- UID
- 1
- تىزىملاتقان
- 2010-5-19
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 200
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
يېزىقىمىز گۈزەل، تىلىمىز تېخىمۇ گۈزەل، ئەمما ئانا تىلىمىزغا ئۆرۈلگەن فىلىملەر ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۈن-سىن شىركەتلىرى چىقىم تارتىپ ئاۋاز ئارتىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئاۋاز بېرىپ بازارغا سېلىۋاتقان نادىر فىلىملەر بىزگە تېگىپ بولغۇچە نەچچە دەيچىنىڭ قولىدىن ئۆتۈپ، بىر دەيگە دەسسەپ قىستاپ دېگەندەك كۆچۈرۈلۈپ ئەخلەتكە ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بىر ئەخلەتنى ئىككى ئەخلەت قىلىپ Youku، 56 دېگەندەك سىن بېكەتلىرىگە توننىلاپ يوللاپ، ئۇلىنىش ئادرېسىنى بېتىگە چاپلاپ ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇۋاتقان، ۋالدۇر-ۋۇلدۇر ئېلانلار بىلەن جۇاڭشىيۇسىنى قىلاپلا مەيدانغا كېلىۋاتقان كىنو تور بەتلىرىگە قۇلاققىچە كېكىرىپ كەتتۇق. شۇ سەۋەبتىن سۈزۈك، پاكىز بولغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمگە ئۆگىنىپ كەتتۇق. لېكىن 、、ئاشۇ ئەخلەت ئارىسىدا قالغان تىلمۇ ئۆزىمىزنىڭ، شۇڭا ئەخلەت ئارىسىدىن تىلىمىزنى سۈزۈپ ئېلىپ، سۈزۈك فىلىمگە چاپلاش ئىرادىسىگە كەلدۇق. ئەمما بۇمۇ ئەستايىدىللىقنى قاتتىق تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش، شۇڭا تۆۋەندە مەن ئۇشبۇ ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن، لېكىن بۇ يەردە ئەنسىرەيدىغىنىم، چالا موللا ئادەم ئۆلتۈرەر دەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئاندا-مۇندا قىلىپ قويۇپ، يەنە بىر نۆۋەت ئەخلەتنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى، شۇڭا بۇ ئىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگەنلەر ئۆزۈڭلارغىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويساڭلار.
1. تۆۋەندىكى دېتالنى چۈشۈرۈپ، بىزگە لازىملىق بولغان ئاۋازنى تەييارلىۋالىمىز.- http://www.moying.cn/setup/moying.exe
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش ھۆججەت قوشۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ھۆججەت قوشۇۋالىمىز.
ئاندىن ئاۋازغا ئايلاندۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ چىققان كۆزنەكتىن AAC ياكى AC3 شەكىلىنى تاللاپ ئايلاندۇرۇشقا باشلايمىز.
شۇنىڭ بىلەن ئاۋاز تەييار بولدى دېگەن گەپ.
2. ئاۋاز بىلەن كىنونى بىرىكتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى دېتالنى چۈشۈرىمىز.- http://power2.onlinedown.net/down/mkvtoolnix-unicode-5.9.0-setup.zip
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش تەييارلىۋالغان ئاۋاز بىلەن كىنونى دېتالغا تاشلاپ، ئەسلى بار بولغان ئاۋازنى چىقىرىۋېتىپ، ھەمدە فىلىمنى تاللاپ تۇرۇپ، رام سانىنى 25 قىلىپ، بىرىكتۈرىمىز.
بېرىكتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن كۆزنى يوغان ئېچىپ، قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ، ئىنكاسنى ئىتتىك قىلىپ فىلىمنى كۆزىتىمىز، سۈرەت بىلەن ئاۋاز پەرقىنى تېپىپ چىقىپ، ئاۋازنى سۈرەتكە ماسلاشتۇرۇپ يۆتكەيمىز، ئاۋازنىڭ ئىلگىرى كېيىن سۈرىلىشى، پلۇس، مىنۇس بەلگىلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
ms دېگەن دەقىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر 2 سېكۇنت پەرق بولسا، ئۇ يەرگە 2000 دەپ تولدۇرىمىز، ئاندىن بېرىكتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
ئاندىن يەنە كۆزىتىمىز، نەدە يەنە ماسلاشمىغان ئەھۋال بولسا شۇ يەردىن كېسىپ بىز ماسلاشتۇرۇۋالغان قىسىمىنى ساقلاپ، ماسلاشمىغان قىسىمىنى داۋاملىق ماسلاشتۇرىمىز. مەسىلەن بىز 44-مىنۇتىدا ماسلاشمىغان ئەھۋال بايقىغان بولساق، تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات ئېلىپ بارىمىز.
قانچە يەردە خاتالىق بولسا شۇنچە يەردىن كېسىپ توغرىلاشقا توغرا كېلىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئەڭ ئاخىرىدا پارچىلىغانلىرىمىزنى بېرىكتۈرىشىمىز لازىم. بىرىنچى پارچىسىنى تاشلاپ بولۇپ دېتالغان، ئاندىن قالغانلىرىنى شۇنىڭ كەينىدىن تۆۋەندىكى كۇنۇپكا ئارقىلىق قوشىمىز، ئاخىرىدا بېرىكتۈرسەكلا بىر پۈتۈن نەرسىگە ئايلىنىدۇ.
بەزىبىر قىلىقسىز دەيچىلەر بىر ئوبدان فىلىمنى كېسىپ بەزى يەرلىرىنى چىقىرىۋېتىدىكەن، ساغلام بولمىغان مەزمۇننى كېسىش بەرھەق، ئەمما ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوقلا جىق يەرلىرىنى كېىسىۋەتكەن فىلىم بىزنى قىيناپ قويىدۇ. شۇڭا ئۇنداق يەرلەرگە ئاۋاز يوق بولۇپ قالىدۇ، بېكتىمىزدىكى قىسمەن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنىڭ بەزى يەرلىرىدە ئاۋازىنىڭ چىقماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئاشۇ شۇ، ئەگەر ئۇنداق ئاۋازسىز قويمايتتىم دەيدىغانلار بولسا فىلىمدىكى ئاۋاز يوق يەرنى كېسىۋېتىپ بېرىكتۈرسەك بولىدۇ.
|
|