ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2013-08-31

    دولقۇن ياسىن ئۇچقۇن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى - [ئاتاقلىق كىشىلەر]

    ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانىمىزدىكى مەشھۇر شائىرى،ئاتاقلىق ژۇزنالىست ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىئون دولقۇن ياسىن ئۇچقۇن 1938-يىلى 5-ئايدا قورغاس ناھىيىسىدە شائىر،زىيالى ياسىن خۇدابەردى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1953-يىلى 8-ئايدا سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرىپ،1956-يىلى 7-ئايدا ئەلا دەرىجىدە ئوقۇش پۈتكۈزگەن.1956-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئونۋىرسىسىتى تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ژزۇرنالىستلىق كەسپىدە ئوقۇپ،قىزىل دىپلوم بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن.1963-يىلىغىچە <<تارىم>>ژۇرنىلىدا مۇھەرىر بولۇپ ئىشلىگەن.1968-يىلى 10-ئايدا تاشكەنتكە كۆچۈپ چىقىپ كەتكەن.1969-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ئالمۇتادىكى <<يېڭى ھايات>>ۋە <<ئۇيغۇر ئاۋازى>>گېزىتى رىداكسىيىلىرىدە ئىشلىگەن. ئۇ 1999-2000-يىللىرى ئۆزى باش بولۇپ مۇستەققىل ھالدا <<يېڭى زامان>>گېزىتىنى نەشىر قىلغان.
       شائىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1954-يىلى باشلانغان بولۇپ،ھازىرغا قەدەر <<تاش ئاستىدىكى گۈل>>،<<چىغىر يوللار>>،<<ھايات قوڭغۇرىقى>>،<<يەر ئاۋازى>>،<<ئۇپۇقلار>>،<<ئانا يەر مېھرى>>،<<گۈلنارەنىڭ دوستلىرى>>،<<تەشنالىق>>،<<يەر ئوغلىمەن>> قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان.دولقۇن ياسىن ئۇچقۇن ئەجرىگە مۇناسىپ ھالدا 2001-يىلى خەلقئارا نوبىل مۇكاپاتى فوندى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى 100 نەپەر ئىقتىساسلىق تۆھپىكارغا ئالتۇن مېدال بېرىش خىزمىتىدە 100كىشىنىڭ بىرى بولۇپ تاللىنىپ،2003-يىلى 11-ئۆكتەبىر كۈنى نوبىل مۇكاپاتى فوندى جەمئىيىتى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن قازاقىستاندا مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى <<ئىلياس جانسۇگوروۋ>>نامىدىكى مۇكاپاتنىڭ ساھىبى ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك<<ئىلھام>>مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، ئامرىكا پەن - مائارىپ،سەنئەت،سانائەت ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى بولغان.
       پەخىرلىك ئۇستازىمىز دولقۇن ھاجى ياسىن ئۈچ ئوغۇل بىر قىزنىڭ ئاتىسى ئىدى.ئەپسۇس،2005-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالمۇتادىكى ئۆز ئۆيىدە كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.مەرھۇمنىڭ جەسىتى ئالمۇتا <<دۇرۇجبا>>ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

    تەپەككۇر تورى    :مەنبە

    分享到:
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.