zaptatlik يوللانغان ۋاقتى 2013-5-5 01:36:21

جوڭشىڭ U795 نىڭ ئۇيغۇرچە رومى ۋە قاچىلاش دەرسلىكى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-4 17:29

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالپ ئەھلى ، ئاللاھنىڭ شاپائىتى بىلەن جوڭشىڭ 795 U نىڭ ئۇيغۇرچە رومى پۈتتى. نەشرى 4.0.4   .بىر ھەپتە سىناش ئارقىلىق نوقسانلار تۈزۈتۈلۈپئاخىرى مۇقىم ئۇيغۇرچە روم بارلىققا كەلدى ،ئەخلەت ئەپلەر چىقىرىۋىتىلدى.تېلېفون قوزغالغاندا چىقىدىغان ھەركەتلىكرەسملەرمۇ يەرلىكلەشتۈرۈلدى.رومنى قاچىلىغاندىن كېيىن تىلى خەنزۇچە ، تىل تاللاش دىگەن ئەپنى ئېچىپ维吾尔文 دىگەننى تاللىسىڭىز ئاندىن ئۇيغۇرچە بۇلىدۇ . بۇ رومنى SD كارتا (دو مېي تى كا) كارتىدىن recovery دا قاچىلايمىز.شۇڭا رومنى قاچىلاشتىن ئىلگىرى رومنى SD كارتىغا كۆچۈرۈپ تەييار قىلىمىز.
    بۇ رومنى زاۋۇت recoveryسىدا يازغىلى بولمىدى ، پەقەت ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى قاچىلىغاندىن كېيىن ئاندىن يازغىلى بۇلىدۇ .تۆۋەندە سىلەرگە ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى قاچىلاش توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىمەن.باشقا تېلېفونلارغا ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى قاچىلاش ئۇسۇلىمۇ ئاساسەن ئوخشاش .شۇڭا بۇ رومنى ئىشلەتمەيدىغان تورداشلارمۇ مۇشۇ باھانىدەئۈچىنچى تەرەپ recovery نى قاچىلاشنى ئۆگۈنىۋېلىڭلار.:P :P
   بىرىنچى ئۇسۇل كومپىيوتېردا قاچىلاش
   كومپىيوتېردائۈچىنچى تەرەپrecoveryنى يېزىش ئۈچۈن ئاۋۋال كومپىيوتېرغا شۇ تېلېفوننىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى قاچىلىنىشى كىرەك.قوزغىتىش پروگراممىسىنى قولدا قاچىلاش بىرئاز ئاۋارىچىلىق ھەم مۇۋەپپىقىيەتلىك بۇلۇش نىسبىتى تۈۋەنرەك (قولدا قاچىلاشنى بىلىدىغان تورداشلارغا قوزغىتىش پروگراممىسىنى تەمىنلىدىم) . شۇڭا ئەڭ ئاسان ئۇسۇل بولسا 豌豆荚 ياكى91手机助手ئارقىلىق قاچىلاش.يۇقارقى ئىككى دىتالنىڭ خالىغان بىرىنى كومپىيوتېرغا قاچىلاپ ، كومپىيوتېر تورغا ئۇلانغان ئەھۋال ئاستىدا تېلېفوننى usb سىم بىلەن كومپىيوتېرغا ئۇلىساقلا يۇقارقى دېتاللار ئۆزلىكىدىن تېلېفوننىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى توردىن چۈشۈرۈپ ، قاچىلاپ تەييار قىلىپ بىرىدۇ . دېتال يۈزىدە تېلېفوننىڭ رەسىمى ۋە ئۇچۇرلىرى چىققان ۋاقىتتا قاچىلىنىپ بولغان بۇلىدۇ ھەم دېتالنى تاقىۋىتىمىز. كومپىيوتېرغا تېلېفونىمىزنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى قاچىلىنىپ بولدى ، ئەمدى ئىككىنچى قەدەمدە مەن تەمىنلىگەن 中兴U795 recovery ۋە 中兴U795 工具 دىگەن ئىككى دىتالنى پىرىستىن يىشىپ مەلۇم ئورۇنغا قويىۋالىمىز. 中兴U795 工具 نى ئېچىپ ئىچىدىكى Flash_tool.exe نى ئىجرا قىلىمىز.

قوزغالغاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتىكى كونۇپكىلارنىڭ ئىككىنچىسى    Scatter-loading   نى باسىمىز .رەسىمدىكىدەك:

چىققان كۆزنەكتىنبايا پىرىستىن يىسىپ ساقلىۋالغان يەنە بىر ھۆججەت中兴U795 recovery نى تېپىپ قوش چەكسەك تۆۋەندىكى ھۆججەت كۆرۈنىدۇ.

بىرىنچى ئورۇندىكى txt ھۆججەتنى تاللاپ 2 دىكى 打开 نى باسىمىز.

Download نى باسساق recovery نى يېزىشقا تەييارلىنىدۇ. ئاندىن تېلېفوننىڭ باتارىيىسىنى چىقىرىۋېتىپ usb سىم بىلەن تېلېفوننى كومپىيوتېرغا ئۇلاپ سەل ساقلىساقلا يېزىشقا باشلايدۇ. ( ئەگەر 豌豆荚 ياكى91手机助手ئارقىلىق قاچىلىغان قوزغىتىش پروگراممىسى تېلېفون باتارىيىسىنى چىقىرىۋەتكەندە تونىماي قالسا مەن تەمىنلىگەن中兴U795驱动 نى قولدا قاچىلايمىز، قاچىلىيالمىساڭلار ئېنكاس قالدۇرۇڭلار ) . تۆۋەندىكىدەك چىققاندا يېزىش تامام.

دىققەت   دىققەتدىققەت
   Recovery   نى يېزىپ بولغاندىن كىيىن باتارىيىنى سېلىپ تېلېفوننىڭ ئاۋاز يۇقىرىلىتىشكونۇپكىسى بىلەن قوزغىتىش كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ تۇرۇپ recovery ھالىتىگە كىرىمىز. ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا تېلېفون recovery غا كىرمەي قوزغىلىپ كىتىپ قالسا recovery ئەسلى زاۋۇت recovery غا قايتىپ كىتىدۇ، قىلغان ئىش بىكار بولدى دىگەن گەپ.
ئىككىنچى ئۇسۇل تېلېفوننىڭ ئۆزىدە قاچىلاش
    بۇنىڭ ئۈچۈن تېلېفوننىڭ روت ھوقۇقى بۇلىشى كىرەك.ئەگەر روت ھوقۇقى ئېلىنمىغان بۇلۇپ تېلېفوننىڭ ئۆزىدە ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى يازماقچى بولساڭلار مەن تەمىنلىگەن 中兴U795 root دىگەن دېتالنى پىرىستىن يىشىپ ئىچىدىكى Onekey_root_for_U795.EXE نى باشقۇرغۇچى ھوقۇقىدا ( مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ 以管理员身份运行 نى باسىمىز) ئىجرا قىلىپ كۆزنەك چىققاندىن چىققاندىن كېيىن كونۇپكا تاختىسىدىن خالىغان كونۇپكىنى بېسىپ روتلىساق بۇلىدۇ.
    ئاۋۋال SD كارتا (دو مېي تى كا) نىڭ باش مۇندەرىجىسىگە مەن تەمىنلىگەن中兴U795 recoveryنىڭ ئىچىدىكى پەقەت recovery.img دىگەن ھۆججەتنىلا (باشقىسى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن) كۆچۈرۈپ تەييار قىلىمىز. ئاندىن   叔叔工具 دىگەن ئەپنى قاچىلاپ قوزغاتساق تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ؛

    从SD卡刷recovery区   دىگەن تۈرنى چىكىمىز . چەكسەك بايا SD كارتىغا كۆچۈرۈپ قويغان recovery.img دىگەن ھۆججەت كۆرۈنىدۇ.شۇنى چىكىپ جەزىملىسەكلا يېزىشقا باشلايدۇ.يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئەسكەرتىش چىقسا 取消 نى بېسىۋىتىڭ .
دىققەت   دىققەتدىققەت
    Recovery   نى يېزىپ بولغاندىن كىيىن تېلېفوننىڭ ئاۋاز يۇقىرىلىتىشكونۇپكىسى بىلەن قوزغىتىش كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ تۇرۇپ recovery ھالىتىگە كىرىمىز. ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا تېلېفون recovery غا كىرمەي قوزغىلىپ كىتىپ قالسا recovery ئەسلى زاۋۇت recovery غا قايتىپ كىتىدۇ، قىلغان ئىش بىكار بولدى دىگەن گەپ.
روم يېزىش
    تېلېفونغا ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى قاچىلاپ ھەم تېلېفوننى قايتا قوزغىتىپ recovery غا كىرىپمۇ بولدۇق ،ئەمدى سۈيۈملۈك ئۇيغۇرچە رومنى يازساق بۇلىدۇ.
تېلېفوننى قوزغىتىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق جەزملەشتۈرىمىز.
ئاۋاز كونۇپكىلىرى ئارقىلىق تاللايمىز.
    ئاۋۋال ئىككى تازلاش ئېلىپ بارىمىز ، يەنى   清空数据/恢复出厂设置 نى تاللاپ جەزملەشتۈرۈپ چىققان تىزىملىكتىن是的- xxx نى تاللاپجەزملەشتۈرىمىز.تازلاپ بولغاندىن كېيىن      清空缓存 نى تاللاپ جەزملەشتۈرۈپچىققان تىزىملىكتىن   是的- xxx نى تاللاپ يەنە بىر جەزملەشتۈرىمىز.ئاندىن安装存储卡中的zip 刷机包نى تاللاپ جەزملەشتۈرۈپ چىققان تىزىملىكتىن   从存储卡选择zip 刷机包نى تاللاپ جەزملەشتۈرىمىز،چىققان تىزىملىكتىن بىز SD كارتىغا كۆچۈرۈپ تەييارلىۋالغان رومنى تاللاپ جەزملەشتۈرىمىز، چىققان تىزىملىكتىن   是的- xxx نى تاللاپ جەزملەشتۈرسەك رومنى يېزىشقا باشلايدۇ . يېزىپ بولغاندىن كېيىن 返回上一页 نى تاللاپ جەزملەشتۇرۇپ ئاندىن      重启手机نى تاللاپ جەزملەشتۈرسەك تېلېفون قايتا قوزغىلىدۇ.مانابىرمۇنچەتاللاپجەزملەشتۈرۈشتىن:lol كېيىن رومنىمۇ يېزىپ بولدۇق.دەسلەپتە سېستىما تىلى خەنچە، تىل تاللاش دىگەن ئەپتىن 维吾尔文 نى تاللاڭ . نىمىنى كۆردىڭىزكىن؟
   ئەگەر رومدا مەسىلە كۆرۈلسە ئىنكاس قايتۇرارسىلە،ۋاقتىدا تۈزىتىشكە تىرىشىمەن ، ھەممىڭلارنىڭمەشغۇلاتى ئوڭۇشلۇق بولغاي.
رومدىن كۆرۈنۈشلەر :









   يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دىتاللار ۋەئۇيغۇرچە رومنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
ئۇيغۇرچە روم ، 中兴U795 工具، 中兴U795Recovery ، 中兴U795驱动، 中兴U795 root ھەممىسى بار .


تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-9 18:20):
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=3408129188&uk=85698136
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=3417381705&uk=85698136 بۇئەپنى system/appنىڭ ئىچىگە قاپلاپ كۆچۈرۈڭ،ئالاقىداش توختىم....

alipalim يوللانغان ۋاقتى 2013-5-17 21:39:36

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم جۇڭشىڭV 970نىڭ ئۇيغۇر چە رومى سىزلەر دە بار مۇ ؟مۇشۇ تېلپۇننىڭسۈر تىتىز پاكىز روم بول سا سېتىۋالاتتىم :P:P:P:P:P:P:P:P:P:P

Winner2012 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-17 21:42:50

بۇ تېلىفوننىڭمۇ تەرجىمە رومى چىقىپتۇدە ، باھاسىمۇ مۇۋاپىق بوپتۇ ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن...:handshake
ھەراس دىۋان :lol

☞▓♡知心通讯 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-18 10:20:51

مەنسېتىۋالاي دىگەن قانداق سېتىۋالىمەننەخپۇلغا

mamatqanim يوللانغان ۋاقتى 2013-5-18 11:27:16

مەنمۇ سىتىۋالاي قانداق پۇل تولەيدۇ

☞▓♡知心通讯 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-18 13:44:07

ئالاقە چ چ ياكى تىلىفۇن نۇمۇرى يوقما

sirdax2621 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-18 16:38:11

بۇ ھۆججەتنى قانداق سېتىۋالىمىز؟ قانداق ئاقچا تۇلۇقلايمىز؟

haliyl يوللانغان ۋاقتى 2013-5-19 00:09:46

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر بۇ رومنى قانداق سېتىۋالىمىز ؟ ئاقچا دىگەن نىمە؟

zaptatlik يوللانغان ۋاقتى 2013-5-19 01:18:22

alipalim يوللىغان ۋاقتى2013-5-17 21:39 static/image/common/back.gif
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم جۇڭشىڭV 970نىڭ ئۇيغۇر چە رومى سىز ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،بۇ تېلېفوننىڭ يوق.

zaptatlik يوللانغان ۋاقتى 2013-5-19 01:19:36

mamatqanim يوللىغان ۋاقتى2013-5-18 11:27 static/image/common/back.gif
مەنمۇ سىتىۋالاي قانداق پۇل تولەيدۇ

ماۋۇنىكۆرۈڭ/thread-1442-1-1.html

zaptatlik يوللانغان ۋاقتى 2013-5-19 01:20:44

☞▓♡知心通讯 يوللىغان ۋاقتى2013-5-18 13:44 static/image/common/back.gif
ئالاقە چ چ ياكى تىلىفۇن نۇمۇرى يوقما

چ چ :   1343625506

zaptatlik يوللانغان ۋاقتى 2013-5-19 01:21:56

☞▓♡知心通讯 يوللىغان ۋاقتى2013-5-18 10:20 static/image/common/back.gif
مەنسېتىۋالاي دىگەن قانداق سېتىۋالىمەننەخپۇلغا

ياقئاقچىغا ئالىسىز   /thread-1442-1-1.html

izdap يوللانغان ۋاقتى 2013-5-20 12:51:25

رەھمەت قېرىندىشىم   مەنمۇئىزدەپ يۈرەتتىم   !

ASMAR يوللانغان ۋاقتى 2013-5-22 10:56:14

nurali0007 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-22 11:18:48

mamatqanim يوللىغان ۋاقتى2013-5-18 11:27
مەنمۇ سىتىۋالاي قانداق پۇل تولەيدۇ

ەەەەەەەەەاەەەە
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7
: جوڭشىڭ U795 نىڭ ئۇيغۇرچە رومى ۋە قاچىلاش دەرسلىكى