ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

شەمشەر تورى 5-قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2635 16
شەمسى ۋاقتى: 2012-9-24 19:44:15 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىسمى:
شەمشەر تورى
خەنزۇچە ئىسمى:
刀剑神域
دۆلىتى:
ياپونىيە
تۈرى:
ئويۇن، فانتازىيە، ھەرىكەتلىك
تىلى:
ياپونچە
يېزىقى:
ئۇيغۇرچە
فورماتى:
RMVB
ۋاقتى:
2012-07-07
IMDb:
tt2250192
رازمېرى:
720×396
سىغىمى:
25CD×156
ئۇزۇنلىقى:
23~26
باش رولچىلار:
كىرىتو- ماسۇموكا يوشىسۇگۇ
ئاسۈنا- توماسۈ خارۇكا
رىفا (كىرىتونىڭ سىڭلىسى) - تاكېتاسۇ ئايانا
كۇرايىن- خىراتا خىروئاكى («دېڭىز قاراقچىلىرى شاھى» دىكى سانجىغا ئاۋاز بەرگەن ئادەم)
كايابا ئاكىخىكو - يامادېرا كوئىچى
شىرىكا - خىداكا رىنا
ساچى - خايامى سائورى
رىزۈ- تاكاگاكى ئاياخى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
بۇ يىل 7- ئاينىڭ 7- كۈنى كاۋاخارا رېكىنىڭ بازارلىق رومانى «شەمشەر تورى» غا ئاساسەن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق چاتما كارتون فىلىم TOKYO MX قاتارلىق توققۇز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلۇشقا باشلىغان . بۈگۈنگە قەدەر ھەپتىدە بىر قىسىم يېڭىلىنىپ 9- ئاينىڭ 2- كۈنى 9- قىسىمى قويۇلۇپ بولىدى. ئورگان بېتىدە ئېيتىلىشىچە بۇ كارتون فىلىمنى 25 قىسىم قىلىپ ئىشلىنىش پىلانلىنىپتۇ. (ئاپتورنىڭ ‹تېزلەتمە دۇنيا )加速世界 (› ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كارتون فىلىممۇ بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ قويۇلۇۋاتىدۇ)
قىسقىچە ۋەقەلىكى:
2022‏- يىلى ئىنسانلار مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى شېركىتى «ARGUS» رېئاللىق ۋە مەۋھۇم دۇنيانى تۇتاشتۇرغۇچى «NERvGear» نى ياساپ چىقىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا تالانتلىق لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو مىسلى كۆرۈلمىگەن RPG تور ئويۇنى «شەمشەر تورى» (Sword Art Online) نى لاھىيىلەپ چىقىدۇ. ئويۇن بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن قاتتىق بازار تېپىپ تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنغان ئونمىڭ دانە خاتىرە نۇسخىسى تېزلا سېتىلىپ تۈگەيدۇ. ئويۇنچىلار تەقەززا ئىچىدە «NERvGear» دەپ ئاتىلىدىغان دۇبۇلغىنى تاقىشىپ مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز بۇ ئويۇندا چېكىنىش كۇنۇپكىسىنىڭ يوقلىغىنى بايقىشىدۇ. كېيىن مەلۇم بولىدۇكى بۇ ئويۇننىڭ يوچۇقى بولماستىن لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان ئىش ئىدى. بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى شەمشەر تورىدىن چېكىنىشنىڭ بىردىن-بىر ۋاستىسى بولسا بۇ ئويۇندىكى 100 قەۋەتكە بۆلۈنگەن قەلئە ئاينكراتتونىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنى ئازاد قىلىش ئىدى. باش قەھرىمان كىرىتو «شەمشەر تورى» نىڭ يېپىق سىنىقىغا قاتناشقان بولغاچقا باشقا ئويۇنچىلار بىلمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەردىن خەۋەردار ئىدى...
تېزرەك شەمشەر تورىنى ئازاد قىلىپ رېئال دۇنياغا قايتىش ئىستىگىدە بارلىق ئويۇنچىلار دەرىجە ئۆستۈرۈشكە ئاتلىنىدۇ. ئەمما بىر ئاي ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 2000 غا يېتىدۇ... كىرىتو بولسا يېپىق سىناققا قاتناشقانلىقى تۈپەيلى باشقىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ «بېكىنمىچى» (يېپىق سىناققا قاتناشقا ھەم ساختىپەزلىك قىلغان ئويۇنچى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما كىرىتو باشقىلار ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە تېز دەرىجە ئاشۇرۇپ ئەڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئاتامانلار بىلەن يالغۇز ئېلىشقۇدەك دەرىجىگە بارىدۇ. ئاستا-ئاستا پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئويۇننى داۋاملاشتۇرىۋاتقان كىرىتو، يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە دوستلىرىنىڭ تەسىرىدە ئەتراپىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇلارنى قوغداشقا باشلايدۇ ...











ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى2
ناچار
ناچار1

ئىسىل پاراڭلار16

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
مۇز ۋاقتى: 2012-9-24 20:02:53 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ كارتوننى كۆرۈپمۇ باقمىدىم ۋاقىت يوق
ئەمدى بىكار ۋاقىت كۆپ بۇكىنو 1 سومغا چۇشلۇقمۇيا؟
يىكەنداز
ۋاپاسىز ۋاقتى: 2012-9-24 22:04:28 | ئايرىم كۆرۈش
بىرسومغا ئەرزىگۈدەك فىلىم بۇ تىزدىن بانكا كارتىسى بىجرەي
گېلەم
سۈرخان ۋاقتى: 2012-9-25 11:07:25 | ئايرىم كۆرۈش
ئالە شەرىڭنى، ئىش مۇرەككەپلىشىپ كەتتىغۇ؟ بۇ كارتوندا يالغۇز ئويۇنلا تەسۋىرلىنەمدىكىن دېسەم، ئەمدى مۇرەككەپ بىر دېلوغا چۈشۈپ كەتتى. ئاخىرى قانداق بولار دەپ يامان تىت تىت بولۇپ كېتىۋاتىمەن، بولۇپمۇ 5قىسىمدىلا 57-قەۋەتكە چىقىپ بولغىنىدىن قارىغاندا فىلىمنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ئويۇندا ئەمەس بەلكى پىرسوناژلار ئارىسىدىكى ۋەقەلىككەن. راستلا ئېسىل فىلىمكەن بۇ.
7:30غا ساقلىدىم ئەمىسە
كىگىز
ناخرۈس ۋاقتى: 2012-9-25 12:20:33 | ئايرىم كۆرۈش
باللا مەن كىمۇ؟
ئورۇندۇق
باپكار ۋاقتى: 2012-9-25 12:30:32 | ئايرىم كۆرۈش
مەن تايىنلىق 10 قىسىم چىقىپ بولغاندا چۈشۈرەي جۇما
داق يەر
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-9-25 14:52:07 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 11:07
ئالە شەرىڭنى، ئىش مۇرەككەپلىشىپ كەتتىغۇ؟ بۇ كارتوندا  ...

باشتا مەنمۇ سىزدەك ئويلىغان، كېيىن قارىسام ئاساسلىي ۋەقەلىك ئويۇننى ئازاد قىلىشتا ئەمەس، مۇشۇ ئويۇندىكى باش قەھرىمانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھېسسىياتتا ئىكەن. ئەمما ۋەقەلىك ئويۇن ئىچىدە راۋاجلانغاچقا ئادەمگە بىر خىل ئۆزگىچە تۇيغۇ بېرىدىكەن...
مىخ
lucifir ۋاقتى: 2012-9-25 17:20:45 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ سەل ئادالەتسىزلىك بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق ،120مىنۇتلۇق كىنومۇ 1سوم25مىنۇتلۇق كىنومۇ بىرسوممۇ  ئەمدى؟
9#
lucifir ۋاقتى: 2012-9-25 17:23:00 | ئايرىم كۆرۈش
ناخرۈس يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 12:20
باللا مەن كىمۇ؟

ئادىشوي ئۆزەڭنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەمسە بېرىپ ئاپاڭدىن سورا بولمىسا كىملىكىڭگە قارا بىز قانداق بىلىمىز سىنىڭ كىملىكىڭنى؟

باھا سۆز

بۇ مەنغۇ؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-9-25 18:27
10#
سۈرخان ۋاقتى: 2012-9-25 18:27:29 | ئايرىم كۆرۈش
lucifir يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 17:23
ئادىشوي ئۆزەڭنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەمسە بېرىپ ئاپاڭدى ...

بۇ مەنغۇ؟
11#
lucifir ۋاقتى: 2012-9-25 22:53:08 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 18:27
بۇ مەنغۇ؟

ۋوي سۈرخان قارىمكەن ئەمەسمۇ بۇ لىكىن مەن چاخ چاخ قىلغان جۇمۇ ئېغېر ئېلىپ كەتمەڭ!
12#
ناخرۈس ۋاقتى: 2012-9-28 12:26:51 | ئايرىم كۆرۈش
lucifir يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 22:53
ۋوي سۈرخان قارىمكەن ئەمەسمۇ بۇ لىكىن مەن چاخ چاخ قىلغ ...

ھېچقىسى يوق، بىز دېگەن قەشقەلىك، سېسىق گەپكە كۆنۈك
13#
قاتىل ۋاقتى: 2012-10-6 23:58:45 | ئايرىم كۆرۈش
ئەي باللا قەشقەلىك لانېي تولا چۇشۇمەيلې جېما ئە توۈا ماۈۇ باللا نې
14#
قاتىل ۋاقتى: 2012-10-7 13:27:08 | ئايرىم كۆرۈش
باللا قېتېپ قېلېۈاتېدۇ ئامال قېلفايسېلە
15#
فارۇخ ۋاقتى: 2013-2-7 19:19:13 | ئايرىم كۆرۈش
بەشىنچى قىسىمىغا كېلىپ قارسام پۇللۇقكەن بىزدەك ماڭقىلادا قانداقمۇ پۇل بولسون ،شۇنداق قىززىققان ئېدىم بىكالىقى يوقمىدۇ بۇ فىلىمنىڭ بەك قيلىنىپ كەتتىم كۆرەممەي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1