ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2013-04-24

    تەلكە تېغى - [ئىلى دىيارىدا]

    تەلكە تېغى

    شەمشىدىن ئابدۇراخمان

    چوققىلىرى كەڭ زىمىننىڭ سۇلتانىدۇر تەلكە تېغى،

    بۆك ئورمىنى، ھەرگىياھسى دۇردانىدۇر تەلكە تېغى،

    يارالمىشتىن گۈزەللىكنىڭ چولپانىدۇر تەلكە تېغى،

    يەتتەئېقلىم ھەسەت قىلار يىگانىدۇر تەلكە تېغى؛

    ئۇنتۇلغۇسىز تارىخلارنىڭ جەۋلانىدۇر تەلكە تېغى.

     

     

    "ئالمىلىق ساي" خۇددى جەننەت، بولار دىلكەش ھارغانلارغا ،

    غەمگۈزاردۇر مۇساپىر ھەم داۋان ئاشقان كارۋانلارغا،

    نەزەر سالساڭ شادلىنىسەن ئالما، ئۆرۈك... ، ھەر يانلارغا،

    سۈيى ئەلۋەك، ياپيېشىللىق  ،يىلان باغرى داۋانلارغا؛

    سەيلىگاھدۇر،چارچىغاننىڭ دەرمانىدۇر تەلكە تېغى.

     

     

    ئەنە تۇرار"قىيىن بۇلاق"  نامى بىلەن ئاتالغان ساي،

    ئۇيغۇر، قازاق، ئورۇس قەۋىم بىر تۇغقاندەك ياشىغان جاي،

    قول باغلىشىپ قارشى ئالار ،ئاق قىيىن ھەم، ئارچا،قارغاي،

    ،قوناق بولساڭ گۆش-قىمىزدىن،يايراپ تېنىڭ دەيتىڭ ھاي-ھاي،

    جەننەت كەبى دىيارىمنىڭ بوستانىدۇر تەلكە تېغى.

     

     

    كىرىپ كۆرگىن "چىۋىندى ساي"،"يىلاندى ساي"...يايلاقلىنى ،

    توپ-توپ چارۋا يايلاپ يۈرگەن  چوڭ-كىچىك" چارۋاقتى'نى ،

    مۆجىزىلىك سىلىق تاشلىق ،نامى داڭلىق" قايراقتى"نى ،

    سەيلىگاھلارئاسقان رەڭلىك لەۋھە-تەكلىپ، بايراقلىنى؛

    چارۋىچىنىڭ ئىللىق ماكان، پاناھىدۇر تەلكە تېغى.

     

     

    تامغىلىق تاش چېكىسىگە قالدۇرۇلغان سۇس بىر تامغا،

    بىر بۇتپەرەس بولۇمەن دەپ پىر- ئەۋلىيا، ئۆتكەن غاردا،

    نوم يادلاپ بولدۇم دەرمىش پىر-ئەۋلىيا، چىقىپ تاغقا،

    ئۇچىمەن دەپ سەكرىگەنمىش ئەشۇ تاغدىن چوڭقۇر ھاڭغا؛

    شۇندىن قالغان بۇ تامغىغا گۇۋاھچىدۇر تەلكە تېغى.

     

     

    تىز سۈرئەتلىك يول راۋاندۇر، ئاۋات قىلدى "كەڭ ساي"نىمۇ،

    ئېچىۋېتىش  يىپ-يېڭىدىن ئېچىۋەتتى بۇساينىمۇ،

    كەڭ ساي دىگەن نامى داڭلىق ئاۋات ئۆتەڭ  ئەسلىدىمۇ،

    قوناقلارغا داسقان يايار، ئېرىمچىك،سۈت... سارماينىمۇ؛

    ئەلۋەكچىلك، توقچىلىق ھەم دوستانىدۇر تەلكە تېغى.

     

     

    تارىخىنىڭ يالدامىسى، شاھىتىدۇر"گېنېرال ساي"

    مەرد ئوغلانلار كەچمىشىدىن ئىز قالدۇرغان تەۋەررۈك ساي،

    "كۆك سالا"غا چۈشمەي ئۆتمە بۆك باراخسان تېرەك، قارغاي،

    زوقلىنىسەن تەبىئەتنىڭ گۈل ھۆسنىگە قاراپ تىنماي؛

    ئەل-يۈرتۈمنىڭ ئىپتىخارلىق گۈلشەنىدۇر تەلكە تېغى.

     

     

     

     

    "كۇگۈن ساي"دا ساياھەتچى، ئەھلى مېھمان ئۈزۈلمەس ھىچ،

    قىزىپ كېتەر بەزمە، مەشرەپ ،ساھىبخانى  سەيلىگاھ غىچ،

    قايناپ تۇرار پاقلان گۆشى ئاڭا قوشۇپ سۈت، قىمىز ئىچ،

    تاغ ئۈستىدە ھوزۇرلانغىن  ساپ ھاۋالىق شۇنچىلىك تىچ،

    ئارام ئالساڭ ئارامگاھنىڭ ئوبدانىدۇر تەلكە تېغى.

     

     

     

    ئەقلىڭ لالدۇر "ئالمالىق ساي كۆۋرۈكى"نى كۆرسەڭ ئەگەر،

    مىڭ ئاپىرىن ئوقۇماستىن تۇرالمايسەن ئۆتسەڭ ئەگەر،

    كۆزۈڭ چاقنارئۇ تۇتاشقان توننىللارغاكىرسەڭ ئەگەر،

    ھاياجاننى باسالمايسەن نەزمە- قوشاق تۈزسەڭ ئەگەر؛

    تەرىپىنى ئاڭلىغاننىڭ ئارمانىدۇرتەلكە تېغى.

     

     

    سىرغىپ چۈشەر شاقىراتما قارغايزارنى ئارلاپ ئېقىىپ،

    ئۇرۇلىدۇ تاشتىن- تاشقا زەپ چىرايلىق ئۈنچە چېچىپ،

    تاغ كۆكسىدىن شوخشۇپ ئاققان ساپ سۈيىنى باقساڭ ئىچىپ،

    ئايرىلىشقا كۆزۈڭ قىيماس تەن ۋە روھىڭ شىپا تېپىپ؛

    چارچىغان روھ، نىمجان تەننىڭ لوقمانىدۇر تەلكە تېغى.

     

     

    "دۆڭ قارغاي"دىن ئېشىپ  ئۆتسەڭ ئايان بولۇر سايرام كۆلى،

    زەپ چىرايلىق تەلكە تاغنىڭ چېكىسىگە قىسقان گۈلى،

    ئەتراپلىرى چىمەنزارلىق، دولقۇن ياسار  كۆپكۆك سۈيى،

    مىھماندۇستتۇر يانباغرىغا قاتار تىككەن قازاق ئۆيى؛

    ساپ ھاۋاسى جانغا راھەت گۈلزارىدۇر تەلكە تېغى.

     

    مىنىڭ ئۈچۈن تۇتىيادۇر ھەر گىياھىڭ، ھەر بىر تېشىڭ، 

    ئۇنتۇلغۇسىز يالدامىدۇر،سەن ئۆتكۈزگەن ھەر كەچمىشىڭ،

    ئەۋلادلىرىڭ داۋام ئېتەر روناق تاپارقالغان ئىشىڭ،

    كېلەچىكىڭ پارلاق ھامان كۆككە يىتەر سېنىڭ بېشىڭ؛

    قالدى نۇرغۇن ئىزنا سەندە پىنھانىدۇر تەلكە تېغى

     

     2013.03.25

    分享到:
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.