ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) function www_mbsky_com() { var Digital=new Date() var hours=Digital.getHours() var minutes=Digital.getMinutes() var seconds=Digital.getSeconds() if(minutes >
  • 2016-09-16

    شىئېر:ئوغلۇم - [يازمىلىرىم]

    ئوغلۇم

    ئاتا - ئۇ پەرزەنتكە غەمگۇزار ئىنسان ،
    مىننەتسىز،جاپاكەش،قاخشىماس ھەرگىز.
    ئەر يىتىپ ھەم بېشىڭ يەتسىمۇ كۆككە ،
    بالىسەن ،باشقىغا ئوخشاتماس ھەرگىز.
    شۇئاتاڭ تارتقاننى تارتىپ باق ئوغلۇم!

     
    سەن خەقىش قىلغان شۇ تاتلىق ۋەتۇرۇم،
    نەدەدى شاكىلات ۋەئارماندىگەن.
    سىنى دەپ ئاق ناننى قوينىغا تىقىپ،
    ئۆزىچۇ ؟ داغ سۇدا زاغىرنى يىگەن.
    شۇئاتاڭ يىگەننى يەپ باققىن ئوغلۇم!

    دەر ئىدى ھەر دائىم  ئۆگەنگىن ئوغلۇم ،
    كەشپىيات،يېڭىلىق چىقسۇن ھەم بىزدىن.
    ئويغاتقىن خەلقىڭنى بولدى بەس، يېتەر،
    خۇراپىي،نادانلىق يوقالسۇن تېزدىن،
    شۇئاتاڭ دىگەننى دەپ باققىن ئوغلۇم!

    بىلىمسىز نادانلار ئاتاڭنى قارلاپ ،
    شۇم دوزاق ئوتىدا كۆيدۈردى بىرچاغ.
    روھىدىن ئۆچمىدى ھەقىقەت ئوتى،
    داڭ چېلىپقەلبىدە قالدىغۇ بىر داغ.
    شۇئاتاڭ چالغاننى چەپ باققىن ئوغلۇم!

    بىلەمسەن؟ ئۇ نىيەت قىلغانتى شۇ چاغ،
    بىلىمدىن ئۆزگىنى قىلماسقا ھەمرا.
    تاپقىنى بىر گۆھەر ، دەيتى ئۇ دائىم:
     بىلىمسىز يۈرگەنلەر بولمامدۇ سەپرا.
    شۇئاتاڭ تاپقاننى تېپ باققىن ئوغلۇم!

    چوڭ بولۇپ ئۇنۇتتۇڭ ھەممىنى بىردىن،
    ھەتتاكى ئاتاڭغا قىلمىدىڭ ھۆرمەت.
    پۇل دىسەڭ بەرسىمۇ قانائەت قىلماي،
    ئاتاڭنى قارىلاپ قىلدىڭغۇ تۆھمەت.
    شۇئاتاڭ بەرگەننى بىرىپ باق ئوغلۇم!

    پىژغىرىم ئاپتاپتا ۋە ياكى سوغدا،
    ئېتىزدىن كىرمىدى بولسىمۇ بىتاپ.
    مول-ھوسۇل ئالغاندا بولدۇڭ سەن ئېگە،
    شۇڭغىچە يۇردۇڭغۇ شەلەردە ئويناپ.
    شۇئاتاڭ ئالغاننى ئەپ باققىن ئوغلۇم!

    ئاتاڭنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلەر،
    سىنىڭمۇ بېشىڭىدىن ئۆتمىگەي ئەمدى.
    بىر لوقما ئاش ئۈچۈن مۇكچۈيۈپ بېلى ،
    بىر ئۆمۈر ئۆتتىغۇ ئۆتمىگەي ئەمدى.
    شۇئاتاڭ قىلغاننى قىپ باققىن ئوغلۇم!

    2015.يىل سىنتەبر

    分享到:
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.