The Wayback Machine - https://web.archive.org/web/20140801042729/http://www.blogbus.com/alfirat-logs/229902170.html
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2013-03-10

    شېئىر:يىراق تۇرغىن - [يازمىلىرىم]

    يىراق تۇرغىن

     

    رەزىللىككەسورۇن تۈزگەن كۆڭۈلچەكتىن يىراق تۇرغىن،

    ئاق نىيەتكەتۆھمەت-بوغچا  تۈگۈشمەكتىن يىراق تۇرغىن.

     

    مەردۇ-مەردان ،ئوت يۈرەكلەر چىلىشلاردا قۇچسا زەپەر،

    ھىچ ئەجىرسىز نىسىۋىنى بۆلۈشمەكتىن يىراق تۇرغىن.

     

    بولسۇن يۈرەك ئۆچمەس گۈلخان چىن سۆيگۈچۈن لاۋۇلدىغان،

    ساختا نازغا مەستخۇش بولۇپ سۆيۈشمەكتىن يىراق تۇرغىن.

     

    رەقىبىڭدىن ئازار يىسە پاك، بىغۇبار،سەرۋى جانان،

    ئەزىرائىلغا شاراپ تۇتۇپ كۈلۈشمەكتىن يىراق تۇرغىن.

     

    ئىزىڭ قالسا زەر يوللاردا، ئىزلىرىڭنى سۆيەر قوياش،

    غاپىللىقتا رەزىل بىلەن كۆرۈشمەكتىن يىراق تۇرغىن.


    زىمىستاندائوت مىھرىڭدىن ئىللىت مىسكىن كۆڭۈللەرنى،

    شەيىتان بىلەن كەيپى-ساپاسۈرۈشمەكتىن يىراق تۇرغىن.

     

    بەڭۋاش كۆڭلۈك باشلار سېنى ھەر بالاغا ھەتتا ھاڭغا،

    ئار نومۇسنى تەرك ئەتكەن"قەلەمقاشتىن "يىراق تۇرغىن.

     

    ھايات دائىم كۈلۈپ باقماس بار يولۇڭدا تىكەن گاھى،

    مەيۈسلىنىپ، قاپاق-يەڭلەرتۈرۈشمەكتىن يىراق تۇرغىن.

     

    كارۋانلارغا  توزاق قۇرۇپ،توسالماستىن چۆلدە قېلىپ،

     نائەھلىچۈن ئەتىۋارسىز ئۆلۈشمەكتىن يىراق تۇرغىن.

     

    ئىقبال تەختىڭ پارلاپ تۇرار،بول سەپەردە باتۇر-مەردان،

    نادانلىقتا روھى ئۆلگەن ئەلەمكەشتىن يىراق تۇرغىن.

     

    قەلەم يازسۇن ئۈمىد، ھەقنى، سۆكۈپ بەرمە ئۆز-ئۆزەڭنى،

    شۇڭا چوغلۇق روھى نىمجان قەلەمكەشتىن يىراق تۇرغىن!


    2013.03.01

    分享到:
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.