭىز

ablikim يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 23:00:25

بىر يەرنى ئەسكەرتكىم كىلىپ.......:lol،«تىل»سۆزىنى ئىنگىلىزچە language دەيدۇ،g دىن بىرسى قۇشۇلۇپ
قالدىمۇ قانداق.:loveliness: بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablikim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2011-2-16 23:01

ئاشىق يوللانغان ۋاقتى 2011-3-7 12:43:36

;P:lol:lol:lol;P

Koresh يوللانغان ۋاقتى 2011-3-27 22:02:26

ئالىپكا سوراپ باقسام . تەرجىمە قىلىدىغان دىتالنى سوۆرەپلا ئەكىرىپ قويساق بولامدۇ .ياكى باشتا دىتالنى پارچىلاپ ئاندىن تىل بولىقىنى ئايرىم بىريەرگە چىقىرىۋېلىپ سىزدىگەن بۇ دىتال ئارقىلىق تەرجىمىنى داۋاملاشتۇرامدۇق؟

937045001 يوللانغان ۋاقتى 2011-4-11 15:04:16

دوسلارماڭا ياردەم   كىلساڭلارنوكىيا   6234نىئۇيغۇرچە   كىلىشتوغرىسىدامەسلىھەت بەرسەڭلەر      ئالاقىلىشىش   چچ   نۇمۇرۇم   937045001    354525869   351978004    ىەت ساندۇقۇم      wapatori@163.com

hortekin يوللانغان ۋاقتى 2011-4-13 15:50:11

نى مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باقاي دىگەن ئدىم،بىراق يۇقىردىكى دىتالنى ئىشلەتسەم ،بولمايدۇ دەپ خەت چىقۋالدى يول :L:Lكۆرسەتكەن بولساڭلار!رەھمەتgtalk

ablikim8726 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-18 21:08:32

XPياساپ باقاسىچۇ

almas801 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-2 01:09:31

بو لىدىكەن تەرجىمە قىلىش ئاسەنكەن

yantag يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 17:53:51

http://www.verycd.com/topics/2829417/   تۇلۇق كۆپ تىللىق نوسقىسىنى چۇشۈرۈڭ.
بەت: [1] 2
: دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى