ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

تۇخۇ ئەتنى كۆردىڭىزمۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
16#
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-2-22 19:55:24 | ئايرىم كۆرۈش
بۇرادەر قارىسام ‹‹ تۇخۇئەت ›› دەپ يېزىلىپ قاپتۇ. تۈزۈتۈپ قويساڭلار بولغۇدەك ‹‹ توخۇئەت ››.....
17#
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-2-24 16:43:17 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-24 16:44  

توخۇئەتنى تۈنۈگۈن سالامەت كۆرۈپ بولۇپتىمەن. ئەمدى، مەنمۇ ئاز-تولا كوتۇداشنى توغرا كۆردۈم. فىلىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى يىغىنچاقلىغاندا، ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى قەستلەش ئۈچۈن قورۇلغان توزاقنىڭ ھامان بىر كۈنى شۇ كىشىنىڭ بېشىغا چىقىدىغانلىقىدەك تۇرمۇش ھەقىقىتى بۇ فىلىم ۋەقەلىكى ھەقىقىي يورۇتۇپ بېرىپتۇ. شۇنداقلا، كونىلارنىڭ ‹‹ كىشىگە قىلساڭ، ئۆزۈڭگە يانىدۇ ›› دېگەن ھېكمىتىنى يورۇتۇپ بېرىپتۇ.
ئەمدى فىلىم ۋەقەلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتسەم ماڭا نېسبەتەن فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەر ئانچە قورقۇنۇچلۇق بىلىنمىدى. ئەكىسچە، ناھايىتى ھاياجانلىنىپ ئولتۇرۇپ كۆرۈپتىمەن لېكىن، مېنى ئەڭ قورقۇتقان يەر بولسا، قەبرىستانلىقتىن ئۆتكەن ۋاقىتتا، ھېلىقى مۇردىلارنىڭ يەرنى كولاپ، چىققان يەرلىرى بولدى. ئەمدى، قىزىقارلىق يەرلەرنى ئېلىپ ئېيتىساق فىلىمدە قىزىقارلىق يەرلەر خېلى كۆپ ئىكەن. فىلىمنىڭ قىزىقارلىق بولۇشىدا چېمىپ (چېمپىيون) بىلەن L.R سىتايىن ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپتۇ. ھەر قېتىملىق جىددىي پەيتلەردە چېمپىيون قىزىقارلىق ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزلەر ئارقىلىق فىلىمنىڭ قىزىقارلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى يورۇتۇپ بېرىپتۇ. مەسىلەن: ھېلىقى  L.R سىتايىن ئۆيىدە كىتابنىڭ ئىچىدىن ھېلىقى يوغان ئورانگوتان چىققان ۋاقىتتا چېمپىيوننىڭ قورقۇپ سەت چىرقىرىشى بىلەن ئورونگوتاننىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھۆركىشى ھەرقانداق ئادەمنى تېلىقتۇرۇپ قويغىدەك كۆرۈنۈش بولۇپ يارتىلىپ چىقىپتۇ. يەنى ئالايلۇق ماشىنىنىڭ ئىچىدە چېمپىيوننىڭ شۇنداق جىددىي كەيپىياتتا،  L.R سىتايىن نى بىللە سۈرەتكە چۈشەيلى دەپ - كىشمىش دەڭ دەپ رەسىمگە چۈشكەن يەرلىرى ۋە  L.R سىتايىننىڭ تېلفوننى دەرىزىدىن سىرتقا تاشلىۋىتىشى، تاللا بازىرىنىڭ ئىچىدە، ھېلىقى تەنتەربىيە كوسىرى ۋە تەنتەربىيە ئايىغى كېيىۋالغان كۆك بۆرىنىڭ ماڭقىسىنىڭ  L.R سىتايىن يۈزلىرىگە ئېقىپ كېتىشلىرى ۋە  L.R سىتايىننىڭ ئەتىر چاچقاندىكى ھالەتلىرى فىلىمدىكى ئەڭ قىزىقارلىق كۆرنۈشلەر ئىكەن.
ئەمدى مېنى ھاياجانغا سالغان تەرەپلەر بولسا فىلىمدە خېلى كۆپ، ئۇلارنى دېسەم فىلىم ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ چۈشۈپ كەتكۈدەكمەن. گەپنى يېغىنچاقلىغاندا، بۇ فىلىم مەيلى سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى، فانتازىيە، ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈش، ۋەقەلىك، قىزىقارلىق بولۇش، كىشىنى ھاياجانغا سېلىش، فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەقىقەتەن ئىسىل فىلىم ئىكەن. دوستلارنىڭ بىر كۆرۈپ قويۇشىنى ۋە ساقلاپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. فىلىمنىڭ ئاخىرىدىكى كۆرۈنۈشلەر ماڭا فىلىمنىڭ داۋامى باردەك تۇيغۇ بەردى. بەلكىم، كېيىنكى بۆلۈملىرى تېخىمۇ ئىسىل بولۇشى مۇمكىن.
ئەمدى مېنى ئويلاندۇرغان بىر تال سوئال پەيدا بولدى. يەنى، سىلاپى نېمە ئۈچۈن ھەرقېتىمدا  L.R سىتايىننى دادا دەپ چاقىرىدۇ؟   L.R سىتايىن ھېكايىنى يازغان ۋاقىتتا سىلاپىنى ئوغلۇم دەپ تەسۋىرلىگەنمۇ ياكى سىلاپى  L.R سىتايىننىڭ راستلا ئوغلىمۇ........ۋە ياكى مەن بۇ ئىشقا نېسبەتەن خاتا چۈشەنچىدە بولدۇممۇ؟ دوستلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى دەپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. دېمىسىمۇ، فىلىم ۋەقەلىكىدە ھېچكىممۇ سىلاپىنىڭ  L.R سىتايىننى دادا دەپ چاقىرىشىنىڭ سەۋەبىنى سوراپمۇ قويمايدۇ. شۇڭا، بۇ ئىش مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.....
ئاخىرىدا دوستلارنىڭ مۇشۇنداق ئويۇنلارغىمۇ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن. كىنو كۆرۈش نوقۇل ھالدا كۆڭۈل ئېچىش ۋە كاللىنى دەم ئالدۇرۇشلا ئەمەس. بىز كىنو كۆرگەن ئىكەنمىز چوقۇم شۇ كىنودىن مەلۇم بىر ئۆزىمىزگە پايدىلىق تەرەپلەرنى ھېس قىلىشىمىز شۇنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. شۇندىلا كىنو كۆرگەننىڭ ئەھمىيتى بولىدۇ......
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +50 يىغىش سەۋەبى
rohqin + 50 قالتىس

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +50

18#
ئەلشاھ ۋاقتى: 2016-2-25 13:05:32 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 13:06  

غەلىتە مەخلۇقلار كىرىپ كەتكەندە ھەممىمىز ئازاپلاندۇق،  خەننا نېمىشقا قايتىپ كېلىدۇ؟ ستايىن نېمىشقا خەننانى قايتا يازىدۇ؟
19#
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-2-25 16:09:48 | ئايرىم كۆرۈش
ئەلشاھ يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 13:05
غەلىتە مەخلۇقلار كىرىپ كەتكەندە ھەممىمىز ئازاپلاندۇق ...

سىتايىن، زەك بىلەن خەننانىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ۋىسال تېپىشى ئۈچۈن، خەننانى قايتۇرۇپ كېلىدۇ ۋە ئۇنى يازىدۇ.
20#
ئەلشاھ ۋاقتى: 2016-2-26 17:19:11 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 16:09
سىتايىن، زەك بىلەن خەننانىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش  ...

فلىمنىڭ ئاشۇ يېرى ئارتۇق بوپ قاپتۇ.
21#
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-2-26 17:22:13 | ئايرىم كۆرۈش
ئەلشاھ يوللىغان ۋاقتى  2016-2-26 17:19
فلىمنىڭ ئاشۇ يېرى ئارتۇق بوپ قاپتۇ.

ياق ئارتۇق ئەمەس..... بۇ فىلىمنىڭ 2- بۆلۈمىمۇ باردەك قىلىدۇ. شۇڭا، خەننا كېيىنكى بۆلۈملىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا، خەننا قايتىپ كەلمىگەن بولمىسا، ھەممەيلەن ئەپسۇسلىنىپ قالاتتۇق.
22#
ahsa520 ۋاقتى: 2016-3-15 17:54:33 | ئايرىم كۆرۈش
man quxuramidim
23#
ahsa520 ۋاقتى: 2016-3-15 17:54:58 | ئايرىم كۆرۈش
adirsini tahirlap kuyalamsila
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


3ئەگەشكىنى

2پىنتوزىلىرى

21تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1