- UID
- 816
- تىزىملاتقان
- 2011-3-10
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 90
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
چېڭ توڭ بوشلۇقىغا قانداق تىزىملىتىدۇ ، مەن پەقەت قاملاشتۇرالمىدىم ئاققىركا .
بۇ ئىنكاسىڭىزنى تەپسىلى كۈرۈپ چىقتىم ، سىز دىگەندەك بولسا ، بىزدەك فىلىم يوللايدىغانلارغا تولىمۇ ماس كىلىدىكەن .
مەن ئادەتتە چاقماق بىلەن ، 115 بەكرەك ياقتۇرمەن .
چاقماققا كەلسەك .
1- ھازىرغىچە بوشلۇقلارنىڭ ئىچىدە چىقىرىلغان ماتىرىياللارنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتمەيدۇ . (سىن ماتىرياللىرىغا ئازراق ھۇنەر ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ )
2-ئىلتىماس قىلىش ياكى توردۇكانلىرىدىن سىتىۋىلىش ئارقىلىق سىغىمىنى 10ت دىن چوڭراق قىلىپ چوڭايتىۋالغىلى بولىدۇ ، بۇ مەڭگۈلۇك . (چەكلىنىپ كەتمىسىڭىزلا )
3-چاقماققا چىقارغان ھەرقانداق ماتىرىياللارنى ئۈزىڭىزنى چاقماق بوشلۇقىغا مىنۇت ئىچىدە يوتكىۋالالايسىز .
4-ماتىرىيال چىقىرىش سۈرئىتى ئىنتايىن مۇقۇم ، گەرچە تىز بولمىسىمۇ تورسۈرتىڭىزگە ئاساسەن ، ئۈزى ئەڭ يۇقۇر چەكنى قوغلاشقان ئاساستا ماتىرىيال چىقىردۇ .(يىقىندا تەكشۇردىغان ئىشنى قوشۇۋالدى بىراق )
5-ھەمبەھىرلىگەن ماتىرىيالىڭىز ، ئەرىز قىلىنمىسا ، ساقلىنىش ۋاقتى ئەڭ ئۈزۈن .
6-ئارقا سۇپىسىدىكى بوشلۇقىڭىزنىڭ چىكى يوق ، بۇنىڭدىنمۇ بەلگىلىك دەرجىدە پايدىلىنىش قىممىتى بار .
كەمچىلىكى :
ھەقلىق ئەزالىق كەسپىنى ئاچقۇزمىغانلارنىڭ ماتىرىيال چۈشۈرىشىگە كاشىلا پەيدا قىلىپ ، ماتىرىيالنى چۈشۈرمەيدىغان ياكى ئەڭ تۈۋەن چەكتە چۈشۈرۈپ بىرىدۇ .
115 بولسا .
بۇرۇنقىسىنى دىمەيلا قوياي ، ھەقلىق ئەزا بولسىلا ، ئاساسەن بۇنىڭدىن غەم يىمەي ئۆتەتتۇق .
1-بوشلۇققا چىقىرىلغان ماتىرىياللارنى بىيۋاستە قويۇپ ، ھەتتە ئۆتكۈزۈپ بىمالال كۈرۈش ئىمكانىتى بار .
2-سىغىمىنى خالىغانچە چوڭايتالاسىز . 1ت دىن 1000ت غىچە ، (بىراق ھەقلىق 1ت بوشلۇقنى 2 يۇندىن 10 يۇنگىچە ) بىراق بۇ مەڭگۈلۇك ، پەقەت سىز 115 تەرەپتىن توڭلىتىۋىتىلمىسىڭىزلا .
3-بۇنىڭمۇ ماتىرىيال چىقىرىش سۈرئىتى ئىنتايىن مۇقۇم ، تور سۈرئىتىڭىزنىڭ ئەڭ يۇقۇر چىكى بويىچە مۇقۇم چىقىرىدۇ .
4-ھەقلىق ئەزالاردىن باشقا ئادەتتىكى ئەزالارنىڭ 3قىتىمدىن 5قىتىمغىچە دوسلارغا ماتىرىيال ئەۋەتىش ھوقوقى بولمايدۇ ، ( مەن ئىككى دوستۇم بىلەن سىناپ باقتىم ، باشقىلارنىڭ ياكى باشقا رايۇنلاردا قاندا بۇنى بىلمەيمەن )
بۇندا بولغاندا فىلىملىرىڭىزنى خالىغانچە باشقىلارغا ئەۋەتىپ ئەمگىكىڭىزنىڭ دەپسەندە بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
مۇشۇ سەۋەپلەر تۇپەيلى مەن بۇ 2 بوشلۇقنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىمەن ، شۇڭلاشقىمۇ دوسلارغا بۇنى تەۋسىيە قىلىمەن .
بىراق ئاققىركامنىڭ بايانىنى ئاڭلاپ ، ماۋۇ چېڭ توڭ بوشلۇقىنى سىناپ بىقىش ئىستىكىگە كىلىپ قالدى .
ناۋادا مۇشۇ چېڭ توڭ بوشلۇقىغا تىزىملىتىشقا ياردەم قىلغان بولسىڭىز ياكى قىلىدىغانلار بولسا ، تولىمۇ مەمنۇن بولغان بۇلاتتىم ۋە مەنمۇ ياردىمىمنى ئايىمىغان بولاتتىم .
مەن بوشلۇق تىزىملىتىشتا بۇندا قىينىلىپ باقمىغان ، ماۋۇ چېڭ توڭ دىگەن زىخىيەنكىگە پەقەت تىزىملىتالمىدىم دىسە . |
|