ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) function www_mbsky_com() { var Digital=new Date() var hours=Digital.getHours() var minutes=Digital.getMinutes() var seconds=Digital.getSeconds() if(minutes >
  • 2012-05-01

    شېئىر:كەتمىگىن - [يازمىلىرىم]

    كەتمىگىن

    (جەميەتتىكى بىر قىسىم ياشلارغا نەسھەت)

    ئىنسانسەن ھايۋاندەك ياشىما ھەرگىز،

    خىسلىتىڭ،ئەسلىڭدىن كەتمىگىن تېنىپ.

    ئاقىدۇ تېنىڭدا ئۇيغۇرنىڭ قېنى،

    تۇزكوردەك ئەجداتتىن كەتمىگىن چېنىپ.

     

    جەزبىدار يىگىتتىن ئەسەر يوق سەندە،

    ئاز كۈندە ئەرلىكتىن كەتمىگىن كېچىپ.

    قىلىقىڭ- مىجەزىڭ چوكان سېكىلەك،

    ئايالدەك جۈر دېسە كەتمىگىن قېچىپ.

     

    ئاتاڭنىڭ قولىغا قارىغىن، قاداق،

    ئىزنا ئۇ ،بىلەلمەي كەتمىگىن قېرىپ.

    بىلىپ قوي ئاتاڭنىڭ ۋۇجۇدى ساپتۇر،

    نومۇس قىل ئۆزەڭدىن، كەتمىگىن قېيىپ.

     

    جىن-شەيتان ئازدۇرسا ئازمىغىن بۇنداق،

    سەپ قويسا ئۇسۇلغا كەتمىگىن ھېرىپ.

    سەن يۈرۈپ مۇشۇنداق، چەشلەرنى تاشلاپ،

    ئۇھ تاتىپ خاماندىن كەتمىگىن بېرىپ.

     

     

    قارىغىن تۇرقۇڭغا ئەر مۇسەن،  ئايال،

    شۇ پېتى دوزاققا كەتمىگىن كىرىپ.

    چىلىشقا يۈرەكلىك چۈشەلمەي تۇرۇپ،

    ئەركەك دەپ مەيدەڭنى كەتمىگىن كېرىپ.

     

    نەزەر سال دەۋرانغا،  دوس،قېرىنداشقا،

    ئۈلگە ئال، ئەخلەتتەك كەتمىگىن چىرىپ.

    غورۇرۇڭ،ۋىجدانىڭ ،ئىمانىڭ قېنى؟

    ئەۋلادقا شۇمبۇيا كەتمىگىن تېرىپ.

     

    شۇ پەيلى مىجەزىڭ بولۇپ بىر قاتىل،

    ئىلىڭنىڭ باغرىنى كەتمىگىن يېرىپ.

    دىلىڭ ھەم تىلىڭمۇئۆزگۈرۈپ شۇنداق،

    ئاتاڭنىڭ ئىچىنى كەتمىگىن سېرىپ.

    2012.04.28

    分享到:
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.